پائالىيەتلەر

مائارىپ جەمئىيىتىدە 10 -ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

جەمئيىتىمىز تەرىپىدىن ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ئۇچرىشىش يىغىنى بۇ 10- ئاينىڭ 07 – كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 6:30 دا جەمئىيەت مەركىزدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا جەمئىيەت باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش باشلانغان بۇلۇپ، جەمئىيەتنىڭ سەڧاكۆي شۆبە باشلىقى ئەنۋەر قارىم يېقىملىق ئاۋازى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى.

كېيىن جەمئىيىتمىزنىڭ باش نازىرى ئۇستاز ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلدى. ئۇستاز ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە «ئاللاھنىڭ نېئىمىتىنى تونۇش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى قانداق تونۇشى كېرەكلىكى، نېئمەتنى تونۇمىغاندا قانداق بولىدىغانلىقى، نېئمەتنى قەدىرلىگەن كىشىگە ئاللاھنىڭ ھەسسىلەپ بېرىدىغانلىقى، تۇزكورلۇق قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ قاتتىق ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەر بىر مۇئمىننىڭ مۇھەببەت نەپرەت، دوست – دۈشمەن مەيدانى ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەتراپلىق توختالدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى ناماز شامدىن كېيىن داۋام قىلدى، يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئابدۇلقادىر ياپچان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە سىياسى ئىددىيە توغرىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەردە قانداق رەزىل سىياسەت ئويناۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەپسىلى توختالدى.

ئابدۇقادىر ياپچان سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى ئالدى بىلەن ئىددىيىنى ئازاد قىلىش كېرەكلىكىنى، ئىددىيە ئازاد بولماي تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئازاد بولغان بولسىمۇ ئۇ يەردە ياشايدىغان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىددىيىسىنىڭ تېخىچە ئازاد بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى، دوست كىم، دۈشمەن كىم ھەققىي دوستنى تونىماستىن، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىنى خىتاي ۋە رۇسىيىگە سېتىپ خەجلەۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە بۇنىڭ ئىددىيىنىڭ ئازاد بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close