خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا، 1933- ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش يىغىنى

ئىستانبۇلدا، 1933- ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش يىغىنى

ئەسسالام ئەلەيكۈم ۋۋب. ئەزىز  قېرىنداشلار! ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 12 – نويابىر كۈنى، تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل دەۋلىتىمىزنىڭ، (يەنى 1933 – يىلى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ) 85- ۋە 74 – خاتىرە يىلى شۇنداقلا رەسمىي دۆلەت بايرىمىمىزدۇر.

قەھرىمان ئەجداتلىرىمىز ئەينى چاغدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قېيىن ۋەزىيەتلەرگە بوي ئەگمەستىن، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ، ئىككى قېتىم مۇستەقىل ۋە سىستېمىلىق دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق يوقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان مىللىتىمىزگە كىملىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ئازادلىقى، شان – شەرىپى ۋە غۇرۇىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنى مىننەتدارلىق ۋە چۇڭقۇر ئىھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز، ئاللاھ ئۇلارنى ئاخىرەتتە  ئەزىز ۋە مەقامىنى ئۈستۈن قىلسۇن! ئامىن!!!

12 – نويابىر، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن مىللىي ۋە سىياسىي كىملىكىگە ئىگە  بولغان كۈنىمىزدۇر. بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىز ۋە شانلىق ئېسىل كۆك بايراقىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىمىزنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا ئىزچىل، قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىگە شۇنداقلا ئازادلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش مۇجادىلىسىگە تۈرۈتكە بولوپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر قىممەتلىك ئەنگۈشتەرىمىزدۇر.

ئەزىز  قېرىنداشلار، تاجاۋۇزچى تېررورىست خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى ۋە زۇلۇملىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ھازىرقى مەزگىلدە، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىزنىڭ قىلىشقا  تېگىشلىك ئەڭ موھىم ۋەزىپىمىز ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك  بايرىقىمىزغا، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئىسمى ۋە سىياسىي كىملىكىگە، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىغا، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئىگە چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.
12 نويابىر كۇنى ئىستانبۇلدا جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئوتكۇزىلىدۇ. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ كىلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. تارىخ : 11- ئاينىڭ 12- كۇنى دۇشەنبە. كەچ سائەت 6 …. يەر ، زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيەسى ئاق دېنىز سالۇنى. ( دېڭىز ساھىل تەرەپتىكى )
ھۆرمەت بىلەن :  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىگى .

 

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close