خەۋەرلەر

خىتاي يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

خىتاينىڭ خوتەندىكى  ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

خوتەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۇ يىل 29-ئىيۇن يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى خوتەندە 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەر مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئوخشىمىغان گۇمانلار تۇغۇلغان؛ بېزىلەر خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىق ئەنئەنىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋەقەنىڭ ياسالما بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە؛ يەنە بېزىلەر رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى پەرەز قىلىشقان. ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان ھاۋالىنىپ 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 6 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئۇچقۇچىنىڭ كابىنتىغا ھۇجۇم قىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورال ئاجىز كېلىپ، كابېنتنىڭ ئىشىكىنى ئاچالمىغان. ئاندىن ئۇلار بىلەن ئايروپىلاندىكى ساقچى، مۇلازىمەتچى ۋە يولۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن 21 كىشى يېنىك، 3 نەپىرى ئېغىر يارىلانغان. ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

بۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتى مەزكۇر ۋەقەدىن ئامان قالغان 4 گۇماندارنىڭ ئۈچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، بىرىگە بولسا مەڭگۈلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار، ئالىم مۇسا، ئابابەكرى ئىبراھىم، ئەرشىدىنقارى ئىمىن، مۇسا يۈسۈپ، ياسىن مەمەت، ئۆمەر ئىمىن قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن ئامان قالغان 4 نەپىرىدىن مۇسا يۈسۈپ، ئەرشىدىنقارى ئىمىن ۋە ئۆمەر ئىمىن ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇشتا باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى سوتتا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان. گۇماندارلاردىن ئالىم مۇساغا مەڭگۈلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە مەھكۇملار، تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجىرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مەزكۇر ھۆكۈم ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە خەۋەر مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىڭ راستلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھۆكۈم مۇستەقىل سوت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمنى سىياسىي بىر ھۆكۈم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەگەر ۋەقە راست بولغان ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى تىنچ يول بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەشكە يول قويمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك دېدى. سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ۋەقەنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى:

سوئال: ئاڭلىغىنىڭىزدەك، خوتەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۈگۈن خوتەندە ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلارىدىن 4 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان، بۇلار تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 3 نەپىرى ئۆلۈمگە، بىر نەپىرى مەڭگۈلۈك قاماققا بۇيرۇلغان. بۇ ھۆكۆمگە قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟

جاۋاب: خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەلەر ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مەتبۇئاتى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە، بولۇپمۇ سەزگۈر سىياسىي تېمىلاردىكى خەۋەرلەرگە ھەر ۋاقىت گۇمان بىلەن قارايمىز. مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ دېيىلىۋاتقان ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلىي جەريانىغا قارىتا گۇمانىمىز بار. سوتنىڭ ھۆكۈمىگە كەلسەك، ھەممىگە مەلۇم خىتايدا ئەدلىيە سىستېمىسىمۇ مۇستەقىل ئەمەس، ئۇ شەرقى تۈركىستاندا پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ؛ مىللىي ۋەقە، مىللىي توقۇنۇش، مىللىي ئىسيانلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغاندا، پەقەتلا خىتاي دۆلىتىنىڭ زورۋانلىقىنى ئاقلاشنىلا مەقسەت قىلىدۇكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي تەلەپ، ھەققانىي ھەرىكەتلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى سوتنىڭ ھۆكۈمىنىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سىياسىي بىر قارار، سىياسىي بىر ھۆكۈم دەپ قارايمىز.

سوئال: بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ بېسىمىنى، ئۇ يەردىكى ھەقسىزلىقلارنى نەزەردە تۇتقان بەزى كۆزەتكچىلەر ۋەقەنىڭ راستىنىلا يۈز بەرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، ئەگەر ۋەقە راست بولغان ئەھۋالدا قۇرۇلتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: بىز يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقى تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز، زوراۋانلىق توختىمىسا خەلقىمىز ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىققا زورۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئېسىگە سېلىپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا ئەگەر ۋەقە راستىنىلا خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك بولسا، ئۇ چاغدا، ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى تىنچ ئوتتۇرىغا قويۇشىغا پۇرسەت بەرمىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بىز بۇ نۇقتىدا يەنىلا ئۇيغۇر ياشلىرىنى مۇشۇ خىل قارشىلىق يوللىرىغا مەجبۇرلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز. دۇنيا جامائىتىنىمۇ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەققانىي داۋاسىدا يالغۇز قالدۇرماسلىققا چاقىرىمىز.

بىز بۇ ھەقتە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى سابىق ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختىنىڭ قاراشلىرىنى سورىدۇق:

سوئال: خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى بار دەپ تونۇيمەن ۋە ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە گۇمانىي قاراشتا ئەمەسمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا مەسىلىگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ساقلىنىش تىرىشچانلىقى بار، شۇڭا ۋەقە ياساپ چىقىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.

سوئال: ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلۇشىدا مەنپىي تەسىر بېرىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلار بار، سىزچە بۇ ئەندىشىلەر توغرىمۇ؟

جاۋاب: مەنچە ئۇنداق ئەمەس. خەلقئارا جامائەتنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىقىنى تونۇشىغا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەقلىق داۋالىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا رازى بولۇشتەك قەتئىي بىر ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھېچ بولمىدى دېگەندە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بۇ رايوندا مەسىلە بارلىقىنى تونۇشىغا سەۋەب بولىدۇكى، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى قارشىلىقنىڭ شەكلىگە ئەمەس ماھىيىتىگە، بولۇپمۇ كېلىپ چىقىش سەۋەبىگە قارايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەبنى پەرقلەندۈرەلىگۈدەك سەگەكلىكى بار دەپ قارايمەن.

سوئال: بۇ خىل ئۆلۈم جازالىرىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

جاۋاب: ۋەتەن داۋاسى ئۆلىدىغان ياكى ۋاقتى ئۆتىدىغان بىر داۋا ئەمەس، جازالار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ شىددىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

شۆھرەت ھوشۇر – ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close