شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە «ئورتاق خىتابنامە» ئېلان قىلىپ ئاخىرلاشتى. 6-نويابىر جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشتىن قايتقان ئۇيغۇرلار 7-نويابىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇپ، شۇ كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. 8-نويابىردىن ئېتىبارەن ميۇنخېندا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ۋە «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دۇنياۋى ئۇچرىشىشى» قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان مىللىي كېڭەش يىغىنى 10-نويابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى. يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ئۇلاپلا 2 جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەمدە «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. «ئۇيغۇر ھەپتىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ميۇنخېندىكى بۇ بىر ھەپتىلىك يىغىن مەلۇم مەنىدىن د ئۇ ق بىلەن مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت سېپىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» ھەمدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق يەرلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى بىر ئارىغا كەلگەن، ئىتتىپاق تۈزگەن شۇنداقلا بىر سەپتە كۈرەش قىلىشقا ئەھدىلەشكەن بىر يىغىن بولۇپ قالدى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھەقىقىي بىرلىكنىڭ ئەمەلىي قەدىمىنى باستۇق،» دېدى. دىققەتنى تارتىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، 10-نويابىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەرىپىدىن جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسى» دۇر. 10 ماددىلىق بۇ «خىتابنامە» دە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى ۋە پىرىنسىپى ئابستراكت ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. خىتابنامىنىڭ 1-ماددىسىدا «‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى› 1992-يىلى تۈركىيەدە چاقىرىلغان ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى› نىڭ 11 ماددىلىق قارارىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە دەپ قارايدۇ، د ئۇ ق تەرىپىدىن 2005-يىلى 17-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى، دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹ميۇنخېن خىتابنامىسى› نى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ» دېيىلگەن. 5-ماددىسىدا «‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى› مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق قارارغا باغلانغان ۋە ئىجراغا سۇنۇلغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يول خەرىتىسىدىكى كۈرەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ،» دېيىلگەن. ئەمما بۇ يەردە «مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈش» نىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە چارە-تەدبىرلىرىنى سىر ھالىتىدە ساقلاپ قالغان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش يىغىنى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يىغىن مەيدانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 23 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دەم ئېلىش ئارىلىقلىرىدا ۋە يىغىندىن كېيىنكى مەزگىللەردە دوستانە ئۇچرىشىش، قېرىنداشلارچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئومۇمىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل نەمۇنىلىرىنى نامايان قىلدى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن-مىللەتكە ئىگە چىقىش ئىرادىلىرىنى ھەمدە مىللىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللىي ئويغىنىش كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە چاقىرىلغان. يىغىنغا قاتناشقان چەتئەللىك سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نۇتۇقلىرى يىغىن ئەھلىگە زور ئۈمىدلەر بېغىشلىغان. مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى