كۆرگەزمىگە تەكلىپ

3 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كۆرگەزمىسىگە پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتان دوستلىرىمىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا ئۆز – ئارا تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلغان 3 – نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە 65 دۆلەتتىن 340 تەشكىلات قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن مەخسۇس شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ. كىتاب- ژۇرنال ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلىدۇ. پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
ئورنى: ياروئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزى يېڭىكاپى مەيدانى- ئىستانبۇل
ۋاقتى: 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 17-18 – كۈنلىرى
سائەت 10:00 – 18:00 ئارىسى.