تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

11-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ شەھىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى سامسۇڭدىكى ۋەكىلى خېلىل ئىسلامئوغلىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە بىر قسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىشچى خەلق ئاممىسى ئالدى بىلەن سامسۇڭ شەھىرىنىڭ ۋەزىر كۆپرۇ ناھىيىسىدىكى گېنىرال فارۇق جۈمەرت باغچىسىغا جەم بولۇپ، ئۇ يەردىن ناھىيىلىك ۋەزىركۆپرۈ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە «شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويمايمىز» دېگەن خەت يېزىلغان چوڭ لوزۇڭكىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا، ھەق – ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت، ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت! دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.
نامايىشقا ئىستانبۇلدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇسالام تەكلىماكان يۈرۈش ئاخىرىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ ئاز 3000 كىشىنىڭ سەۋەبسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە يەنە 12 – نويابىردە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان تارىخى بىر كۈن ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىپ ئۆتتى ۋە 3 – قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ يەنە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوشماق تۇققانچىلىق نام ئاستىدا ھەر ئۆيگە بىردىن خىتاي ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇم بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىدە بىر مەسئۇلىيىتى بار شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زۇلۇمنى ھەممىمىز بىرلىكتە توختتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك، دېدى.
شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قارادېڭىز ۋەكىلى خېلىل ئىسلامئوغلى سۆز قىلىپ، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر يۈرەك بىر گەۋدە بولۇشىمىز كېرەك»، دېدى.
نامايشىشقا، ۋەزىركۆپرۈ ياشلار خىزمىتى ۋە تەنتەربىيە مۇدىرى، مائارىپ ئۇيۇشمۇسى ۋەزىركۆپرۈ شۆبە باشلىقى ھەسەن تۇرسۇن، ئاق پارتى ۋەزىركۆپرۇ شۆبە باشلىقى مەھمەت قۇرت قاتارلىقلارمۇ قوللاپ قاتناشتى.
تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ ۋىلايىتى ۋەزىركۆپرۇ ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ مىللىيەت، ھۆررىيەت قاتارلىق چوڭ گېزىتلىرىدە ۋە تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر تارقالدى.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇسالام تەكلىماكان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇلدا سامسۇڭغا بېرىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان