دىققەت دىققەت دۈشمەننىڭ ھىيلە -نەيرەڭلىرىگە ئالدانمايلى

داۋايىمىزنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ساراسىمگە چۈشكەن خىتاي، بۇرۇن ئۇيغۇرلار نى ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان، مىسىردا تۇتقۇن قىلغانغا ئوخشاش ۋە ئۆتكەن يىلى مىش مىش پىتنە ئىغۋا گەپ تارقىتىش ئارقىلىق مالايسىيە ۋە سەئۇدىدىنمۇ سۈرگۈندە قىلغاندەك ، ئەمدى تۈركىيەدە ، پىتنە – ئىغىۋا تېرىپ، خەلق ئارىسىدا ۋەھىمە ، ئەندىشە تارقىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە نىشانىنى تۈركىيەگە قاراتتى، چۈنكى تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا 5 ، 10 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىدىن ساراسىمغا چۈشكەن خىتاي تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىشىپ كۈچ ھاسىل قىلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ، خەلق ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرىقىنى چېچىش، پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. قېرىنداشلار ئۆز – ئارا بەك دىققەت قىلىش كېرەك. خىتاي ئۆزىنىڭ قول چۇماقچىلىرى ئارقىلىق قورقۇ ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ، «مەن تۈرك ئەمەس ئۇيغۇر»، «مەن ئۇيغۇر ئەمەس تۈرك»، «ئىسلام ئىتقادى مۇھىم ئەمەس» ، «شەرقىي تۇركىستان ئەمەس ئۇيغۇرىستان»، دېگەندەك ، ئورۇنسىز گەپلەرنى تارقىتىپ كىشىلەرنى مۇشۇ تالاش – تارتىش ئارقىلىق ئىختىلاپ پەيدا قىلىشقا، مەۋجۇت بىرلىكنى بوزۇشقا، ھەتتا ئۆز – ئارا قارشىلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇپ ھەر خىل سەپسەتىلەرنى كەڭ يايماقتا. داۋانىڭ يۆنىلىشىنى، غايە – مەقسەتلىرىنى، مۇستەقىللىق ئىدىئولوگىيە چۈشەنچىىرىمىزنى قالايمىقان قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ. قاتتىق پەخەس بولايلى قېرىنداشلار.
دۈشمەننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمايلى، ئەقىل تەپەككۇرىمىزنى ئىشقا سېلىپ دۈشمەننىڭ ھىيلە -نەيرەڭلىرىگە ئالدانمايلى. بىرلىكىمىزنى، قېرىنداشلىقىمىزنى بۇزىدىغان گەپ – سۆز ، ئىش – ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرايلى. دۈشمەن ھەرگىزمۇ قارا نىيىتىگە يېتەلمەيدۇ.
ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان تۆۋەندىكى ئايىتىگە دىققەت بېرەيلى.
«(ئى مۇھەممەد ) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش، ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە- مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكىرىنى بەربات قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكىرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر».
(سۈرە ئەنفال 30- ئايەت).