خەۋەرلەر

مەككە شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مەككە شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

 2012 _ يىلى 12 _ ئاينىڭ 14 _كۈنى مەككە مۇكەررەمە شەرىدە يۈسۈف ئەلئەھمەدى يىغىن زالىدا «ماۋەرائەننەھىر دىيارى ۋەقفىلىرى» ھەيئەت يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىندا ھەيئەت رەئىسى دوكتور ھەبىب مىرزا نوتۇق سۆزلەپ،ھەيئە قۇرۇلغان 7يىلدىن بىرى ئوتتۇرائاسىيادىن كىلىدىغان ھاجىلارغا قىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى، ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ھەم تۈركىستان خەلقى ياردەمگە تېخىمۇ مۇھتاج بولسىمۇ لېكىن خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى ياردەم قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا شەرەپ مىھمىنى سۈپىتىدە مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىمام خاتىپى شەيخ سالىھ ئالى تالىب قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، يىغىن ئەھلىگە نوتۇق سۆزلىدى، سۆزىدە: ئوتتۇرا ئاسىيا  خەلقى بولۇپمۇ بۇخارا، سەمەرقەند ئالىملىرىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قوشقان تۆھپىسى، خىتاي ئىشغاليتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى، پات ئارىدا ئۇلارغىمۇ ئاللاھنىڭ نۈسرىتى كىلىدىغانلىقى، ماۋەرائەننەھرى دىيارى(تۈركىستان)ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىنغا سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە يىغىن جەرىياندا مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىمامى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان نىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى، 6يىلدىن بىرى ئاللاھنىڭ بەيتى ۋە ئىككى ھەرەمگە كىلىشتىن ئىزچىل چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەيخ سالىھ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىنتايىن ھىسداشلىق قىلىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ نۈسرىتى ھامان بىر كۈن شەرقىي تۈركىستانغا كىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى، شەيخ سالىھقا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردىن 5 تۈرلۈك كىتاب تەقدىم قىلغان، شەيخ سالىھ كىتابلاردىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقى، كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغانلىقى ۋە بۇ كىتابلار ئىچىدە مەشھۇر مىسىرلىق يازغۇچى دوكتۇر نەجىب كېلانى يازغان«تۈركىستان كىچىلىرى»ناملىق روماننى ئىلگىرى ئوقۇغانلىقىنى ئېيىتقان.

سىراجىددىن ئەزىزى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close