مالايسىيە ھالۇۋان تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

مالايسىيە ھالۇۋان تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
ھالۇۋان تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى
5- دېكابىر مالايسىيا ھالۇۋان تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇردىن ئېندۇت ئەپەن بىلەن بىرگە كەلگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان كۈتىۋالدى ھەمدە مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش سىياسىتى ۋە سەۋەبسىز لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.
ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار بىلەن تەلىم- تەربىيە ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىشقا كېلىشتى. ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان مالايسىيادىن تۈركىيىگە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغان، مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھالۇۋان تەشكىلاتى ياردەم قىلىدىغان بولدى.