باش بەتماقالىلار

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىغا تىل ئ‍ۇزاتمايلى!

بىزنىڭ ئالىملىرىمىز شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى دۇنيادا زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ

بىزنىڭ دىنى ئالىملىرىمىز شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى دۇنيادا زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ
شەرقىي تۈركىستان دىنى ئالىملىرى تارىختىن بىرى خىتاي ئ‍ىشغالىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىپ، بەدەل تۈلەپ، جان بېرىپ ، قان ئېقىتىپ شەھىد بولىۋاتىدۇ. زالىم خىتاينىڭ كۆزلىرىگە مىخ بولۇپ قادالغان يەنە شۇ ئ‍الىملاردۇر. بىزنىڭ ئالىملىرىمىز شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى دۇنيادا زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.
ئ‍اللاھ تائ‍الا قۇرئ‍ان كەرىم مۇجادەلە سۈرىسىنىڭ 11‏- ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «… ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيىتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ…»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە، «ئ‍الىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى» دېگەن ، يەنى، دىنى ئىلىم، مەسجىد، مېھراب ۋە مۇنبەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دىنى ئالىملارغا ئامانەت شەكىلدە مىراس قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئ‍الىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم ئ‍ېغىر ھەم پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئ‍ەڭ ئ‍ۈستىن مەرتىۋىدە تۇرىدىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئ‍ۇلۇغ كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تەرەپتىن قوبۇل قىلىنغان ئىسلام دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت سائادەتلىك ياشاش ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىدۇ، توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. مەرھۇم ئ‍ىككى ئالىم ئ‍ابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىملار، مۇھەمەد سالھ داموللام، ئ‍ابدۇلھەمىد داموللام، ئ‍ابدۇلئ‍ەھەت مەخسۇم، ئ‍ابدۇرېشىت داموللام، كېرەم ئ‍ابدۇۋېلى قاتارلىق ئىسمى ئاتالمىغان نۇرغۇن موللا – ئالىملىرىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىر تەرەپتىن مەرىپەت نۇرىنى چېچىپ خەلقنى نادانلىق ۋە جاھىللىقتىن قۇتۇلۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئىلىم ئۆگەتسە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئ‍ۈچۈن ئ‍ەڭ ئ‍ېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان ئالىملىرىمىز زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يېقىندا تېخى كۆز ئالدىمىزدا شەھىد قىلىندى. ھازىرمۇ ئ‍ۇلارنىڭ نۇرغۇن سەپداشلىرى، ئ‍ىز باسار تالىبلىرى ئ‍ۇلارنىڭ يولىدا مېڭىپ خەلقمىز ئ‍ۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەدەل تۈلەۋاتىدۇ، كۈرەشنى داۋام قىلدۇرىۋاتىدۇ. موللا، ئ‍الىملارنى كەمستىدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان، ئىززەت – ئابرويىدىغان تۆكىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەردىن ساقلىنايلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان دىنى ئالىملارغا تىل ئ‍ۇزاتمايلى!.
ئ‍ابدۇقادىر داموللام، سابىت دامۇللام قاتارلىق رەھبەر ئ‍الىملىرىمىزغا، مۇشۇ مىللەتنىڭ ئ‍ىچىدىن چىققان ، جاھىل، نادان ۋە ساتقۇن ئ‍ىنسانلار زىيانكەشلىك قىلغاننىڭ بەدىلىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىرمۇ ئ‍ۆتەۋاتىدۇ. تارىختىن ئ‍ىبرەت ئ‍الايلى، موللا – ئ‍الىملىرىمىزنى سەل چاغلىمايلى، يولىنى توسمايلى، زىيانكەشلىك قىلمايلى، ھۆرمەت قىلايلى، ئ‍ىززەت -ئ‍ابروينى قوغدايلى. ئ‍ۇلار ھېچ كىمگە زىيانكەشلىك قىلمىدى ھەم قىلمايدۇ، ئ‍از ساندىكى داموللا نام بىلەن خىتايغا غالچىلىق قىلغانلار ئ‍ەلۋەتتە موللا- ئ‍الىم ھېساپلانمايدۇ، ھەققىي ئ‍الىملار ئ‍اللاھتىن بەك قورقىدۇ، ساتقۇنلۇق قىلمايدۇ، ئ‍اللاھتىن قورقمىغان ئ‍ىنسان ئ‍الىم ھېسابلانمايدۇ، ئ‍ۇ خىلدىكى ئ‍ىنسانلارنى مىسال قىلىپ، ھەقىقىي ئ‍الىملارغا ھۇجۇم قىلىشقا قەتئ‍ىي يول قۇيۇلمايدۇ، ھەقىقىي ئ‍الىملار خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى، يول باشچىلىرى.ئ‍ۇلار خەلقنى زۇلۇمدىن – زالالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بەدەل تۈلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تىل ئۇزاتمايلى، دەل ئەكىسچە ئۇلارنى قەدىرلەيلى، ھۆرمەت قىلايلى. مۇساجان 

بىزنىڭ ئالىملىرىمىز شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى دۇنيادا زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button