خەۋەرلەر

شىمالى ياۋرۇپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 32 – قېتىملىق قۇرۇلتېىيىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى

شىمالى ياۋرۇپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 32 – قېتىملىق قۇرۇلتېىيىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى

شىمالى ياۋرۇپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى ھەر يىلى دېكابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۈچ كۈنلۈك ئۇمۇمى يېغىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقارا مۇسۇلمانلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېىلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ يېغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىسلام ئالىملىرى تەكلىپ قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقارا ۋەزىيتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

بۇ تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇ يىل يەنى 2012 – يىلى ئېلىپ بىرىلماقچى بولغان يىغىن 32 – قېتىملىق قۇرۇلتىي بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇرۇلتايدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى 4 – قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە جەمئىيەتنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 18 – دېكابىر شىۋېتىسىيەگە قاراپ يولغا چىقتى ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي شىۋېتىسيەنىڭ پايىتەختى سىتوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،  23 – دېكابىر باشلىنىپ 25 – دېكابىر ئاخىرلىشىدۇ.

Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close