مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ قىسقىچە ھايات – ئىش – ئىزلىرى

مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات – ئىش – ئىزلىرى
»سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر. «(قۇرئان كەرىم، 3- سۈرە، 104- ئايەت)
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئەزىز ۋەتىنىمىزشەرقىي تۈركىستان دىيارىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان مېھنەتكەش، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى ئەسىرلەر بۇرۇن بوۋىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھىممىتى بىلەن ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ بولغاندىن بۇيان، يۇرتىمىز ئاسمىنىدا پارلىغان سانسىز يۇلتۇزلار كەبى ئۆز نۇرىنى ئەتراپقا چېچىپ خەلقنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا يېتەكلەۋاتقان ئالىم – ئۆلىمالىرى، يازغۇچى – شائىرلىرى، ئەدىب، مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن، دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىنى ياشناتتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كۈنىمىزگىچە ساقلاپ كەلدى. بۈگۈن يۇرتىمىز ئاسمانىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردىن بىرى ئۆچتى، ياق ئۇ ئۆچمىدى، توغرىسى ئۇنىڭ نۇرى ھەقىقەتكە تەشنا سانسىزلىغان قەلبلەرگە سىڭىپ كەتتى…
2016- يىلىنىڭ ئاخرىقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىستانبۇلدىن تارقالغان بىر مۇسىبەت خەۋىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى. ئاللاھ يولىدا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىۋاتقان، ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى، خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز سوقۇۋاتقان بىر يۈرەك ۋاقتسىز توختىدى. قەھرىتان قىش سوغۇقى تېخى باشلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالىمنىڭ ۋاپاتى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىنى مۇزلاتتى. خەلق ئالىمىدىن، ئۇستازىدىن، دەۋا يولىدىكى بىر يولباشچىسى ۋە سەبدېشىدىن ئايرىلغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىدى، توغرىسى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى قىسقا بىر مەزگىلدە شەكىللىنىدىغان ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز بىر بوشلۇق ھەممەيلەننى ئىزتىراپقا سالاتتى. لېكىن ئاللاھ بۇ سۆيۈملۈك بەندىسىنى ھەقىقەتەن ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سۆيۈملۈك زات ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە باش نازىرى،«سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى» «ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى»، «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ۋە نەشرىياتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» قاتارلىق بىر يۈرۈش جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ قۇرۇلىشىدا جىددي رول ئوينىغان مۆھتىرەم دىنىي ئالىم، دەۋەتچى، ئاللاھنىڭ دىنى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان تۆھپىكار ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئىدى.
مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم تەكلىماكان 1963 – يىلى، 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيىسى، بەشئېرىق يېزىسى، بۈكسۈڭۆي كەنتىدە، مەرىپەتپەرۋەر باغۋەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ دادىسى ھېسامىددىن ئابىت شۇ يۇرتنىڭ ئاقساللىرىدىن بىرى بولۇپ، كەنت جامەسى ئىمامى ۋە خاتىبى بولغان.
مەخسۇم ھاجىم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا تاماملايدۇ. بىراق مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى دەل ئىشغالچى كوممۇنست خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش »مەدەنىيەت ئىنقىلابى« نامىدا ئىنسانىيەتكە ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قارشى يوقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمەتلىك يىللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قاراڭغۇ يىللاردا ھەقىقەتپەرۋەر دىنىي ئالىملار، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلار ۋە مۆتىۋەر يۇرت كاتتىلىرى ئىشغالچىلارنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. شۇنداقلا، بۇ ئەزىز تۇپراقلاردا مىڭ يىلدىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ياشاش مىزانى بولۇپ كەلگەن ئىسلام دىنى ۋە قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرى زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرى بولغان يولباشچىلىرىدىن ئايرىلغان خەلق نادانلىق، جاھالەت ۋە تەپرىقىچىلىق پاتىقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىشغالىغا چۈشۈپ 30 يىللىق زۇلمەتلىك بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1980- يىللاردا خىتايدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ھەرىكىتىنىڭ شامىلىدا شەرقىي تۈركىستاندىمۇ نىسبەتەن ئەركىن سىياسىي مۇھىت بارلىققا كېلىدۇ. يىللارچە ھاياتىنى قاراڭغۇز كامېرلاردا، ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن، رەببىمىزنىڭ ئىنايىتى بىلەن ھاياتى خەۋپكە ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئۆلىمالار، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مىللەتنىڭ ئۈمدى ۋە كېلەچىكى بولغان ياشلارنى تەربىيەلەش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ. نادانلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان ۋە ئىلىمگە تەشنا بولغان نۇرغۇنلىغان ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنى يۇرت – يۇرتلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم شۇ ياشلارنىڭ قاتارىدا ئىلىم يولىغا ئاتلىنىدۇ.
1982 – يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىگە بېرىپ، شۇ يەردە مەمەتخان مەخسۇم ۋە مەمەت ئاخۇن داموللام قاتارلىق ئالىملاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەرەب تىلىنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى گۇمىدا تاماملىغان مەخسۇمھاجىم، 1984 – يىلى قاغىلىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن ئىسىمداش بولغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قاغىلىقتا ئاچقان مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ مەدرىسىسىدە ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئىگەللەش بىلەن بىرگە مەدرىسە ئېچىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
مەخسۇم ھاجىم ياشلىق باھارىنىڭ نەۋقىران دەۋرىدە يەنى 1986 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئايالى مەريەمگۇل خانىم بىلەن توي قىلىپ تەنھالىق ھاياتقا خاتىمە بەرگەن. مەرھۇمنىڭ ھازىر 6 پەرزەنتى ۋە 7 نەۋرىسى بولۇپ 5 پەزەنتى ھىجرەت ھاياتتا ياشىماقتا. ئوغلى ھەسەنجاننى ھاياتىدا بىرلا قېتىم كۆرۈش نېسىپ بولغان بولۇپ، 2015 – يىلى ئاتا – ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھىجرەت يولىغا قەدەم قويغاندا زالىم خىتاينىڭ پەنچەسى ئاستىدا تايلاندتتىن تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەتتى. ھەسەنجان ھازىر خىتاينڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئىشكەنجە ۋە زۇلۇم تارتىپ يېتىۋاتىدۇ.
1990 – يىلى، ئۇستازى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمدا ئىلىمنى خەتمە قىلىپ، مەخسۇم ئۇنۋانى بىلەن ئىجازەتنامە ئالغاندىن كېيىن، پۈتۈن ۋاقتىنى ياشلارنى تەربىيىلەش ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئاتىغان ئىدى. ئەينى ۋاقتتا قاغلىقتا ئېچىلغان مەدرىسكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوت يۈرەك، ئىلىم سۆيەر ياشلار توپلانغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا كوممۇنست ئىشغالىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم زور قارشىلىقلارنىڭ ئىشتىراكچىلىرى، شۇنداقلا ئەركىنلىك دەۋايىمىزنىڭ قايتىدىن جانلىنىپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىدە تايانچى كۈچ بولغان سەرخىللار قاغلىقتىكى شۇ مەدرىستىن يېتىشىپ چىققان ئىدى.
بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم دېگەندەك ئابدۇلھەكمىخان مەخسۇم ھاجىم ئۆتكۈر زېھنى، تىرىشچانلىقى، چىقىشقاقلىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. ئۇ ئۇستازىدىن تەلىم ئېلىش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزىمۇ مەدرىسە ئېچىپ يېڭى تالىپلارغا دەرس بېرشىكە باشلايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىنىي دەۋەت ۋە تەرغىبات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي تالانتى قايىللىق ۋە ھۆرمەكتە ئېرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلىم ۋە ئىززەتنى رەببىمىز ئۆزى خالىغان بەندىلىرىگە بېرىدۇ. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز(سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) بۇ ھەقتە مۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر ئادەمگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىندا ئالىم قىلىدۇ.» شۇنداق، مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئاللاھ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان ۋە ياخشى كۆرگەن بەندىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ قىسمەن ئەركىن قويۇۋېتىش سىياسىتى خۇددى قىشنىڭ ئاپتىپىدەك ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زامان يەنە تارىيىشقا باشلايدۇ. بولۇپمۇ، 1990- يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتپەرۋەر ئالىم – ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە تالىبلار قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. 1992- يىلى قاغىلىقتىكى مەدرىس تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تارقىتىۋېتىلىدۇ. مەخسۇم ھاجىم 1992 – يىلى 7 – ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن، رۇخسەتسىز دىنى مەكتەپ ئاچقان، ياشلارنى توپلاپ چېنىقتۇرغان، ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن دېگەن بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. بىر قىسىم يۇرت ئاقساقاللارنىڭ يول مېڭىشى نەتىجىسىدە 1996 – يىلىنىڭ بېشىدا تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، خىتاي ئىشغالچىلىرى قايتىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولغاچقا، قاغىلىقنى تاشلاپ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالايدىغان يەر ئىزدەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىققان. ئاخىرىدا، ۋەزىيەتنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن مەخسۇمھاجىم 1996 – يىلى 11 – ئايدا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، 1997 – يىلى يازدا ئىران ئارقىلىق مىسىرغا كەلگەن.
بۇ سىناق ۋە كۈلپەتلەر مەخسۇمنى ئىلىم ئېلىش ۋە ئۆگىتىش، خەلقنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ھۆر ياشىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىدىن ياندۇرالمايدۇ. ئۇ 1997- يىلى ئىزگۈ تىلەكلەر بىلەن تارىختىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلىم – مەرىپەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە ئىلىم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. مەخسۇم ھاجىم ئۇ يەردە بىر تەرەپتىن بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولسا يەنە بىر تەرەپتىن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن بىر يۈرۈش پىلانلارنى تۈزۈپ ئىجرا قىلغان. 2000 – يىلى قاھىرەدىكى ئىسلامىي تەتقىقات ئىنىستۇتېغا قوبۇل قىلىنغان. 2002 – يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى، دارۇلئۇلۇم فاكۇلتېتىدا، ئىسلام پەلسەپىسى بويىچە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنغان.
مەخسۇم ھاجىم ماگىستىرلىق ماقالىسىنى 2003 – يىلى يېزىشقا باشلىغان ۋە ماقالە ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاي بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يېقىنلىشىپ كېتىشى تۈپەيلى، مىسىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن دوستلىرىنىڭ تەكلىپ ۋە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ مىسىردىن كېتىشنى قارار قىلىدۇ.
مىسىردا بىلىم ئاشۇرۇش جەرىيانىدىمۇ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا خىزمەت قىلىشتەك بىر ئوت ھەر ۋاقت مەخسۇم ھاجىمنىڭ قەلبىدە يالقۇنجاپ تۇراتتى. لېكىن بۇ ۋاقتتا ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتى 80- يىللاردىكىگە تامامەن ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قسىمى خىتاي زىندانلىرىدا ياكى چەتئەللەردە سۈرگۈن ھاياتىدا ئىدى. ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە قەۋمىنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئۇنى ھەر ۋاقت ئانا ۋەتىنىگە قايىتپ خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ۋە يۇرت ئاسمىنىدىكى قارا بۇلۇتلارنى تارقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيتتى. لېكىن ئەينى ۋاقتتا ۋەتەنگە قايتىش بۆرە ئىنىغا ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەندەكلا ئىش بولۇپ، خىزمەت قىلىش ئەمەس، ئۆز ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىنمۇ سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
نىھايەت، تەقدىر ئۇنى يېرىم ئەسىردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر زامان قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كەلگەن، كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ساھىپخانلىق قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشىغا شاھىت بولغان تۈركىيەگە باشلاپ كېلىدۇ. 50- يىللاردىن باشلاپ، كوممۇنست ئىشغالىدىن قېچىپ ھىجرەت قىلىپ چىققان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئاخىرىقى مەنزىلى تۈركىيە بولغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئاۋانگارتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ۋە پائالىيەتلىرىنى ھاياتىنىڭ ئاخرىغىىچە مۇشۇ يەردە ئېلىپ بارغان ئىدى. 90- يىللاردا، بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكىنى مەقسەت قىلغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار قۇرۇلغان ئىدى. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 2005- يىلى مىسىردىن تۈركىيەنىڭ تارىخىي پايتەختى بولغان ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ۋە كېيىنكى 10 نەچچە يىللىق ھاياتىنى مۇشۇ شەھەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
ئەپسۇسكى، مەخسۇم ھاجىم تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقت تۈركىيەدە سىياسىي ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. يېرىم ئەسىردىن بۇيان تۈركىيەدە قارشى ئېلىنىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يېڭى ئەسىر كىرىش ھارپىسىدا شۇ ۋاقتتىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ. بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئۆز مەركەزلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن يېڭى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى يەنە قايتىدىن ئىككى چوڭ ئىشغالچى كۈچ بولغان خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بوشلۇقى تارىيىشقا باشلايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوتتۇا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەنى پاناھ تارتىپ كېلىدۇ، بۇنىڭغا ۋەتەندىن چىقىۋاتقانلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر قوشۇلۇپ، تۈركىيەدە كۆرۈنەرلىك ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار توپى شەكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستانبۇلدا ئىدى. بۇ مۇساپىرلار توپىنىڭ ھالى ئىنتايىن خاراب بولۇپ، نە ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىدىغان بىر زات، نە ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلىدىغان بىر تەشكىلات يوق ئىدى. بار تەشكىلاتلارنىڭمۇ خىزمەت دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى.
مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا جەم بولغان سەبداشلىرى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىش، ئۇلارنى توغرا بىر پىكىر ئاستىدا ھەرىكەت قلىشقا يېتەكلەش، مائارىپ ۋە مەدەنيەت ئىشلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تەشكىلات قۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. نەتىجىدە، 2006- يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر تەشكىلات ۋە يېڭىچە روھقا ئىگە بىر قوشۇن دۇنياغا كېلىدۇ. قايتا – قايتا ئويلىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنىڭ نامىنى قۇرۇلۇش غايە – مەقسەتلىرى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن »شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى« دەپ قويۇش قارار قىلىنىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم باش نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەمئىيەت خىزمەتلىرىنىڭ نىشانى ۋە ھەرىكەت مىزانلىرىنى دىنىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەپ، ئىدىيەۋى پىكىر جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئاخىرقى تىنىقلىرىغا قەدەر جەمئىيەت خىزمەتلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ.
مەخسۇم ھاجىم ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 2006 – يىلىدىن تارتىپ، 2016 – يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكۈچە، «ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى»، «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ۋە نەشرىياتى»، «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى»، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» قاتارلىق بىر يۈرۈش جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ قۇرۇلىشىدا جىددي رول ئوينىدى.
»شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى«قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا تۈركىيەدىكى، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئۆزىنىڭ دىنىي بىلىمى ۋە ئەرەب ئېلىدە بىلىم ئاشۇرغانلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئسىلام ئالىمىدىكى نوپۇزلۇق مۆتىۋەر دىنىي ئالىملارغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش جەھەتتە زور كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ ئالىملارنىڭ يىغىن ۋە سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپلا قالماستىن، ئۇلارنى جەمئىيەت ئويۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىدۇ. مەخسۇم ھاجىم مەيلى جەمئىيەتنىڭ ھەر ئايدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئايلىق سۆھبەتلىرىدە بولسۇن، مەيلى 2009- يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان »دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى«غا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك يىغىلىشلاردا بولسۇن، ۋە ياكى ھەر خىل نامايىش ۋە پائالىيەتلەردە بولسۇن، ھەر ۋاقت ئالدىنقى سەپتە يېتەكچى، ئاكتىپ ئىشتىراكچى بولۇپ كەلدى.
جەمئىيەت خىزمەتلىرى، دەۋەت، تەشۋىقات، مائارىپ ۋە نەشرىيات قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە تەڭ قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇم ھاجىم ھەر بىر ساھەدە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرپ كەلدى. ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى سوراپ تۇراتتى. ھەممەيلەنگە خۇددى مەخسۇم ھاجىم مېنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن دەپ قالغۇدەك ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىشنى مەسلىھەت سېلىپ ئاندىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاتلىناتتى.
ئۇ جەمئىيەتنىڭ ھەپتىلىك، ئايلىق سۆھبەتلىرىدە، ھېيت –بايراملاردىكى يىغىلىشلىرىدا ۋەز – نەسىھەتچى ۋە دەۋەتچى بولۇپلا قالماستىن، جەمئىيەت قارىمىقىدىكى ”ئسىتىقلال تېلېۋىزىيەسى“نىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. ئىستىقلال ”سوئال – جاۋاب پروگراممىسى“ ئۇدا بىر قانچە يىل داۋاملىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل دىنىي مەسىلىلەرنى بىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتپ بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ تۈرلۈك تېملاردا قىلغان دەرسلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك خىزمەتلىرىدىن بېرى ”ئوچۇق سۆھبەت“ پروگراممىلىرىغا قاتنىشىش بولۇپ، ئۇ مول دىنىي بىلىمى ۋە ئۆتكۈر پىكىرلىرى ئارقىلىق، خىتاي ئىشغالچىلىرى ۋە قۇرئان، ھەدىسنى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ھەمتاۋاقلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يالغانلىرى ۋە توقۇلما سەپسەتىلىرىگە رەددىيە قايتۇراتتى ۋە مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ بېرەتتى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا، زىيالىيلار بىلەن دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا ئۆز – ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ ھاسىل قىلىشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە بېرىپ، بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تەشكىللىنىشىگىمۇ كۈچ چىقارغان ئىدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم دەرتمەنلەرنىڭ سىردىشى، غېرىب – مىسكنىلەرنىڭ غەمگۇزارى، يېقىن دوستى ۋە سىردىشى ئىدى. 2013- يىللىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ۋە باستۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك يۇرت –ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ چىققان ۋە تۈركىيەنى ئۆزلىرىگە ئاخىرقى مەنزىل قىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئىستانبۇلدا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈشكە باشلىغاندا، مەخسۇم ھاجىم ئۇلارنى ساپ ئەقىدە ۋە ساغلام پىكىرگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ دەرتلىرىنى ئاڭلاپ، ھالىغا يېتەتتى، قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارنىڭ قىينچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. پۇلسىز قالغانلار، ئۆيسىز قالغانلار، يولسىز، چارىسىز قالغانلار ئۇنى ئىزدەيتتى. مەخسۇم ھاجىم چوڭ – كىچىك، قېرى – ياش دېمەي ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلايتتى. دەرتمەنلەرنىڭ دەردىگە دەۋا بولغىدەك بۇغداي نېنى تاپالمىغاندا، ئۇلارنى بۇغداي سۆزى بىلەن بولسىمۇ ئۈمىدلەندۈرەتتى…
قىسقىسى، ئۇيغۇردا دىنىي ئالىم كۆپ، ئۇيغۇردا دەۋەتچى، ناتىق تولا، ئۇيغۇردا تەشكىلاتچى، پائالىيەتچى تولا، ئۇيغۇردا مۇجاھىد تولا… لېكىن يۇقارقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە ھەقىقىي مەنىسى بىلەن روياپقا چىقارغانلار ئۇيغۇردا بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىر دىنىي ئالىم ئىدى. ئۇ ئاللاھ بەرگەن ئىلمىگە ھەقىقىي توغرا ئەمەل قىلغان ۋە پەيغەمبىرىمىزگە ھەقىقى ۋارىس بولۇپ ئىلمىنىخەلقىگە يەتكۈزگەن بىر ئالىم ئىدى، ئىلمىنى ئۆتكۈر تىلى ئارقىلىق دۈشمەنگە قارشى قورالغا ئايلاندۇرالىغان ئالىم ئىدى؛ ئۇ بىر دەۋەتچى ئىدى. ئۇ دەۋەتنى تەمە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەجرى ۋە مۇكاپاتىنى ئاللاھتىن كۈتۈپ ھەر ۋاقت، ھەر يەردە داۋاملاشتۇرپ كەلگەن ئىدى؛ ئۇ بىر تەشكىلاتچى ئىدى. ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچمايتتى؛ ئۇ بىر پائالىيەتچى ئىدى. ھەر ۋاقت سەپنىڭ ئالىدىدا ماڭاتتى؛ ئۇ بىر ناتىق ئىدى. لېكىن كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۆزلەيتتى؛ ئۇ بىر مۇجاھىد ئىدى. قۇرئان بىلەن قورالنى تەڭ كۆتۈرگەن مۇجاھىد ئىدى. ئۇنىڭ قورالى قۇرئان ۋە ھەدىسنى مەنبە قىلغان، دوست، دۈشمەننى پەرق ئېتەلەيدىغان ساپ ئەقىدە ۋە ساغلام پىكىر ئىدى. ئۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك قوراللىرىدىن بولغان تەشۋىقات قورالىنى چىڭ تۇتقان ئىدى… ئۇ دوست – دۈشمەننى ئېنىق ئايرىشنى، مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە، تەپرىقىچىلىق سالماسلىقنى، تىغىنىڭ ئۇچىنى ئىسلام دىيارىنىڭ بىر قسىمى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقتتىن بۇيان بۇ يەردە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ۋە قىلىۋاتقان خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارىتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى.
2016- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى پەيشەنبە ئادەتتىكى كۈنلەردىن بىرى ئىدى. لېكىن بۇ كۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ماتەم كۈنىگە ئايلاندى. چۈشتىن بۇرۇن، مەخسۇم ھاجىمنىڭ تويۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىق خەۋىرى تارقالدى ۋە ئاڭلىغانلىكى كىشىلەرنى تەشۋىشكە سالدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدەك بىر مۇسىبەت خەۋىرى ھەممەيلەننى ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى. ”ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى“ دېگەن ئەقىدىدە ياشاپ كەلگەن كىشىلەر بۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلىشتىن قورقاتتى. كىملەردۇر ئۇنىڭ تېنىنىڭ تۈنۈگۈنلا ساغلام ئىكەنلىكىنى، كىملەردۇر ئۇنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىنى، يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشاتتى… لېكىن قازايى – قەدەر ئىنساننىڭ يېشىغا، تەقى –تۇرقىغا قارىمايتتى. ئۇيغۇرلار بىر دىنىي ئالىمىدىن، ئىلىم ئاسمىنىدا يېنىپ تۇرغان نۇرلۇق بىر مەشئىلىدىن، ھەق ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان جەڭچىسىدىن ۋە يولباشچىسىدىن، ئەزىز شەرقىي تۈركىستان دىيارى بولسا سۆيۈملۈك بىر پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھەتتا يىراق شەرقتىكى ئەللەردىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن تەزىيە تېلېفونلىرى ۋە تېلېگراممىلىرى كېلىشكە باشلىدى. تەزىيەنامىلەردە، مەرسىيەلەردە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيەلەر بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت يولىدىكى خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن ئىدى.
مەرھۇمنىڭ مېيت نامىزى ئەرتىسى كۈنى يەنى 2016 – يىلى 23- دېكابىر جۈمە كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ جامەسىدە چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ مېيت نامىزىغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، شۇنداقلا ياۋروپا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئۇنىڭ جىنازىسى بىر كىلومېتىردەك پىيادە ئېلىپ مېڭىلغاندىن كېيىن ئاپتوبۇستا مازارلىققا ئېلىپ بېرىلدى. خەلق ئۇنىڭ جىنازىسىنى بېشىدىن ئاشۇرۇپ كۆتۈردى. كىشىلەر ئۇنىڭ جىنازىسىنى تۇتىۋېلىش، بىرەر قەدەم بولسىمۇ كۆتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن بىر – بىرى بىلەن قىستىشىپ بەسلىشەتتى. ئۇ يەرلىككە قويۇلۇۋاتقاندا ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىىشپ كەلگەن يۈزلىگەن كىشى قايغۇلىرىنى يوشۇرۇلماي ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى، ھاۋا تۇمانلىق بولۇپ قاتتىق يامغۇر ياغدى. بۇ كۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئېغىر مۇسىبەتلىك بىر كۈن بولدى. خەلق ئۆزىنىڭ يېتەكچىسى، يولباشچىسى، ئۈمدى بولغان مەخسۇم ھاجىمدىن ئايرىلغان كۈن بولدى. ئەلۋىدا ساڭا ئۇستاز، ئەلۋىدا ئەلۋىدا ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك قۇلى، ئەلۋىدا…
ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشىنى، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، فىردەس جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىشىنى، ئۇنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغان، ئۇنىڭ يوقلۇقىنى بىلىندۈرمەيدىغان مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى تىلەيمىز!ئامىن.