پائالىيەتلەر

خىتاينىڭ كەلگۇسى سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئىستىراتىگىيە پىلانلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى

خىتاينىڭ كەلگۇسى سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئىستىراتىگىيە پىلانلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى

2012 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەچ سائەت 6 دە ، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «خىتاينىڭ كەلگۇسى سىياسى ۋەزىيىتى ۋە ئىستىراتىگىيە پىلانلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا، تۈركىيە ئىستىراتېگىيە چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى شۇنداقلا ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى. 

 

يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يىغىن باشلاشتىن ئىلگىرى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىغىنغا، ئۆزىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى. 

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم يىغىندا ئالدى بىلەن خىتايدا دۆلەت تۈزىمى ۋە پارتىيە تۈزىمى دەپ ئىككى خىل تۈزۈم بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: 

1- خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى تۈزۈمى بولۇپ، بۇ تۈزۈمدە خىتايلار پارتىيە رەھبەرلىرىنى ، ئارمىيە باشلىقلىرىنى، سىياسى كومىتىت رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ، بۇنىڭغا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقى بولمايدۇ، بۇ 18 – قۇرۇلتايدا ئېلىپ بىرىلدى.

 

2- ھۆكۈمەت تۈزۈمى بولۇپ، 2013 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ، خىتاي كومۇنىست پارتىيسى تۈزۈمىدە ئۆزى ئۇرۇنلاشتۇرغان رەھبەرلەرنى ھۆكۈمەت يېغىندا ، خەلق سايلىغان قىلىپ ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى تۈزۈمى خىتايدا ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.

 

خىتاي كومۇنىست پارتىيە رەئىسى بىر كىشى ، دائىمى سىياسى بىيرۇ ئەزاسى 7 نەپەر شەخىس بولۇپ، بۇ 7 نەپەر شەخىس، خىتاي دولىتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ رەئىسى خىتاي كومۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ.

ج ك پ مەركىزى كومىتىتى ئەزاسى 205 كىشى بولۇپ، كاندىدات ئەزا 171 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدا ئۇيغۇرلاردىن ئەركىنجان تۇراخۇن بار ، ئەركىنجان تۇراخۇن ياش بولۇپ، بەلكى خىتاي ئۇنى نۇر بەكرىنىڭ ئورنىغا تەييارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. 

بۇ قېتىمقى 18- قۇرۇلتايدا شى جىن پىڭ ج ك پ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى ، ئۇ يۇقىردىكى 7 نەپەر سىياسى بىيرۇ كىشىلىرىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكىگە ئۇرۇنلىشىدىغانلارنى ج ك پ ئىچىدە سايلاپ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولىدۇ.

خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان سىياسى بىيرونىڭ ئەزاسى بولغان 7 كىشىنىڭ 3 نەپىرى قىزىل شاھزادىلەر ( يەنى ماۋزىدۇڭ بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ بالىلىرى) بولۇپ، خىتايدا كىم ھۇقۇق چىقسا ئوزىنىڭ ئادەملىرىنى مۇھىم ئۇرۇنلارغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ، بۇنداق قىلىشى ئەگەر ھۇقۇق تۇتقان مەزگىلىدە خاتا سىياسەت قىلغان بولسا ، مۇھىم ھۇقۇققا ئۇرۇنلاشتۇرغان ئادەملىرى ئۇنى قوغدايدۇ، توغرا سىياسەت قىلالىغان بولسا ئۇنى تارىخقا يازىدۇ دەپ قارايدۇ. جاڭزىمىننىڭ ھۇقۇقى چوڭ بولۇپ، ھۇقۇق تۇتقان دەۋرىدە 4 ئادىمىنى مۇھىم ئۇرۇنلارغا ھۇقۇقدار قىلىۋالغان.

خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىچكى ۋە سىرتقى جەھەتتە تىنچ بىر مۇھىت شەكىللىنىشى كېرەك، خىتاي بۇنى شەكىللەندۈرەلەمدۇ ، ياقمۇ ؟ 2020 – يىلىدىن كىيىن خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ ، بۇلار ئىسلاھ قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر.

خىتاينىڭ دائىمى سىياسى بىيرۇسىنىڭ 7 كىشىدىن شەكىللەنگىنىگە قارىغاندا ، خىتاي كومۇنىسىت پارتىيىسىدە ماۋ ۋە دىڭ شاۋ پىڭدەك كۈچلۈك سىياسەتچىلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ 7 كىشى ئاساسى تۈۋەن قاتلامدىن كەلگەن تەجرىبىلىك كىشىلەر بولۇپ، ھەممىسى خىتايدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك ۋە يولسۇزلۇققا قارشى بولسىمۇ خىتايلار كۈتكەن ئىسلاھاتنى قىلالامدۇ ؟ يەنىلا ئۇ چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالامدۇ ؟ بۇ بىر مەسىلە.

خىتاي سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خاتا سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ ئىسلاھات قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش دېگىنى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئەركىنلىك بىرەيلى دېگىنى ئەمەس، بەلكى قارشىلىق كۈچىيىۋاتقان شەرقى تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەتتە ئۆزگىرىش قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

غەربلىكلەر ئىسلاھات دېگەن سۆزنى ئۆزنىڭ 500 يىللىق تارىخىغا يەنى 17 – ئەسىردە باشلانغان بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخقا، يەنى غەرب ئەللىرىدە ئىنسانلار بۈگۈن ئىگە بولغان كىشلىك ھوقوقنى، دۆلەت تەقدىرىگە ئارىلىشىش ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتكەن قەدەم باسقۇچلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىمۇ شۇ شەكىلدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ . لېكىن، خىتايچىدىكى ئىسلاھات سۆزىنىڭ مەنىسى غەربلىكلەر كۆزدە تۇتقان ئۇ ئىسلاھات بىلەن ئوخشاش ئەمەس. غەرىپ ئەللىرى بۇنى بىلىدۇ لېكىن خىتايدەك مۇھىم بىر بازارنى يوق قىلىۋىتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ، خىتاينىڭ 25 سۇلالىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىسى چىرىكلىشىپ ئاخىردا خەلق قوزغىلىڭى بىلەن گۈمران بولغان، خىتاي ج ك پ سىياسىتىدىمۇ چىرىكلىك ، ھەقسىزلىق گومىنداڭغا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى گومىنداڭنى چىرىكلەشكەنلىك ۋە يولسۇزلۇق ئەۋج ئالغان سەۋەپلىك ج ك پ يىقىتقان ئىدى.

خىتاينىڭ ئىلىم ۋە سېتىم كۈچى ئاجىزلىدى، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىنى 6 % تەرەققى قىلدۇرالمىسا، 1 مىليارت 300 مىليۇن نۇپۇسى بار خىتايدا ئىشسىزلىق كۆپىيىپ كىتىدۇ، خىتايدا ئىلگىرى كوللىكتىپ جىدەل كۆپ يوقتى، ھازىر يىلىغا كوللىكتىپ جىدەللەردىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋەقە چىقىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھ قىلىنىش كىرەك بولغان مەسىلىلەر.

تىبەت ، شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسى بېسىم تۇپەيلى شەرقى تۈركىستاندا يۇرتۋازلىق ئازايدى، چەتئەلدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئىتىپاقىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانغا قارىتا يۈرگۈزگەن قاتتىق سىياسىتى سەۋەپلىك ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلار مىللىيلىشىۋاتىدۇ، خىتايغا قارىتا قارشىلىق ، نازارلىق زورىيىۋاتىدۇ، خىتاي بۇ مەسىلىگە قانداق چارە تاپىدۇ بۇنى كەلگۈسىدە كۆرىمىز.

خىتايلار قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن ئانچە ئەپ ئەمەس، ۋېيتنام، فىلىپپىنلىقلار ئامېرىكىغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ، پاكىستان ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، بىرمامۇ غەربكە يېقىنلىشىپ دېمۇكراتلىشىش يولىغا قاراپ كىتىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى مىس قازىدىغان ئىشچىلىرىغا قارشى توقۇنۇش بولدى. خىتاي تارىخقا شۇنچە ئەھمىيەت بىرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇ ھازىر ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

خىتايدىكى ھەقسىزلىققا خاتىمە بىرىلمىسە خىتاي ج ك پ سى مۇنقەرىز بولىدۇ، ج ك پ مۇنقەرىز بولسا خىتاي دۆلىتى چۆكىدۇ.

18 – قۇرۇلتايدا يولسۇزلۇق ۋە چىرىكلىك بىر تەرەپ قىلىنمىسا دۆلەت چوكىدۇ دەپ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىغان خو جىن تاۋغا ئوخشاش ، ج ك پ يېڭى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ ج ك پ ئىچىدىكى چىرىكلىك ، يولسۇزلۇق ھەل قىلىنمىسا پارتىيە چوكىدۇ دېگەنلىكى خىتايدا ئىسلاھات قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي ئىسلاھات قىلالمىغان ئەھۋالدا ۋەيران بولىدۇ.

شى جىن پىڭ ، خو جىنتاۋ ۋە جىياڭزېمىنغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تۈۋەن قاتلامدىن ھەممىنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن بىلەن ئۆلكىلەردە ھۇقۇق تۇتقاندا بەك سۈرۈپ كەتكىنىمۇ يوق. خىتايدىكى ئاساسى ئىقتىسادى ساھەنىڭ ھەممىسىنى قىزىل شاھزادىلەر قولىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇپ، ئىسلاھات جەريانىدا بۇلارنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ شى جىن پىڭنىڭ ئەسكىرى نۇپۇزى قانچىلىك؟ بۇمۇ ھازىرچە ئىنىق ئەمەس. بىر مىليارت ئۈچ يۈز مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە بىر جەمىيەتتىكى ئىچكى مەسىلىلەرنى قانداق ئىسلاھات قىلىدۇ؟

 

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان سىياسىتى:

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان سىياسىتى ، ئاساسى جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى بولۇپ، ناھايتى قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ، ئاساسى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يۇقىتىۋېتىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان تارىخنى بورمىلايدۇ، دېنى ئىتىقادىنى چەكلەيدۇ، ئىقتىسادىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈمۈرىۋاتىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدىنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئىززەت ئابرۇيىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتىدۇ. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالدى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى رازى قىلماي تۇرۇپ تارىخى يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

يىغىن ئاخىرىدا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم يىغىن ئەھلىنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. 

ئاخىردا سۇرالغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىلگەندىن كىيىن بۇ قىتىمقى ئىستىراتىگىيە تەتقىقات دەرىسى ئاخىرلاشتى.

بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىڭ: يىغىن ۋىئو

Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close