
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىدە بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بولسۇن، تاشقى دۇنياغا ئۇنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىش تاكتىكىسى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ھالبۇكى، غەرب ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار ھەرخىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق تەنقىد قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بۇ خىل تاكتىكىلىرىنى نەتىجىسىز قالدۇرماقتا. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر ئاۋغۇستتىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا ئائىت دوكلاتى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گاي مىكدودوگال خانىمنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئامېرىكا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرى بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.
گەرچە خەلقئارا سەھنىلەردە يۇقىرىدا دېيىلىپ ئۆتۈلگەندەك دوكلات ۋە باياناتلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتى ھېچقاچان يۇمشاشقا قاراپ يۈزلەنمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇنىڭ تىپىك مىسالى خىتاينىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» قانۇن لايىھەسىدۇر. ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ شۇنىڭدەك پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى» ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانماقتا.
5-يانۋار «ئەلجەزىرە» تورىنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئىشلىگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك خەۋىرىدە بۇ خىل «خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خەۋەردە ئەڭ ئاۋۋال خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەر نەقىل ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتايدىكى سەككىز ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇلار بىلەن «ئىسلامنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە دىننىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشىدا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر» ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ياكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى نورمال دىنىي پائالىيەتلەرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىپادىسى» دەپ تەبىر بېرىلگەن بولۇپ، ناماز ئوقۇغان، روزا تۇتقان، ئۆيىدە دىنىي كىتابلارنى ساقلىغان، ساقال قويغان كىشىلەر ۋە ياغلىق چىگكەن ئاياللارنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئۇلاردىن بەزىلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولسا، بەزىلىرى سەۋەبسىز جىنايەتلەر بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.
«ئەلجەزىرە» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» لايىھەسى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەن. بۇنىڭ مىسالى يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر مەسچىتنى چاقماقچى بولغاندا، شۇ يەرلىك تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئائىت سىن كۆرۈنۈشىدۇر. سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان، ئەمما ئاخىرىدا شۇ «توقۇنۇشنى پەيدا قىلغان» تۇڭگانلار ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي كىملىكىگە قارىتا تەقىبلەش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىشىنىڭ ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى «سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» ۋە «ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.
ئۇنداقتا خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» دېگەن زادى قانداق بىر ئۇقۇم؟ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوپتىك ئىنژېنېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە مائارىپى مەسىلىلىرىدىمۇ ئىزدىنىۋاتقان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «خىتاي ئەگەر ئوچۇق-ئاشكارا ئىسلام دىنىنى يوق قىلىشنى باشلىسا، مۇسۇلمان دۇنياسى قوزغىلىپ قارشىلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دۇنيانى ئالداش جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى دىننى ‹سوتسىيالىزملاشتۇرىمىز› دېيىش ئارقىلىق، بۇ ئالدامچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقچى ھەم ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى،» دېدى.
شۇ قاتاردا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئىسلام دىنى بويىچە بىلىم ئىگىسى ئەيسا ساۋۇت قارى ئۆزىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا، ئەمما بۇ دىنىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ۋە مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ زامانلاردىن بېرى ‹دىننى سوتسىيالىزىملاشتۇرۇش› تەشۋىقاتىنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە ئاز-تولا سىڭدۈرۈپ كەلگەن ئىدى، ھازىرغا كەلگەندە ئۇنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ھەرقانچە ئېغىر كۈندە قالسىمۇ، ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن ياشاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار گەرچە خىتايلار بىلەن مەدەنىيەت، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن شۇنداق يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دىنى ئۇلارنى خىتايدىن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىمۇ مۇستەقىل ھاكىمىيىتى بولمىغان، ئەمما شۇ دىن ئۇلارنى خىتايدىن پەرقلىق تۇتۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىمانى سىنىلىدىغان بىر كۈرەش، دېيىشكە بولىدۇ.»
بۇلتۇر نويابىردا ئېچىلغان ب د ت نىڭ «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنى» دا خىتاي ۋەكىللەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق قوغداشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. يىغىن ئاخىرلىشىشى بىلەنلا خەلقئارادا ھەرخىل ئىنكاسلار بەس-بەستە سەھنىگە چىقىشقا باشلىغان.
شۇ قاتاردا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
«ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىدىمۇ سوفىي رېچاردسون خانىمنىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ سۆزىدە: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدىكى كەڭ كۆلەملىك قىيناش، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەردىكى ھەرخىل چەكلىمىلەر شۇنداقلا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قامالغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام كېڭىشى ئورگىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئەگەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت بىر مىليون مۇسۇلماننى تۇتۇپ سولىۋالغان بولسا، بىز چوقۇم دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىنغانلىقىنى كۈتكەن بولاتتۇق. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك،» دېگەن.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قەدەممۇ-قەدەم دەپسەندە قىلىشى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتسىز تۇرۇۋېلىشىدىن بولغان ئىكەن. ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئەگەر غەرب ئەللىرىدە ئىسلامغا قارشى بىر ماقالە يېزىلسا ياكى بىرەرى مۇقەددەس كىتابىمىز بولغان ‹قۇرئانى كەرىم› نى كۆيدۈرىمەن، دەپ تەھدىت سالسا، شەرق ۋە ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كوچىلىرى نامايىشقا تولۇپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، شۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئىسلامنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتسا، كۆپىنچە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئىنكاس چىقمايۋاتىدۇ. ئەسلى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھەرىكەتكە كېلىشى لازىم ئىدى،» دېدى.
«ئەلجەزىرە» تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي «خىتايچىلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ مەقسىتى بۇ دىننىڭ ئىبادەت شەكلىنى خىتاي بىلەن ماسلاشتۇرۇشكەن.