خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا شەرت قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىنلىكى، بىراق ئۇلارنىڭ مەلۇم رەسمىيەتلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ دۈشەنبە كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ جۈملىدىن ب د ت نىڭ مۇۋاپىق زىيارەت رەسمىيەتلىرىگە ئەمەل قىلسىلا زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلماقچى بولسا، خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن يىراق تۇرۇشى»، «ئوبيېكتىپ ۋە بىتەرەپ پوزىتسىيەدە تۇرۇشى كېرەك» ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر چەتئەل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا «ساختا مەيدان ياساش» تەك بەزى تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ تەشكىلاتلار خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى بىرقانچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكى، لاگېرلاردىكى يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى ئورۇنلارغا ۋە «ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» دېگەن نامدا يېڭى قۇرۇلغان سانائەت رايونلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.