خەۋەرلەر

ھەيئىتىمىز ھىندىنوزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىگە زىيارەتتە

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەيئىتى، 2019-يىلى 01-ئاينىڭ12- كۈنى مالايسىيا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرپ، ھىندىنوزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.
ھەيئەت ھىدىنوسىيەگە كىلىپلام ساھابەتۇلئەقسا تەرىپىدىن يوگياكارتا شەھىرىدىكى مەشھۇر چوڭ جامىلىرىدىن بىرى بولغان جوگوكارىيا جامىسىدە يوگياكارتانىڭ مەشھۇر ئالىملىرى، ئۈنېېرستىت ئۇستازلىرى، ساھابەتۇلئەقسا، مۇسۇلـمان ياشلار ھەرىكىتى، قېرىنداشلار تەشكىلاتى، مۇھەممەدىيە جامائىتى قاتارلىق بىر قانچە جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قېتىلىشدا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يېغىنغا قاتناشتى.
يېغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلـمانلار دۈچ كىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق ۋە زۇلۇم ئاڭلىتىلدى.
يېغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ھىندونىسيە مۇسۇلـمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قېرنداشلىقنى كۈچەيتىش، ھىندونىسيەدىكى ئىسلامىي جامائەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close