خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

26-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا 30 تۈرك تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمىسى بولغان «زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ ھەمكارلىقىدا زور تىپتىكى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى. نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى مۇستەبىت سىياسەتلىرى پاش قىلىندى.

نامايىشچىلار قوللىردا ئاي-يۇلتۇزلۇق تۈرك بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا زەيتىنبۇرنۇ 15- ئىيۇل مەيدانىغا جەم بولدى. ئۇ يەردىن زەيتىنبۇرنۇنىڭ مەركىزى بولغان 58- يولدا يۈرۈش قىلىپ، يولنىڭ ئاخىرىغىچە شۇئار توۋلاپ ماڭدى. بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر، تۈركلەردىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نامايىشچىلار بىردەك «قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «شەرقىي تۈركىستان يالغۇز ئەمەس» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلاپ يۈرۈش قىلدى. ئىككى كىلومتېرىغا يېقىن يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالەتەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

«خىتاينىڭ چۈشى قاباھەتلىك قارا بېسىشقا ئايلىنىدۇ»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «بۇگۈن قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدى. بۇ گۈزەل ئۈلگىنىڭ ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا بولۇشىنى خالايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۇزۇن يىللاردىن خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئاسسىمىلىياتسىيە، سۈرگۈن، دىنى ۋە مىللىي بېسىملار ئىچىدە ئىڭرىماقتا. ئەمما خەلقىمىز شۇنچىۋالا زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا، ئۆزىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي دىنىمىزنى يوق قىلىشقا ئورۇندى، قۇرئانلىرىمىزنى كۆيدۈردى. مەسچىتلىرىمىزنى يىقىتتى، بىراق ئىنسانلىرىمىز قۇرئاننى يۈرەكلىرىدە ساقلىدى. دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ھەر زامان قوغداپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي 2050- يىلىغا بارغاندا دۇنيانىڭ 1-نۇمۇرلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلىتى بولۇش چۈشىنى كۆرىۋاتىدۇ. بۇ چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىتاي قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مىليۇنلىغان يەرلىك ئىنسانلارنى لاگېرغا توپلىدى. ئۆيلىرىمىزگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماستىن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-پەريادلىرى دۇنياغا يەتتى. خىتاي ئاۋازىمىزنى كېسىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋازىمىز ئاخىرى تۈركىيەگە، مالايسىيەغا، ھىندونېزىيەگە ئاڭلىتىلىۋاتىدۇ ۋە تارقىلىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا، خىتاينىڭ بۇ چۈشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ چۈش خىتاي ئۈچۈن پەقەتلا قاباھەتلىك بىر قارا بېسىش بولۇپ قالىدۇ، خالاس.»

شۇنىڭدىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرىگە ۋاكالەتەن «ئېگىتىم بىر سەن»، يەنى مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستانبۇل رەئىس ۋەكىلى ئەھمەت جۇشقۇن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارغا لەنەت ئوقۇش، ”مۆمىنلەر چوقۇم قېرىنداشتۇر“ دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»

«3 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، سىستېملىق ھالدا ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىماقتا»

ئەھمەت جۇشقۇن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. زالىم خىتاي شەرقىي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تەقىپ سىياسەتلىرى نەسىللەرنى بۇزماقتا، مۇسۇلمانلارنىڭ جان ۋە ماللىرىغا سۈيقەست قىلماقتا. بۇنىڭغا قانائەت قىلماستىن خىتاي يەنە ھىتلېرنىڭ ناتسىستلار لاگېرلىرىنى ئەسلىتىدىغان جازا لاگېرلىرىغا نەچچە مىليون شەرقىي تۈركسىتانلىق ئەر- ئايال ۋە بالىلارنى قاماپ قويدى. ھازىر 3 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ‘قايتا تەربىيەلەش’ نامى ئاستىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، سىستېملىق ھالدا ھەر خىل ئىسكەنجىلەرگە ئۇچرىماقتا. خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى، تۇغۇت چەكلەش ۋە كۆچمەن خىتايلارنى يۆتكەش سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە رايوننىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقى بارغانسىرى ئۆزگىرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بېسىم، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققائۇچرىماقتا. بىز زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىرى تەشكىلاتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ قىلمىشلىرىنى  قاتتىق ئەيىپلەيمىز.»

ئەھمەت جۇشقۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ زالىمنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. ھەر زامان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى بۇ نامايىشىمىز ئارقىلىق ئىپادە قىلىمىز. خىتاي دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بىر قىرغىنچلىق قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭغا ھېچ كىمدىن ئاۋاز چىقمىدى. زالىمنى كۈچلۈك قىلغان نەرسە دەل ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىدۇر. بىز زەيتىنبۇرنۇ قېرىنداشلىق مۇنبىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان ھەقنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقسىزلىقنىڭ قارشىسىغا چىقىپ، زۇلۇمغا ھېچ بىر زامان سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىمىز نى بىلدۈرىمىز. زالىمغا قارشى مەزلۇملارنىڭ قېشىدا بولىدىغانلىقىمىزنى قايتا-قايتا جاكالايمىز.»

بۇ نامايىشقا قاتناشقا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،  بۈگۈنكى نامايىشقا كۆپلىگەن تۈرك جامائىتىنىڭ قاتناشقانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك خەلقىگە ياخشى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close