پائالىيەتلەر

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت قاپلان 2012- 23- دىكابىر كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلىرىنى كۈتۈۋالدى.


شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان ئەپەندى، 23- دىكابىر ئەتىگەن شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا سېمىنارىيۇم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سېمىنارىيۇمغا سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دىنىي زىيالىيلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.

سېمىنارىيۇمغا مەھمەت قاپلان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەن مەھمەت قاپلان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئۇتۇقلارنى قازانغانلىقىنى، شۇ ئەسنادا شىۋېتسىيەدىكى 4 چوڭ پارتىيىدىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللىنىپ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان « شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى » نى قۇرغانلىقىنى، كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش ياپۇنيەدىمۇ قۇرۇلغانلىقىنى، يېقىندا گوللاندىيەدىمۇ بىر گۇرۇپپا قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئاڭلاتتى. 


مەھمەت قاپلاننىڭ سۆزىدىن كېيىن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن جامائەت ئەربابى ئىنژىنىر ئابدۇللاھ ئالىم تۈركىستانى، گوللاندىيەدىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن مۇئاۋىن رەئىسى ئەيسا قارى، فىنلاندىيەدىن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئابدۇلھاپىز قارى، نورۋېگىيەدىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاتاۋۇللا قارى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى.

سېمىنارىيۇمدىن كېيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. كېيىن مەھمەت قاپلان مېھمانلارغا شىۋېتسىيە پارلامېنت يىغىن زالىنى زىيارەت قىلدۇردى.

سېمىنارىيۇم 23- دىكابىر كۈنى ئەتىگەن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 10:30 دە باشلىنىپ 11:30 دە ئاخىرلاشتى. بۇ بىر سائەتلىك سېمىنارىيۇم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.

Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close