قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئىسلامجاننىڭ تۈركىيەگە كىرىشكە روخسەت بېرىلدى

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئىسلامجاننىڭ تۈركىيەگە كىرىشكە روخسەت بېرىلدى
يېقىنقى مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پاسپورتى بىلەن تۈركىيە چېگراسىغا كىرىش جەريانىدا توسالغۇلارغا ئۇچرىغاندىن سىرت، قازاقىستان پاسپورتى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاشلا توسۇپ قېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. قازاقىستان پۇقراسى ئىسلامجان ياقۇپوف، 3 ئاي ئىلگىرى تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئايالى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن، 9 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ 24-مارت قازاقىستان چېگراسىدىن توسالغۇسىز ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا تۈرك چېگرا ساقچىلىرى ئۇنى توسۇپ قالغان ئىدى.
ئىسلامجان ياقۇپوف قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ-24-مارت كۈنى ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايروپورتىدا تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمەي توسۇپ قېلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ يول مېڭىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى نەتىجىسىدە ئىسلامجان ياقۇپقا 28 – مارت كۈنى تۈركىيەگە كىرىشكە روخسەت بېرىلدى.

ئىگەللىنىشىچە، بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى، يەنى بۇلتۇر 12-ئايدا قازاقىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن ئىسلامجاننىڭ ئايالى مۇيەسسەر ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، گەرچە ئۇ قازاقىستان پۇقراسى ئىسلامجان بىلەن توي قىلىپ 10 يىلدىن بېرى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ كەلگەن. ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە، قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان خىتاي پاسپورتىغا ئىگە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭمۇ قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇشقا 3 ئاي قالغاندا تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن.
مۇيەسسەر گەرچە 9 ياشلىق ئوغلى بىلەن سالامەت جەم بولغان بولسىمۇ، لېكىن يولدىشىغا قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ «تېررور گۇمانى» نى تېڭىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستانغا قايتۇرۇلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئىسلامجاننىڭ چېگرادا توسۇپ قېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ۋە ئائىلىسىنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي پاسپورتىغا ئىگە ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاقىستاندىكى قىسمەن پائالىيەتچان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يېقىندىن بۇيان ئاساسسىز ۋە ئىسپاتسىز ھالدا «تېررور گۇماندارى» دېگەن كاتېگورىيەگە كىرىپ قېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىكەن. ھىدايەتۇللا ئەپەندىنىڭ ئىسلامجان ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسىز بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىگىلىگەن دەلىللىرىگە قارىغاندىمۇ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ پاناھلىنالماسلىقى ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلالماسلىقى ئۈچۈن بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىشلىتىۋاتقان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن.
ئىسلامجان ھازىر ئىستانبۇل ئايرىدۇرۇمىدىن كىرىش روخسىتى بېرىلىپ ئىستانبۇلغا كىرىپ كەلدى ۋە ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى.

