« 26 – مارت يېڭىسار قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىمىز»

« 26 – مارت يېڭىسار قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىمىز» : يېڭىسار پاجىئەسىنىڭ 85 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاتالدى
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك 1931 – يىلى مارتتىن باشلانغان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قوزغىلىڭى 1933 – يىلغا كەلگەندە پۈتۈن ۋەتىنىمىزگە كېڭەيدى.
1933 – يىلى 14 – فېۋرال كورلا بىلەن كۇچا، 1933 – يىلى 24 – فېۋرال قاراقاش،خوتەن،
1933 – يىلى ئاپرىلدا قەشقەر تەۋەلىرى، مايدا قەشقەر شەھىرى خەلقىمىزنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى پۈتۈنلەي ئازات بولدى.
خوجىنىياز ھاجى تۇرۇۋاتقان تۇرپان – قۇمۇل، ئالتاي – سانجى تەرەپلەردە ۋەزىيەت بەكلا كەسكىن بولۇپ، بىر تەرەپتىن ماجۇڭيىڭ بىلەن ھاجىمنىڭ ئارىسى بۇزۇلۇپ تۇرپان – قۇمۇللار تۇڭگانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئالتايىسكى نامىدا قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئىلى – ئالتاي ۋە تارباغاتايدىن جەنۇپقا قىستاپ كەلگەنىدى. شۇڭلاشقا ھاجىم بىرەر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، 1933 – يىلى سوۋېتنىڭ ۋاستىسى بىلەن شېڭ شىسەي بىلەن « جىمىسار پۈتۈمى» نى ئىمزالاپ، قوشۇنلىرى بىلەن جەنۇپقا چېكىندى. ماجۇڭيىڭ بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇمۇل – تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە 1933 – يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنى قورشىۋالدى. بىراق كۈتۈلمىگەندە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئالتاي تەرەپتىن ئەۋەتكەن قوشۇن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، يوقىلاي دېگەن شېڭ شىسەينى قۇتقۇزۇۋالدى. يەنە بىر تارماق قوشۇن ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلىۋاتقان يوغان بۇرۇن جاڭ پېييۈەننىڭ ئۇۋىسى كۈرەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى ئولجا ئېلىپ، قوراللىرىنى غەنىمەت ئالدى. بۇنى ئاڭلىغان جاڭ يا ئالدىغا يا ئارقىغا ماڭالماي ئۆزىنى ئېتىۋالدى. ماجۇڭيىڭ بولسا قىزىل ئارمىيەگە تەڭ كېلەلمەي، كەڭسۇغا قاراپ قاچتى. ئەمما سوۋېتنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن بىر تۈركۈم زاپاس قوشۇنى تۇڭگانلارنىڭ تۇرپانغا چېكىنىش يولىنى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي كورلا تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى. ماجۇڭيىڭ تېخىمۇ تېز قېچىش ئۈچۈن كورلىدا داڭلىق سېۋىن ھېدىننىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى بۇلاپ، شۇ ئاپتوموبىللار بىلەن كۇچاغا قاراپ قاچتى.
ئەمدى جەنۇپنىڭ ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىدەك ئىدى:
تۆمۈر سىجاڭ / تۆمۈر ھارۋىكەش/ 1933 – يىلى فېۋرالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، توقسۇندىن كەلگەن پىدائىيلار بىلەن كورلىغا تېگىش قىلدى. كورلا خەلقىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن تېزلا غەلىبە قىلىپ، قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ، پىدائىيلارنى باشلاپ غەرپكە يۈرۈش قىلدى. ئۇ قىسقىلا ئۈچ ئاي ئىچىدە تاكى مارالبېشىغىچە بولغان تارىمنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىنلارنى قولىغا ئالدى. مارالبېشىدا تۇرۇۋاتقان 500 كىشىلىك مۇھاپىزەتچى قىرغىز قوشۇنىمۇ ئىسيان كۆتۈرۈپ، 5 – ماي قەشقەر شەھىرىنى ئالدى. نەچچە كۈندىن كېيىن قىرغىزلارنىڭ توپ بېشى ئوسمان ئەلى «تۆمۈر غازى» نى قىزغىن قارشى ئېلىپ، قەشقەر شەھىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
« مادوتەي» تەسلىم بولۇپ، جېنىنى ساقلىدى.
بىراق قەشقەر شەھىرى ئەزەلدىن مۇرەككەپ بىر جاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەرنىڭ چوڭلىرى « ئەزىزانە قەشقەر بىر ھارۋىكەشنىڭ قولىغا قاپتىمۇ!؟» دەپ گەپ تېپىپ، ھەممىسى قايىل بولغۇدەك بىرىنى باش قىلىپ سايلىيالمىغاچقا، تۆمۈر سىجاڭمۇ قەشقەردە لايىقىدا بىرەر ھۆكۈمەت قۇرالمىدى.
1931 – 1934 – يىللاردىكى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭلاردا خوتەننىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچە ئىدى. يۇقىرىقى ئۈچ يىل ئىچىدە ھېچبىر تەرەپ قۇرالمىغان ھۆكۈمەتنى تۇنجى بولۇپ مۇشۇ خوتەن ئىنقىلاپچىلىرى قۇرۇپ چىقتى.
ئەسلىدە 1930 – يىلى غۇلجىدا تېپىشقان مەسلەكداشلار سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋەدىلەشكىنى بويىچە 1932 – يىلى دېكابىردا ئاخىرى جەم بولدى.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كەلگەن سابىت داموللام « نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ھېچبىر دىنداش ياكى قېرىنداش دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى ئىمكانىيىتى يوق ئىكەنلىكى، پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىشتىن باشقا يول قالمىغانلىقى» نى بايان قىلىپ، رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى باشلىغان.
قوزغىلاڭنىڭ ماددىي تەييارلىقىنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1930 – يىلدىن بېرى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ بولغان بولۇپ، مەخپىيەتلىك سېزىلىپ قالغاچقا، 1933 – يىلى 24 – فېۋرال جۈمە قوزغىلىپ، شۇ كۈنىلا قاراقاشنى قولغا ئالغان.ئاندىن نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىپ، خوتەنگە ھۇجۇم قىلغاندا، ھۆكۈمرانلار بەك قورقۇپ كېتىپ، تېزلا تەسلىم بولغان.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ما دوتەي / ماشاۋۋۇ / دەرھال يەكەن ۋە قاغىلىق ئامباللىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خوتەنگە ئەسكەر تارتتى. بىراق ئۇلار تېزلا بىتچىت بولۇپ، 1933 – يىلى مارتتىن ئاپرىلغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدىلا شەرقتە چارقىلىقتىن غەرپتە يەكەنگىچە بولغان بىپايان زېمىن/ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن/ ئىنقىلاپچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. نەتىجىدە شۇ يىلى 5 – ئاپرىل « خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇپ، مۇھەممەدنىياز ئەلەم ئاخۇنۇم ھۆكۈمەت رەئىسى بولۇپ،« مېلىك ھەزرەت»، سابىت داموللام دىنىي داھىي بولۇپ « شەيخۇل ئىسلام»، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەربىي ئىشلار نازىرى بولۇپ « ئەمىر ھەزرەت» دەپ ئاتالدى.
1933 – يىلى 7 – ئايدا سابىت داموللام يەكەن ۋە خوتەن ئىنقىلاپچىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇتۇقلۇق ھەل قىلىپلا، قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان. تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە ھازىرچە كىرمەسلىكىنى، يېڭىسارنى چېگرا قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلغان. بىراق سابىت داموللام قەشقەرگە كىرىشتە چىڭ تۇرغان. نەتىجىدە تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭدىن بەك خاپا بولۇپ قالغان. سابىت داموللام ئەمىر ھەزرەتنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە ئىككى مىڭ ئەسكەرنى باشلاپ قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. شەھەر سىرتىدا ئوسمام ئەلى، سېتىۋالدىجان قاتارلىق قەشقەر چوڭلىرى ئون مىڭلىغان ئاۋام بىلەن داموللامنى داغدۇغىلىق قارشى ئالغان.
ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەردىكى ماجۇڭيىڭنىڭ خادىمى چولاق مازىخۇي قەشقەردىكى پۇت تېپىشىشتىن ئايدىلىنىپ، دەرھال تۆمۈر سىجاڭ تەرەپدارى بولۇۋېلىپ، باشقا ھەربىي كۈچلەرنى سىقىپ چىقىرىشقا باشلىغان. شاپتۇل داموللا قاتارلىق بىر نەچچە كىشى تۆمۈرگە سابىت داموللامنى چېقىشتۇرۇپ، خوتەن قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، يەكەنگە قايتۇرۋەتكەن. سابىت داموللام بىلەن ئىككى ئەمىرنى تۇتقۇن قىلىپ، نەزەربەنت قىلغان.بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغان ئوسمان ئەلى قوشۇنىنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر سىجاڭ تۇڭگانلارنى ئوسماننى قوغلاشقا ئەۋەتىپ، ئارقىدىن ئۆزى نازارەت قىلغىلى چىققان. بىراق تۇڭگانلار شەھەردىن ئۇزاقلاپ كەتكەن تۆمۈر سىجاڭنى 8 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى توغراق مازاردا ئېتىپ تاشلاپ، كەينىدىنلا قەشقەر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، خەزىنىدىكى بارلىق بايلىقلار ۋە ھۆججەتلەرنى يېڭىشەھەرگە ئاچىقىپ كەتكەن.
شۇ كۈندىكى مالىمانچىلىقتا سېتىۋالدىجان سابىت داموللام بىلەن ئەمىرلەرنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئەمىرلەر يەكەنگە قايتىپ قوشۇننى تەرتىپكە سالغان. سابىت داموللام بىر قىسىم ئىنقىلاپچىلار بىلەن بىللە ئاتۇشقا چېكىنىپ، ئوسمان ئەلىگە ئادەم ئەۋەتكەن. نەتىجىدە سابىت داموللام بىلەن ئوسمان قىسىملىرى 15 – ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىنى قايتۇرۋالغان.
كېيىنكى ئۈچ ئايدا قەشقەر ۋەزىيىتى بەكلا مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. سابىت داموللامنىڭ ئىناۋىتى تېز ئۆسۈپ، باشقا ئاتامانلار ھەتتا ئۆز قوشۇنىنى تىزگىنلەشتىنمۇ مەھرۇم قالغان. ھەممە بىردەك داموللامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنغان. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر داموللام جۇمھۇرىيەتنى خوتەندىكى ئەمىر ھەزرەت ۋە كورلىدىكى خوجىنىياز ھاجىغا ئالدىن مەسلىھەت سېلىپ، پىكىر بىرلىكىگە كەلمەي تۇرۇپلا شۇ يىلى 12 – نويابىر ئېلان قىلغان.
1934 – يىلى 1 – ئايدا خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي روزا ھېيت كېلىپ، پۈتۈن قەشقەر ھېيتلىق شاتلىققا چۆمگەن بىر پەيتتە، يەنى بارلىق قوشۇن روزا ھېيت نامىزىغا تۇرغان چاغدا يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلار قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرگەن. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئامما مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىدىن ئەسەر قالمىغان بۇ تۇڭگانلارنى چېكىندۈرۈپ، قايتا يېڭىشەھەر سېپىلىغا ھەيدىۋەتكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېڭىشەھەر ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىن باسقۇچقا ئۆتۈپ، تۇڭگانلار تەسلىم بولماقچى بولغان. بىراق ئۇلارنىڭ بىر قاسساپ سىياقلىق جاسۇسى قەشقەردىن « ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرنىڭ قەشقەر تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى»نى مەلۇم قىلغان. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان تۇڭگانلار گېپىدىن يېنىۋېلىپ، تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئاخىرى مامۇت سىجاڭ تۇڭگانلارنى پۈتۈن بىر كۈن ھالسىرىتىپ، چارچىتىپ، ئاندىن شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە سېپىلغا يامىشىپ چىقىپ، سېپىل دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىش پىلانى تۈزگەن. بىراق ئون نەچچە ئەسكەر ئەمدىلا سېپىلغا چىقاي دېگەندە، سەپنىڭ پەستىن « نامەلۇم بىر خائىن» پاڭ ! قىلىپ بىر پاي ئوق چىقارغان. بۇنىڭدىن چۆچۈپ ئويغانغان تۇڭگانلار دەرھال ئوق چىقىرىپ، كۆپلىگەن يىگىتلەرنى شېھىت قىلغان. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار كېچە – كۈندۈز پوستتا تۇرۇشنى يولغا قويغان. نەتىجىدە يېڭىشەھەرنى ئېلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى قولدىن كەتكەن.
ماجۇڭيىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۇدۇللا قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بىر شۇملۇقنى سەزگەن ئەمىر ھەزرەت چوڭ ئىنىسى بىلەن نەچچە يۈز سەر خىل ئەسكەرنى بۈگۈرگە ئەۋەتىپ، ئەپلىك بىر جايدا كورلىدىن كېلىۋاتقان تۇڭگانلارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن يولغا سالغان. چۈنكى ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان دېھقان يىگىتلىرى ماجۇڭيىڭنىڭ رەسمىي زامانىۋى قوراللانغان گومىنداڭ 36 – دېۋىزىيىسىنى چېكىندۈرۈشى مۈشكۈل ئىدى. ھەتتا سوۋېت ئارمىيىسىمۇ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشتا زور چىقىمغا ئۇچرىغانىدى. ناۋادا ھاۋا ئارمىيىسى كەلمىگەن بولسا، تېخىمۇ چىقىم تارتاتتى. ئۇلار تۇڭگانلارنى بۈگۈردە، كۇچادا، ئاقسۇدا، ئۇچتۇرپاندا، مارالبېشىدا، ئاخىرىدا پەيزاۋاتتا كېچىلىرى ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈشىنى ئاستىلىتىپ، قورقۇنچىنى كۈچەيتتى.
بۇ ئىشلار كېيىنچە تۇڭگانلارنىڭ يېڭىساردا ۋەھشىيلىك قىلىشى، خوتەننى ئۈچ يىل بېسىپ يېتىش جەريانىدا تالاي كىشىلەرنى يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قىرىپ تاشلاشقا سەۋەپ بولدى.
1934 – يىلى 6 – فېۋرال قەشقەر شەھىرى قولدىن كەتتى. ئەتىسى بىر قىسىم ئۆزبېك قىسىملىرى شەھەر ئىچىدە تۇڭگانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقاچقا، شەھەر ئىچىدە يوشۇرۇن قوشۇن بار ئىكەن دەپ گۇمانلانغان تۇڭگانلار ئۈچ كۈن قەتلىئام پەيدا قىلىپ، ئون مىڭدەك مەسۇم خەلقنى قىرىپ تاشلىغان.
1934 – يىلى 14 – فېۋرالدىن باشلاپ ئۇلار يېڭىسارغا ھۇجۇم باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى تۆت بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، خوجىنىياز ھاجىم باشلىق بىر قىسىم قوشۇن ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، ئازراقلا ئادىمى بىلەن سوۋېت چېگرىسىغا بېرىۋالغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مامۇت سىجاڭ ئاساسلىق كۈچىنى يېڭىسارغا يۆتكەپ، ئىككى ئەمىر بىلەن شەھەر سېپىلىنى قوغداپ تۇرغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن پېشقەدەم قوراللىق ئەسكەرلەر باش شىتاپ باشلىقى يۈسۈپچان قۇربېشىنىڭ قوماندانلىقىدا تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، تەڭ كېلەلمەي تاشمىلىققا چېكىنىپ كەتكەن. سابىت داموللام بىر قىسىم ئەسكەرلەر بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپپاراتلىرىنى يەكەندە قايتا ئىشقا كىرىشتۈرگەن. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بولسا يەكەن ۋە يېڭىساردا قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ، 40 كۈنلەپ تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى بىر تەرەپتىن ئەركەشتامدىكى خوجىنىياز ھاجىغا جۇمھۇرىيەتنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە قىستىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۇڭگانلارنى يېڭىسارغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتكەن.
نەتىجىدە 1934 – يىلى 26 – مارت قۇربان ھېيت كۈنى ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سېپىلنى ئىگىلىۋېلىپ، دەھشەتلىك قوچاقلاشما جەڭ ئارقىلىق يېڭىسارنى ئىشغال قىلغان. ئەمىر نۇرئەھمەد / ئەمىر ساھىب/ بىلەن ئاكىسى ئەمىر ئابدۇللا / شاھ مەنسۇر/ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا پۈتۈن قوشۇنى بىلەن شېھىت بولغان. گەرچە مامۇت سىجاڭ كۆپ كۈچىگەن بولسىمۇ، بىراق تۇڭگانلارنى چېكىندۈرەلمىگەن.
بىر كۈن بۇرۇن قورشاۋنى بۆسۈپ،سېپىل تۈۋىگە كېلىپ، ئىككى ئەمىرنى يەكەنگە چېكىنىشكە دالالەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار ھايات – ماماتتا يېڭىسار خەلقى بىلەن بىللە بولىدىغانلىقى توغرىلىق قەسەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلغان. بۇ جەرياندا تاشمىلىقتىكى يۈسۈپچان زادىلا ياردەمگە كەلمەي، مەزكۇر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان.
ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجى سوۋېت تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان 12 ماددىلىق كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ، يەكەنگە قايتقان. ئەمىر ھەزرەتمۇ ئىنىلىرىنىڭ پۈتۈن قوشۇنى بىلەن يېڭىساردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تېزدىن بىر قىسىم سەرخىل ئەسكەرلىرى بىلەن يەكەنگە كەلگەن.
سوۋېتنىڭ بېسىمى، تۇڭگانلارنىڭ تەھدىتى، سەۋىيە ۋە خۇي – مىجەز پەرقى تۈپەيلىدىن رەھبەرلەر يەكەندىكى ھەپتىلىك كېڭەشتە زادى بىرلىككە كېلەلمەي ئارىسى بۇزۇلغان.
نەتىجىدە 1934 – يىلى 13 – ئاپرىل خوجىنىياز ھاجى مامۇت سىجاڭنى سابىت داموللام، ئەدىلىيە مىنىستىرى زېرىپ قارىھاجىم، ھەربىي ئىشلار نازىرى سۇلتانبەگ ۋە ئەمىر ھەزرەتلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.بۇنى ئالدىن سېزىپ قالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا سابىت دەموللامغا خوتەنگە كېتىش تەكلىپى بەرگەن. بىراق سابىت داموللام « بولار ئىش بولدى! ناۋادا بىز قاچساق ھاجىمنىڭ كاللىسى كېتىدۇ. ھاجىم نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇرۇشتا پىشقان بىر غازى. ۋاختى كەلگندە يەنە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ. بىز ئوخشىمايمىز، شۇڭا قۇربانلىق بەرمەي بولمايدۇ! سىلى كېتىۋەرسىلە» دەپ چىرايلىق رەت قىلىدۇ. زېرىپ قارىھاجىم بىلەن سۇلتانبەگمۇ بىللە قېپقالىدۇ. ئەمىر ھەزرەت ئەمدىلا قوشۇنلىرى بىلەن قاغىلىق تەرەپكە چىقىپ كېتىشى بىلەن يەكەندە بىر مەيدان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈز بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، تارىختا تۇنجى قۇرۇلغان تۇنجى مىللىي جۇمھۇرىيىتىمىز جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ بۇيرۇقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا مۇنقەرز بولىدۇ.
سىتالىن تېخىچە يەكەندىن چارقىلىققىچە بولغان كەڭ زېمىننى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدە كەڭسۇغا كېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تۇڭگانلارغا شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن بۇيرۇق بېرىپ، يەكەندىن چىڭخەي چېگرىسىغىچە بولغان بىپايان زېمىننى ئۇلارغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ. « بۇنداق قىلىشنىڭ سىتالىننىڭ شېڭغا تېخى تولۇق ئىشىنىپ بولالماي، ئۇ ئاسىيلىق قىلغان زامان تۇڭگانلارنى ھەر ۋاقىت شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىش ئۈچۈن زاپاس ساقلاپ قويغانلىقى، ياكى 1931 – 1934 – يىللاردىكى ئىنقىلابتا ئۇتۇقلۇق ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن خوتەن ئىنقىلاپچىلىرىنى تولۇق تازىلىۋەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس».
1934 – يىلى ئىيۇلدا سوۋېتنىڭ تەقسىماتى بويىچە خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىللە ھوقۇق تۇتىدىغان، ماجۇڭيىڭ سوۋېتكە چىقىپ كېتىدىغان، ماخۇسەن 36 – دېۋىزىيىنى باشلاپ، يەكەن دەرياسىدىن تاكى چارقىلىققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، يولۋاس تۇرپان- قۇمۇلنى باشقۇرۇپ، خوجىنىياز ھاجىغا مەدەت بېرىدىغان، مامۇت سىجاڭ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىدىن تاكى ئاتۇشقىچە بولغان پۈتكۈل قەشقەرنى باشقۇرىدىغان، يۈسۈپچان قوماندانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەرنى سوۋېت تەرەپ يىغىشتۇرىدىغان بولىدۇ.
نەتىجىدە 1934 – يىلى ئاۋغۇستتىن، 1937 – يىلى ئاپرىلغىچە نىسبەتەن تىنىچ، ئەمما چوڭ بالا – قازالارنىڭ شەپىسى كېلىۋاتقان ئەنسىز يىللار باشلىنىدۇ. « داۋامى ئاپرىلدا چىقىدۇ».
يېڭىسارنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەندى.
2019 – يىلى 3 – 26 – مارت سەيشەنبە