خەۋەرلەر

ئىقامەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوقتۇرۇش

ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئېزىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار!
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە گۆچ ئىدارىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشلەر نەتىجىسىدە يېقىندىن بېرى خەلقىمىزگە كۈتۈپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئاخرى ھەل بولدى. گۆچ ئىدارىسىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن ئۇشبۇ كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ ۋە مۇنۇ ئىجرائاتلارنى تولۇقلاپ ئېلىپ بارىدۇ؟
1- 2019- يلىدىن بۇرۇن كىرگەنلەر ئىلتىماس قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىرگەنلەر باشقا خىلدىكى ئىقامەت ئالالايدۇ.
2- پاساپورتى بارلار، پاساپورتىنىڭ كوپىسى بولغانلار، ساياھەت بەلگىسى بولغانلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
3- پاساپورتى يوقاپ كېتىپ كوپىسى بولغانلارمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
4- يوقۇرىدىكى دوكۇمانتلىرى بولغانلار ئادلىيە ئ‍ىدارىسىدىن ئادلى سىجىل بەلگىسى ئېلىپ كېلىدۇ.
5- پاساپورت، پاساپورتنىڭ كوپىسى، ساياھەت بەلگىسىنىڭ كوپىسى، پاساپورت يوقاپ كەتكەن بولسا كوپىسىنىڭ بىر كوپىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
6- 4 تال بىيەمەترىك رەسىم
7- ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن راندەۋۇ ئېلىپ راندەۋۇ كۈنىدە بارىدۇ.
8- بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار راندەۋۇ كۈنى ۋە سائەتىدە گۆچ ئىدارەسىگە كېلىپ M ئۇدىسىغا چىقىدۇ.
9- ئىنسانى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغان خەتلەتكەن، ئېلىپ بولغانلارمۇ ئۇزۇن دۆنەملىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالايدۇ.
10- تۈركىيدە تۇغۇلغان بالىلار توغۇت بەلگىسىنى ئېلىپ ۋە كوپىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

دىققەت: 
1- بۇ ئىقامەت ئۈچۈن دەرنەك ۋە ۋەقىپلەردە تىزىملاش ئىشى بولمايدۇ.
2- ئىمزاغا بېرىۋاتقانلار ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلالمايدۇ.
3- ئىمزاغا بېرىۋاتقانلار ئىنسانى ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلسۇن، ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئاشۇ ئ‍ىستىسنايى ئىقامەت بۆلۈمى قاراپ بېرىدىغان بېرىدۇ، بېرىلمەيدىغانلار بولسا بەرمەيدۇ.
قولىدا ھېچنېمە بولمىغانلار قەتئى مۇراجات قىلالمايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button