ماقالىلار

مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى نامدا ماقالە ئېلان قىلىندى

تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى ئاكىت گېزىتىدە «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

 خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىم سىياسەتلىرى تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى ئاكىت گېزىتى ۋە دۇنيا بۇلتەنى، تايىم تۈرك، خەبەر7 قاتارلىق تور زىيارەتچىلىرى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان، ئېتىبارلىق تور گېزىتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىملىرىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 2012 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنىدىكى سانىدا «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالە يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ شۈ كۈنكى باش تېمىسى بولۇپ چوڭ ھەجىمدە يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان.

بۇ ماقالىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى بېسىملىرىنى ئەيبلەپ مۇنداق دېيىلىگەن: ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى ھۆججەتلەشتۇردى. خىتاي ھاكىمىيىتى  مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق بىر ئىسلامى پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقى ۋە ئاياللارنىڭ  رومال ئارتماسىلىقى ئۈچۈن ۋەدىنامە يازدۇرۇپ ئىمزا قىلدۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىمزا قىلدۇرغان،  خىتايچە ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان 4 ماددىلىق بىر ھۆججىتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بېسىلغان بولۇپ بۇ ھۆججەتكە تۆۋەندىكىدەك ۋەدىنامىلەر يېزىلغان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ھىمايە قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئائىلىدە قانۇنسىز دىنى پائالىيەت قىلماسلىق، قانۇنسىز ئۈن – سىن بويۇملىرى ساقلىماسلىققا ۋەدە بېرىش. ئائىلە ئىچىدە روپاچ ئاياللارنىڭ بولماسلىقىغا ۋەدە بېرىش ۋە روپاچ ئاياللارنىڭ ئۆيگە كىرمەسلىككە ۋەدە بېرىش. كۈندۈلۈك تۈرمۇشتا قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ۋە روپاچ ئاياللارنى كۆرگەن ھامان دەل ۋاقىتىدا تەشكىلگە مەلۇم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىش دېگەنگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇ ۋەدىنامىگە ئۇيغۇرلارنى ئىمزا قىلىشقا زورلىغان.

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدا ياغلىق ئارتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سودا – سارايلارغا كىرىشىمۇ چەكلەندى، دېيىلگەن.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلىگەن: مۇسۇلمانلارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىغان خىتاي دۆلىتى ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىغا روخسەت قىلمايدۇ. روزا تۇتقان مەمۇرىي كادىرلارنى تىزىمغا ئېلىپ چۈشلۈك تاماق يىيىشكە زورلايدۇ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە پۇل جازاسى قويۇپ مائاشىدىن كىسىپ قالىدۇ.  ئوقۇغۇچىلارغا تەتىل بولغان بولسىمۇ ھەر جۈمە كۈنلىرى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە توپلاپ روزالىرىنى بوزۇش ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق بېرىدۇ ۋە جۈمە نامازغا بېرىشنى توسىدۇ.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مۇسۇلمانلارغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان خىتاي، خوتەن شەھىرىدە بولسا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، خوتەن ئالتۇن – يۇلتۇز سودا شېركىتى تەرىپىدىن تامغا چاپلانغان بىر ھۆججەتتە،  يۈزىنى ئورۇغان، رومال ئارتقان ئاياللارنىڭ تاللا بازىرى ۋە سودا – سارايلارغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ، دىنى تۈس ئالغان كىيىنلەرنىڭ سېتىلىشىمۇ چەكلەنگەنلىكى يېزىلغان.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلىگەن: مۇسۇلمانلارنى ئاسىمىلىياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىغان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇلار كۇپايە قىلمىغاندەك يەنە مۇسۇلمانلارنى دىنى مەركەزلەرنى ئېچىشغا، قۇرئان كۇرسى ئېچىشىغا روخسەت قىلمايدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىنى مەدرىسە ۋە قۇرئان كۇرۇسلىرى ئېچىشنى چەكلەيدۇ. روخسەتسىز ئېچىلغان قۇرئان كۇرۇسلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتۇپ قامايدۇ. خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى كوچىلاردا كۆرگەندە تۇتىۋېلىپ زورلۇق قىلىدۇ. رومال ئارتقان ئاياللارنى كۆرگەن ھامان بېشىنى ئېچىشقا مەجبۇرلايدۇ.

 دۇنيا بۇ زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلمىسۇن

ماقالىدا يەنە دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي زۇلۇمى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن رومال ئارتتى دېگەننى باھانە قىلىپ دوختۇرخانىغا كىرىشكە روخسەت قىلمايدىغان ھۆججەت چىقاردى.  دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانغا ئوخشاش مۇسۇلمانغا ئوخشاش ياشاشنى خالايدۇ، دۇنيا جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا كۆز يۇمماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە يېقىندىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇچۇر ۋە ماقالە ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

بۈگۈن يەنە دۇنيا بۇلتەنى تور گېزىتىدە، «خىتايدا يېڭىدىن ئاسىمىلىياتسىيە ھەرىكىتى» ، «شەرقىي تۈركىستاندا پۈتكۈل دىنى پائالىيەتلەر چەكلەندى» دېگەن تېمىلاردا،  تايىم تۈرك تور گېزىتىدە بولسا، «شەرقىي تۈركىستاندا ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش چەكلەندى ۋە رومال ئارتقانلارنىڭ سودا – سارايلارغا كىرىشى چەكلەندى» دېگەن تېمىلاردا ماقالىلار ئېلان قىلىندى.

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى دېگەن تېمىدىكى ماقالە تۈركىيىنىڭ كۆپلىگەن تور بىكەتلىرىدە كەڭ تۈردە نەقىل قىلىپ تارقىتىلدى ۋە بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close