خەۋەرلەر

شىمالى ياۋرۇپا ئىسلام بىرلىكى يىغىنىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى

ھەر يىلى شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شىمالى ياۋرۇپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ 32 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ خەلقئارالىق يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇشۇنىڭ بىلەن تۆتىنجى يىلىغا قەدەم قويغان بولدى. يىغىن 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى باشلانغان بولۇپ، 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى كەچكىچە داۋام قىلىدۇ.

بۇ يىغىنغا ھەر يىلى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن بىر ھەيئەت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشماقتا بولۇپ، بۇ يىل جەمئىيىتىمىزنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋە باش كاتىب ئابدۇلئەھەد ئابدۇرراھمان قاتناشتى.

يىغىن ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىاتتا ئېچىلغان بولۇپ، شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئاچقان كۆرگەزمە يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىلا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم شۋېتچە ۋە ئەرەبچە قويۇلغان.

كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئابدۇللاھ ئالىم ئەپەندى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى بىر سائەتكە يېقىن يىغىن ئەھلىگە سۆزلەپ ئۆتكەن ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close