شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي

بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلغۇچى – مۇمىنجان سىدىق
ماقالىنىڭ مەنبەسى: مەنار ژۇرنىلى، 33 – جىلد، 8 –بۆلۈم، 621 – بەتتىن 624 – بەتكىچە.
نەشر تارىخى: ھىجرىيە 1352 – يىلى، رامىزاننىڭ 14 –كۈنى؛ مىلادىيە 1933 – يىلى، 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى.مەنار مەتبەسى، مىسىر.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي
يازغۇچى: سابىت ئابدۇلباقى (سابىت داموللام)
«بۇ، ئىنقىلاب ئەركانلىرىدىن بىرى بولغان دوستىمىز، ئۆرنەك مۇجاھىد، مۆھتەرەم ئۇستاز، ئەمەلىيەتچان ئالىم، پىشقەدەم شەيخ سابىت ئابدۇلباقى (ئاللاھ ئۇنىڭغا كۈچ – قۇۋۋەت بەرسۇن)نىڭ قەلىمى بىلەن «مەنار» ژۇرنىلىغا يېزىلغان رىسالە بولۇپ، ئۇ بىزگە بۇ خەت بىلەن يەنە بىر پارچە خۇسۇسىي خەت يازغان. ئۇ بۇ خۇسۇسىي خېتىنى ئىلگىرى بىزدىن يېڭى قۇرۇلىدىغان دۆلىتى ئۈچۈن ئىسلام ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ بېرىشىمىزنى ئىلتىماس قىلىپ ئەۋەتكەن خېتىنىڭ نەتىجىسىنى سۈلەپ يازغان ئىكەن. ئاللاھ خالىسا، پات يېقىندا بىز ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇندايمىز».
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، پەيغەمبىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار يوللايمىز. گەرچە كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەقنى ھەق، باتىلنى بەربات قىلىدۇ.
ئۆلىمالار رەئىسى، مۆھتەرەم ئۇستاز، كاتتا ئالىم، پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزاغا (جانابىي ئاللاھ بىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!)
ئالدى بىلەن ھۆرمەت ۋە سالاملىرىمنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، جانابىي ئالىيلىرىغا شۇنى خەۋەر قىلىمەنكى، ئەزىز ۋەتىنىمىز 58 يىلدىن بۇيان كاپىرلارنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارىتى ئاستىدا زىندانغا ئايلىنىپ، خار – زەبۇنلۇق ئىشكەللىرى بىلەن ئەسىر تۇتۇلماقتا ۋە كاپىرلار زۇلۇمدا ھەددىدىن ئېشىپ، شەرقىي تۈركىستان ئاھالىلىرىنى خۇددى خوجايىن قۇللىرىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ھەتتا ئۇلار كاپىرلارنىڭ ئالدىدا قۇللاردىنمۇ خار، ئەڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، كاپىرلار ئۇلار ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ كېلىۋاتاتتى. كاپىرلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىگە بولغىدەك ھېچ نەرسە قالمىغان، خۇددى ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاپىرلارغا نىسبەتەن قۇل، ماللىرى كاپىرلارنىڭ مېلىغا ئايلىنىپ، كاپىرلار ئۇنى ئۆزلىرى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى؛ بەزىدە ئۇلارنىڭ پۇل –ماللىرىنى بۇلاپ – تالىسا، يەنە بەزىدە ئۇلاردىن تاقىتى يەتمەيدىغان رەۋىشتە باج – خىراج ئالاتتى. ئەگەر ئۇلار باج – سېلىقنى ئازراقلا كېچىكتۈرۈپ قويسا، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى جازىلىغاندىن سىرت، ئاقساقاللىرىنىمۇ ئۇرۇپ –سوقۇپ، باشلىرىنى يېرىۋېتەتتى، نامراتلارنى كوچا –كوچىلاردا، شەھەر – يېزىلاردا سازايى قىلاتتى. باج –سېلىقنى ئازراق كېچىكتۈرۈپ قويغانلارنىڭ جازاسى بۇ بولسا، ئۇزۇنراق كېچىكتۈرۈپ قويغانلارنىڭ ھالى نېمە بولار دەيسىز؟! ئۇلار پۇت – قوللىرىغا ئىشكەل سېلىنىپ، زىندانلارغا تاشلىناتتى.
بۇ زۇلۇم مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋالىسى جىڭ جاڭجۇڭ (جىڭ شۆرىن)نىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئاھالىسى ئەسلا تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارغاندا، ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – سىتەملەرنى تېتىپ، چىداشقا دەرمانى قالمىغان شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسى ئارىسىدىن ئىنقىلاب رەئىسى، قەھرىمان ۋە باتۇر غازىي مۇھەممەد نىيازھاجىم (خوجا نىيازھاجىم) ھىجرىيە 1349 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدىن چىقىپ، كاپىرلارغا قارشى خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلدى. بۇ ئەزىز ۋەتەننى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن خالاس قىلىش، ئىسلام مىللىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جانلىرى، ماللىرى ۋە تۇغقانلىرىنى پىدا قىلدى. قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە كاپىرلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن مىڭلارچە زالىم كاپىرلارنى ئۆلتۈردى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ يېگانە ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىسى بولمىدى. تۇڭگان تائىپىسىدىنمۇ نە يەككە، نە كۆپچىلىك ھالدا ياردەم قىلغۇچى بولمىدى.
غازىي رەئىس پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى بولغان كاپىرلار بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، 1351 – يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 15 – كۈنى تۇرپان ۋىلايىتى تەرەپتىنمۇ، شەھەرنىڭ فەتھى قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى. خەۋەردە: «تۇرپاندىكى كاپىرلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، شەھەرنى ساق – سالامەت قولغا ئالدۇق» دېيىلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر – بىرىنى تەبرىكلەشتى. مۇشۇ ۋاقىتقىچىلىك تۇڭگان تائىپىسى ئۆيلىرىدە بىخارامان ئۇخلىغان، قورولىرىدىن ھېچ چىقمىغان ئىدى.
غازىي خوجا نىيازھاجىمنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىرىدا ئورغاق، پالتا، ئاز مىقداردا قىلىچ ۋە قارا مىلتىق بولۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن كاپىرلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى تارقىغاندىن كېيىن، تۇڭگان تائىپىسىدىن بەزىلەر بۇ خەۋەرنىڭ راست – يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، باشلىقى بىر گۇرۇپ تۇڭگان ئەسكىرىنى خوجا نىيازھاجىمغا قوشۇلۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلار كېلىپ، مۇجاھىدلار سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن: «بىز كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ شەھەرلەرنى فەتھى قىلىشتا سىلەرگە ياردەم قىلىمىز» دېدى. خوجا نىيازھاجىممۇ: «ياخشى» دەپ قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ سانى 36 نەپەر ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار غازاتقا يۈرۈش قىلىپ چىققاندىن كېيىن، غازىي خوجا نىيازھاجىمنىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، قارا شەھەرگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن قارا شەھەرنى شۇ يىلى رامىزاننىڭ 27 – كۈنى فەتھى قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالدى. ئاندىن شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى كورلا شەھىرىنى فەتھى قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈر شەھىرىمۇ خوجا نىيازھاجىمنىڭ باشقۇرۇشىغا كىردى. ئەسلىدە، بۈگۈر شەھىرى شۇ شەھەر ئەھلىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فەتھى قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىشى دىندار، ئابرۇيلۇق بىرى ئىدى. ئۇ كىشى شەھەرنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن، غەنىيمەتلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، خوجا نىيازھاجىمنىڭ قارا شەھەردىن كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.
شۇ كۈنلەردە، قارا شەھەرنىڭ ئەمىرى تۇڭگانلاردىن بىرى بولۇپ، خوجا نىيازھاجىم ئۇنى ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، قارا شەھەر تۇڭگانلىرىغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئەمىر تەيىنلىگەن ئىدى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئۇ ئەمىر خوجا نىيازھاجىمنىڭ بايرىقى ئاستىدا بۈگۈرگە كېلىپ، يىغىلغان غەنىيمەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، پۇل – مالغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئاللاھتىن قورقمىغانلىقى ئۈچۈن، غەنىيمەتنىڭ ھەممىسىنى قارا شەھەردىكى ئۆيىگە يوللىۋېتىپ، خوجا نىيازھاجىمغا ھېچ نەرسە تاپشۇرمىدى. ئاندىن، غەنىيمەت مەسىلىسىنى پاش قىلىپ قويمىسۇن دەپ، بۈگۈر شەھىرىنى فەتھى قىلغان قومانداننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ، ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە خىيانەت قىلدى.
ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە قىشلاقلىرىدىكى زۇلۇم كۆرگەن ئىنسانلارمۇ مەزكۇر فەتھى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىنى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەتكە ئۆتتى. لېكىن ئۇلار غازىي رەئىسنىڭ كېلىشىنى، كاپىرلارغا قارشى ئۇنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا جىھاد قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
بۇ كۈنلەردە، مەزكۇر تۇڭگان تائىپىسى ئۆزلىرىنىڭ ساناقلىق كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە، مەسىلەن، قارا شەھەر، تۇرپان، كورلا ۋە باشقا شەھەرلەرگە تارقاپ، غازىي خوجا نىيازھاجىم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى رەت قىلدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۇچار تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. ھالبۇكى، خوجا نىيازھاجىم ئۇلارنىڭ بۇ يۈرۈشىگە رازى ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ بۇ يۈرۈشىگە رازى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نېمىلا بولمىسۇن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنى، دۈشمەنلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى توسمىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ بارغانلا يېرىدە يەرلىك ئاھالىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى، پىتنە – پاسات تېرىپ، جىنايەت ئىشلەيدىغانلىقىنى بايقىيالمىدى.
كۇچار ئاھالىسىدىن نۇرغۇن ئەرلەر يىغىلىپ، تۇڭگانلار سېپىگە قوشۇلدى ۋە كۇچار شەھىرىنى 1351 – يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 24 – كۈنى فەتھى قىلدى. تۇڭگان ئەسكەرلىرى بارلىق غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرى ئېلىۋالدى، يەرلىك ئاھالىلەرگە قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى، ھەر تۈرلۈك خىيانەت جىنايىتىنى ئىشلىدى.
تۇرپان شەھىرى فەتھى بولغاندىن كېيىن، خوجا نىيازھاجىم نۇرغۇن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى ۋە شەھەرنى قاتتىق مۇھاسىرىگە ئالدى. مۇھاسىرە جەريانىدا، كاپىرلارنىڭ باشلىقى ئۈرۈمچىگە ئەسكىرىي قوماندانلىرىدىن بىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، مىڭلارچە ئەسكىرىنى ئېلىپ، گۇچىڭ تەرەپكە قېچىپ كەتتى ۋە سۈلھى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، خوجا نىيازھاجىم ئۇنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بەرمەستىن، مۇھاسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ئاندىن، خوجا نىيازھاجىم بىر بۆلۈك ئەسكەرلىرىنى مۇرى، جىمسار ۋە گۇچىڭ شەھەرلىرىنى فەتھى قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ ئۈچ شەھەر كاپىرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى. تۇڭگانلار تائىپىسىنىڭ باشلىقىمۇ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئۇ بۆلۈك بىلەن بىللە ئەۋەتتى. ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ، كاپىرلارغا قارشى قاتتىق جىھاد قىلىپ، ئاخىرى ئۇ شەھەرلەرنى بىرلىكتە فەتھى قىلدى. نۆۋەت غەنىيمەتلەرنى يىغىش ئىشىغا كەلگەندە، تۇڭگان تائىپىسى مىلتىق، ئوق – دورا قاتارلىق بارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋە خەزىنىلەرنى ئېلىپ، كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ باشلىقىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. خوجا نىيازھاجىمنىڭ ئەسكەرلىرىگە مىلتىق ۋە غەنىيمەتلەردىن ھېچ نەرسە بەرمىدى. ئۇلار ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە خىيانەت قىلدى. غەنىيمەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھۆكمى بويىچە تەقسىم قىلمىدى. ئۇلار شەرىئەتنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ ئەنە شۇ ئەسكىلىكلەرنى قىلغاندىن كېيىن، «بىز ئۈرۈمچى شەھىرىنى فەتھى قىلغىلى چىقمايمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى كاپىرلىرىغا قارشى ئۆزەڭلار ئۇرۇش قىلىڭلار، ئۈرۈمچىنى قوللىرىڭلاردىكى ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ فەتھى قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار بۇ سۆزنى ھېچ خىجىل بولماستىن دېيەلىدى.
ئەي مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! قېنى سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىسلام شوئارىمۇ؟ ئەنە شۇ، شەرىئەتنىڭ ھۆكمىمۇ؟ ياكى ئۇ ئىنسانلىق يولىمۇ؟ ئەنە شۇ قىلمىش ئىنسانلىقمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!
غازىي خوجا نىيازھاجىم ئەنە شۇ ئۈچ شەھەرنىڭ فەتھىسىدە تۇڭگانلاردىن كۆرگەن خىيانەتنى ۋە ئۇلارنىڭ جەنۇب تەرەپتە فەتھى بولغان شەھەرلەردە يەرلىك ئاھالىلەرگە سالغان زۇلۇملىرى ۋە ھەر تۈرلۈك جەبر –جاپالىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن قەتئىي بىرلەشكىلى بولمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. گەرچە غازىي رەئىس ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋر قىلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇلار بىلەن بىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار مۇناپىقلىق قىلىپ، بىرلىككە خىيانەت قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈپ تاشلىدى. ئۇنداق بولمىسا، قانداقمۇ ئاللاھنى بار ۋە بىر دەپ بىلىدىغان بىر مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ، كاپىرلارغا يان تاياق بولىدۇ؟ مۇنداق قىلىش ئەسلا جايىز ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇڭگان تائىپىسى ھەر قېتىم جەڭ قاتتىق قىزىپ كەتكەن پەيتتە، خىتتايلار تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇلارنى ئاتا – ئانىلىرىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە ئوق ياغدۇرىدۇ ۋە ئىسلام قوشۇنىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇلار يەكەن شەھىرىدىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. شۇ تاپتا، ئۇلار قەشقەر شەھىرىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت بولۇپ، ھېچ كۆرۈلمىگەن ۋە ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى سېلىۋاتىدۇ؛ مۇسۇلمانلارنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ تالاۋاتىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ، ئۆيلىرىگە ئوت قويىۋاتىدۇ، دىيارلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىۋاتىدۇ.
مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بۇزغۇنچىلىقلار ۋەتىنىمىزدە تۇڭگانلارنىڭ قولى بىلەن يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم –سىتەملەردىن مىڭدە بىرىدۇر. بۇ زۇلۇم ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ﴿ئاللاھ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر﴾ (سۈرە يۇسۇف، 21 – ئايەت). ﴿بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر﴾ (سۈرە يۇسۇف، 66 –ئايەت) _ ۋەسسالام.
1352 – يىلى، رەجەب ئېيىنىڭ 15 – كۈنى. (مىلادىيە 1933 –يىلى، 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى)
ئىستىقلال مەھكىمەسى رەئىسى
شەيخ سابىت ئابدۇلباقى (سابىت داموللام)
