جىددىي چاقرىق!!!

جىددىي چاقرىق!!!
ئەسسالام ئەلەيكۇم خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى بىلىم باغچىلىرىدا ئىلىم – مەرىپەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار!.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك ئىشغالچى زالىم خىتاي دائىرلىرى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندا خەلقىمىزنى روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش دېگەندەك ئىسلامىي ئىبادەتلەرگە پۈتۈنلەي چەكلىمە قويۇپ نەچچە مىليون خەلقىمىزنى تۈرمە ۋە لاگىرلارغا قاماپ قويدى. ئۇلارغا ھەر كۈنى دىگۈدەك ئېغىر ئىسكەنجە ۋە زۇلۇملارنى سېلىپ بىگۇناھ خەلقىمىزنى يوق قىلىشقا ۋە ياكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ مىللىي قىممەت قاراشلاردىن ۋە دىنى ئىتىقادىلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە زورلاپ ھەر خىل زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالدامچى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسولىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار بېرىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانى ئاشكارا بولدى.
بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىد نۇرى بولغان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، خىتاي كونسولخانىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا، خىتاي كونسولىنىڭ ھىيلە – نەيرەڭ ۋە تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىققا، مەزلۇم خەلقىمىزگە ۋە ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالماسلىققا ۋە ئالدامچى خىتاينىڭ ئىپتار پروگراممىغا بارماسلىققا چاقرىق قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىزنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاينىڭ ھەر قانداق ئالدامچى سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ۋە بۇ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىش ئۈچۈن خىتاي كونسولىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار بەرمەكچى بولغان ئورۇنغا ئىمكانىيىتى يار بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارنى توپلىنىشقا چاقرىق قىلىمىز.
