ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتوپقا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى سۇندى

13- ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 8 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئەت ئەنقەرەگە بېرىپ تۈركىيە پارلامېنتىنى رەسمى زىيارەت قىلدى ۋە پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن ئۇچراشتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرغا قامالغان تۇتقۇنلار شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈنسايىن ئارتىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس دوكلاتنى تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپقا سۇنغان ھەمدە ئاغزاكىي مەلۇمات بەرگەن.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇر خەلقنىڭ تۈركىيەدىن كۈتىۋاتقان ئارزۇ – تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مەزكۇر ھەيئەت يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىشى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىش، ئىسىم-فامىلىسىگە كود كىرگۈزۈپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئىقامەت ئالالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىدىكى كودنى بىكار قىلىش، تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە نوپۇسىغا قوبۇل قىلىش، دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولۇش، ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە ھازىرغىچە قوللىرىدا پاسپورت ياكى كىملىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىش، تۈركىيە پارلامېنتىدىن مەخسۇس بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىرمۇنچە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەلەپلەر يەنە پارلامېنت باشلىقىغا تاپشۇرۇلغان يازما دوكلاتتىنمۇ ئورۇن ئالغان.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سۈرىيەدە كۇرتلارنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر شەخس ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇ ئۇيغۇر ھەيئەت تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 8 تۈرلۈك تەلەپنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، خاتىرە دەپتىرىگە يازغان. سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىسى بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا كىملىكى ۋە پاسپورتى يوق ۋە ياكى ھازىرغىچە تەيۋەن پاسپورتى بىلەن ئوتتۇرىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە يۆتكەپ نوپۇس بېرىش توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە جۇمھۇر رەئىس بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىغا ھەيئەت ئەۋەتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ھەيئەت تەركىبىدە ئەنقەرەگە بارغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ھەققىدە تولۇقلىما بەردى. ئۇ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ھەيئەت تەركىبىدە يەنە تۈركىيەدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ باشلىقى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئوجاتلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەركىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ئادىل مۇھەممەدئوغلى، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىمى مىركامىل قەشقەرلى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

About admin

Leave a Reply