مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختى ئۈچۈن ئىستانبۇلدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختى ئۈچۈن 21- ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامئىدە،  جۈمە نامىزىدىن كېيىن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، ئىيى پارتىي، خودا پارتىيسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى قاتارلىق سياسىي پارتىيلەرنىڭ رەئىسلىرى ياكى ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

غايىبانە جىنازا نامىزىنى سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جەلال ئەرباي ئەپەندى ئىمام بولۇپ ئوقۇدى. غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ مەرھۇمنىڭ ھاياتىنى ئاڭلاتتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئەيبلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇ رايونغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىدا نەچچە مىليون ئىنسان ھەقسىز تۇتۇلغان ھالدا يېتىۋاتىدۇ. ھەر كۈنى كۆپلىگەن ئىنسانلار قىيىن قىستاققا ئۇچىراۋاتىدۇ ، ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ ، شەھىد بولىۋاتىدۇ.شەرقىي تۈركسىتان كۈرىشىمىز ئۈزۈن زامان داۋام قىلغان بىر كۈرەشتۇر. شەرقىي تۈركسىتان خەلقى 70 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغال ئاستىدا ھەر خىل زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قارشى  كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇ رايونغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندى سۆز قىلىپ، يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىش ئۈچۈن  خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەمما تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرمۇھەممەد توختى ھەقسىز، قانۇنسىز بىر شەكىلدە تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالدى. ئۇ يەردە كىسەل بولۇپ قالسىمۇ داۋالىنىشقا پۇرسەت بەرمەي ئۆلۈمگە تەرك ئەتكەن خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيپلەيمەن ۋە لەنەت ئوقۇيمەن. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى 1949 – يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن باشلاپ توختىماي داۋام قىلىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئاسىمىلاتسىيە قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاي دائىرلىرى تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئورنىۋاتىدۇ. خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ھەقسىز ، قانۇنسىز ھالدا زالىملارچە قەتلىئام يۈرگۈزىۋاتىدۇ بىراق خىتاي بىر كۈنى ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە غەلبە شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىغا مەنسۇپ بولىدۇ.بىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز.

ئاخىرىدا مەرھۇم نۇرمۇھەممەت توختى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ پۈتكۈل شەھىدلىرى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلار فاتىھ جامئى ئالدىدا،  نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ھايات – ئىشلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۈيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى يېزىلغان تەشۋىقات ۋارىقىدىن بىر مىڭ سەھىپە تارقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نۇرمۇھەممەد توختى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئاتاقلىق يازغۇچى بولۇپ ئۇ 1949 – يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا توغۇلغان. مەرھۇم ئۇزۇن يىل يازغۇچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن ھېكايە ۋە رومانلارنى يېزىپ كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر يازغۇچى ئىكەن. ئۇ 70 ياشقا كىرىپ دىئابەت كىسلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ  خىتاي دائىرلىرى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن ئۇنى 2018 – يىلى 11 – ئايدا يىغىۋېلىش لاگىرىغا قاماپ قويغان. مەرھۇمنىڭ كانادادىكى قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭ فېيسبۇكقا يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم 2018‏-يىلى 11‏-ئايدىن 2019‏-يىلى 3‏-ئايغىچە لاگېردا ياتقان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا يەنە لاگېردىكى بەش ئاي جەريانىدا داۋالىنىشتىن مەھرۇم قالغان يازغۇچىنىڭ 31-ماي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە مەرھۇم نۇرمەمەت توختىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن  ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىدا بىر غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغانلىقى ۋە ئارقىلىق  خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى تۈركىيە خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسا ئارسلان تاش

About admin

Leave a Reply