خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا 3000 كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10- يىلى مۇناسۋېتى بىلەن 5 – ئىيۇل جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 ئەتراپىدا ئىستانبۇلنىڭ تارابىيە رايونىدىكى دېڭىز بويىغا توپلانغان نامايىشچلار خىتاي كونسولخانا ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار، خىتاي كونسولخانىنىڭ ئالدىدا، بىردەك، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «ھەق – ھوقۇق- ئادالەت ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت» دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.

بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن بولۇپ بەزى نامايىشچىلار، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ شۇئارلار توۋلىدى.

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانا ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئانادولىيە ئاگېنتلىقى، ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، دېمۇرىرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق چوڭ مېدىيالارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى. باياناتنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى قەتلىئامى دەپ تونۇلغان بۇ قانلىق ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى ۋە ھەقسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ئون مىڭلىغان كىشىدىن ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ھېچ قانداق بىر خەۋەر ئېلىنمىدى. ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن تۇتۇلغان بىگۇناھ خەلقىمىزگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمەستىن توپلام ھالدا ياسالما سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇپ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ 2050 خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشلاتقان چوڭ پىلانىنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەتلىرى خۇددى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دوزاخقا تاشلاش پىلانىدەك بىلىنىۋاتىدۇ. شى جىن پىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان، مىللىي مەدەنىيەتنى يوق قىلىش، دىنى ئەركىنلىكنى چەكلەش، پىلانلىق تۇغۇت سىياستى، خىتاي كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركسىتانغا يۆتكەش سىياستى، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزىۋاتقان ھەر خىل بېسىم سىياسەتلىرى كۇپايە قىلماستىن شەرقىي تۈركىستاندا ئاسىمىلاتىسىيە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ تىزلەشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن يېڭى ئەمەلدار ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېڭى سېكرىتار تەيىنلىدى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرائاتلىرى، بىر خەلقنى ئومۇمىي ھالدا يوق قىلىش ۋە ياكى مېڭە يۇيۇپ ماڭقۇرتلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ يۈرگۈزىۋاتىدۇ.

 ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىزنى مۇددەتسىز ھالدا ئاتالمىش قايتا تەربىيلەش مەركىزى نامدىكى جازا لاگىرلارغا قاماپ، مېڭە يۈيۈش ۋە ۋاز كەچتۈرۈش سىياستى يۈرگۈزۈپ خىتايلاشتۇرۇشقا ئورنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا ئەسىرگە ئېلىندى. خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالىي، ئاكادېمىكلەر، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار، دوكتۇر – پروفېسسۇرلار، بايلار، مەشھۇر سەنئەتچىلەر، تەنتەربىيەچىلەر، جامائەت ئەربابلىرىدىن مىڭلىغان كىشى تۇتۇلۇپ جازا لاگىرلارغا قامالدى. بۇ ئىككى يىل ئىچىدە كۆپ ساندا ئاكادېمىكلەر ۋە دىنى ئالىملار ئۇ يەردە شېھىت قىلىندى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلپ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن بۇ يەردىن،  پۈتكۈل دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلارغا، خەلقئارالىق تەشكىلات ئورگانلارغا، دۇنيا دۆلەتلىرىگە چاقرىق قىلىمىزكى، ئەگەر راستىنلا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆچلۈكنىڭ تەرەپىدە ئەمەس ھەقىقەتنىڭ تەرەپىدە بولىدىغان بولسا شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرماڭلار. بەلكى بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ تەدبىر ئېلىنمىسا، خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ بالا بولىدۇ ۋە دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

نامايىش جەرىيانىدا يەنە  تۈركىيەدىكى خودا پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئەردال ئەلىبۈيۈك ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەر زامان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردال ئەلىبۈيۈك ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتاننى تىلغا ئالغاندا پەقەتلا بىر زېمىن پارچىنى تىلغا ئېلىپ قالماستىن بەلكى خىتاينىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش پىلانىنى تىلغا ئالىمىز. شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئالغاندا ئۇ يەردىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەدىمى بىر خەلقنىلا تىلغا ئېلىپ قالماستىن بەلكى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىززەت- ئابرويىنى، شان – شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقان ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەدىمىي بىر خەلقنى تىلغا ئالىمىز. ئىستانبۇل كوچىلىرىدا يۈرىۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشكە ماسلىشىپ   بۇ يەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئالىيجاناپلىق مەيدانىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ.خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرەكلەرنى ئىشغال قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ. ئۆيلىرىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىززەت – ئابرويىنى دەپسەندە قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ.

ئەردال ئەلىبۈيۈك ئەپەندى  ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى:  بىز سىلەرنىڭ كۈرەشلىرىڭلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر قانداق خىزمەت- پائالىيەتلەردە ھەر زامان يېنىڭلاردا بولىمىز، سىلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمەن. بۇ زۇلۇمنى ھەممىمىز بىرلىكتە تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز.

نامايىش ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەم دۇئا ئوقۇلدى.

نامايىش جەرىيانىدا خىتاي كونسولخانىنىڭ ئالدىدا كۆپ ساندا تۈرك ساقچىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ، يولغا توساق قۇرۇپ كونسولخانا تەرەپكە ھېچ كىمنى ئۆتكۈزمىدى.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close