خەلقئارالىق يىغىنغا تەكلىپ

دۇنيا شەرقىي تۇركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي شۇرا يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا دەۋەت!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇھاجىرەتتىكى ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار! 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى يەنى شەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان، 11 – قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا  مۇھاجىرەتتىكى ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ كاتتا ئېچىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

ۋاقتى: 2019 – يىلى 7- ئاينىڭ 13 – كۈنى، شەنبە ئەتىگەن سائەت 9.30 كەپ بولايلى، پائالىيەت 10:00 دا باشلىنىدۇ.

ئادرېسى: زەيتىنبۇرنۇ كۇلتۇر ۋە سەنئەت مەركىزى (يەنى: زەيتىنبۇرنۇ قايماقاملىق بىناسىنىڭ يېنىدىكى ئەينەكلىك بىنا)دا

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ قېتىمقى يغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە: «يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، « خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى»، « خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ (يېڭى يىپەك يولى) پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى»، «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىىنسىپلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى»، «خىتاينىڭ پىسىخولوگىيە ھوجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى»، «خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، «تەشكىللىنىش  ئاڭ چۈشەنچىسى ۋە تەشكىلاتچىلىق روھىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى»

«خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل – چارىلىرى»، «ئۆزگۈرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنىڭ بەلگىلىنىشى» ، «ئۆزگۈرىۋاتقان خىتاي – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە مېدىيا»، «ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدىكى تارىخىي ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلىرى»

About admin

Leave a Reply