11- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى

11- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2019 – يىلى 13 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 18 دۆلەتتىن ۋەكىللەر، تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلەر، تەشكىلات رەھبەلىرى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى شۇنداقلا ئەھمىيىنى بايان قىلدى.

يىغىندا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق ۋەكىلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم – ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى.

يىغىنغا 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ يىغىن زالى ئالدىدا بىر قانچە تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

About admin

Leave a Reply