باش بەت

11 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى

11 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 11 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 17 – ئىيۇل چارشەنبە كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى ۋە يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومتېىتىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغان 22 دۆلەتكە ئۇيغۇرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا 18 دۆلەتتىن تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، 4 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا – «خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى»، «خىتاي –تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭھەل – چارىلىرى»، «ئۆزگۈرىۋاتقان خىتاي – ئىسلام دۇنياسىمۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، دېگەنگە ئوخشاش  ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاقدار مۇھىم تېمىلاردا سۆز قىلىندى ۋە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا، نۆۋەتتە خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىۋاتقانلىقى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مايىل قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى. 

4 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ خۇلاسە دوكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن  سەھنىگە چىقىپ ئوقۇپ ئۆتتى. 

يىغىندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش، پىكىر – قاراشلىرى پەرقلىق بولسىمۇ، نىشان ۋە غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېمىنىدۇر. شەرقىي تۈركسىتان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندۇر. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق سىمۋولىدۇر.شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇيغۇرلۇق، تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى بىر – بىرىدىن ئايرىپقارىماسلىق كېرەك. شەرقىي تۈركسىتان ئازادلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرەشنى توختاپ قالماي داۋام قىلدۇرۇش كېرەك. 

يىغىندا يەنە، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن ھەر ساھە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. بۇ ھەقتە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان دىنىي ۋە مىللىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە، يارىدەم قىلمىدى دەپ، يامان كۆرمەستىن بەلكى ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە  ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى پەرقلەندۇرۇپ قاراشقا چاقىرىلدى. ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەر ساھە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىدى».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم پىكىر – تەكلىپلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «1 – دۇنيانىڭھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىباشقىلار سىزىپ بەرگەن يولدا ماڭماستىن، مىللىي ئاڭ، مىللىيچۈشەنچە ئاساسىدا، مىللىي مەنپەئەتنى نىشان قىلىپ، ئورتاق يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىش. 2 – تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 3– دەۋادا سەمىمىيبولۇش، ئاكتىپچانلىق روھىنى ئۆستۈرۈش. 4 – ئىستراتېگىيىلىكپىلان تۈزۈش ۋە بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىش. 5 –مائارىپ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدە ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاش. 6 – ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغاقارىتا تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، زىيارەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. 7 – ب دت نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇن ۋەئەھدىنامىلىرىدىن پايدىلىنىش. 8 – شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشنى ھەق – ھوقۇقىمىزدەپ بىلىش. 9 – شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش. 10 – شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالغانتەقدىردىمۇ، خەلقىمىز ئازاتلىققا ئېرىشمىگىچە، مۇستەقىللىقكۆرىشىنىڭ توختىمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

خۇلاسە دوكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومتېىتىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغان 22 دۆلەتكە ئۇيغۇرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاينى قوللىغان 37 دۆلەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ ھەقتە خۇلاسە دوكىلاتىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: « ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن دۇنيا شەرقىي تۈركىستان مەسىىلىسىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى قوللىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز ھەمدە بىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە قارشى خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرگە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە خىتاينىڭ يالغان – ياۋداق، ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىققا، خىتاينىڭزالىم ھاكىمىيەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغائۇچرىۋاتقان مەزلۇم مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ بىرھەقىقەتلىكىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىقىمز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىسلام دۇنياسىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىسلامىي ۋە ئىمانىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا  چاقرىق قىلىمىز. »

يىغىن جەرىيانىدا يەنە تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ يېپىق يىغىندا ، «شەرقىي تۈركسىتان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ئاساسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈسىتىدە جىددى مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بىراق يىغىننىڭ تەپسىلاتى يېپىق قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – مۇسا ئارسلان تاش

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close