زىننەتگۇل ۋەقەسىگە قارىتا بايانات

ئەسسالام ئەلەيكۇم ، . ھۆرمەتلىك قىرىنداشلىرىمىز. ئىككى كۈندىن بۇيان ”زىننەتگۇل“ ئىسىملىك بىر ئايال ھەمشىرەمىزنىڭ تۇتۇلۇپ تۇرىۋاتقان ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىدىن تاجىكىستانغا قايتۇرۇلۇپ، تاجىكىستاننىڭ خىتايغا تاپشۇرۋەتكەنلىك خەۋىرىنىڭ يېيىلىشى بىلەن تەڭ ئومۇمىي خەلىق ھەممىمىز قاتتىق قايغۇ -ئەندىشە ئىچىدە جىددى بىئارام بولدۇق.
گۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى، ياردەمچىلىرى، جۇمھۇر رەئىس قارمىغىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن جىددى مۇناسىۋەت قىلىپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىدۇق. 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى (پەيشەنبە) گۆچ ئىدارىسى مەسئۇللىرىغا زىننەتگۇلنىڭ ئىقامەت كوپىسىنى يوللاپ سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا ”بۇ ئايال ئۇيغۇر ئەمەس ، بىز ھىچ بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرمىدۇق تاپشۇرمايمىز ۋە ھىچكىم تاپشۇرالمايدۇ“ دەپ جاۋاپ قىلىپ تاجىكىستانغا “ رەھىمە ئاھمەدوۋا“ ئىسىملىك بىر تاجىك ئايالنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى دىدى.
بىز يانا بۇ جاۋاپقا قانائەتلەنمەي زىننەتگۈلنىڭ ئاچىسى دەپ بىلىنگەن بىر ھەمشىرەمىزنىڭ بۇ ئىقامەتتكى ئايالنىڭ سىڭلىسى ئەكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاساسەن بۈگۈن يەنە شۇ سائەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ گۆچ ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن سۈزلەشتۇق، تاجىكىستانغا يوللانغان ئايالنىڭ تاجىك ئەمەس ئۇيغۇر ۋە ئىسمىنىڭ “ زىننەتگۇل ئىكەنلىكىنى تەكتلەپ قايتا – قايتا تالاش تارتىشلار قىلدۇق. بۇ مەسىلە ۋە باشقا ”تەھدىت كود“لىرى تۈپەيلى ئقامەت ئالالماي ”خىتايغا سىلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى“ تۈپەيلى قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان 2000 ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى كۆرشۈپ جىددى بىر ھەل قىلىش ئاساسىدا دەرھال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش تەلىپىدە بولدۇق.
بىرئاز ئىلگىرى گۆچ ئىدارىسى گەنەل مۇدىرى بىلەن تېلېفۇندا ئۇزۇن كۆرەشتىم. كۆرۈشۈش ئەسناسىدا تەكرار بۇ ھادىسە تۈپەيلى قاتتىق بىئارام بولۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بىزنى قانائەتلەدۈرىدىغان بىر جاۋاپ كۈتىۋاتقانلىقىمىزنى دېدىم ۋە مىنستىر بىلەن كۆرشەش تەلىۋىمىزنى تەكرارلىدىم.
گۆچ گەنەل مۇدىرى مەزكۇر ئايالنىڭ سۇرىيە چىگرىسىدا تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلغاندا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، ئىپادە ئېلىنىش جەريانىدا ئىسمىنىڭ ”رەھىمە ئاھمەدوۋا “ دەپ بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بۇ ۋەتەندىشىنى ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى سورالدى ۋە تاجىكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاجىكىستانغا بېرىلدى“ دەپ جاۋاپ قىلدى.
مۇدىر سۆزىدە؛ بىز بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا بېرىش پىلانىمىز بولغان بولسا نۇرغۇن ”ئېغىر“ كىشىلەرنى قويۇپ بىر ئاجىز ئايالنى تاپشۇرامدۇق؟ بۇ ئىشتا قەستەنلىك يوق ، بىزنىڭ رەسمى ئارخىپتا تۇرغۇزۇلغان قەيىتكە ئاساسەن تاجىكىستانغا بېرىش بولدى. ”ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋە قەتئىي ئۇقتۇرىشى بار“دېدى .
يەنە ئىسمىدا ”تەھدىت كود “ بار ۋە ئايدا بىر قېتىم گۆچ ئىدارىسىغا بېرىپ ئىمزا قويۇۋاتقانلارغا ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت ئورنىغا ئىنسانىي ئىقامەت بېرىلىدىغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەتئىي خىتايغا قايتۇرۇش دەيدىغان بىر سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى دېدى. ئاخىرىدا گۆچ مەركىزىدە تۇتۇلۇپ تۇرۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بۇ توغرىدا ئىشلەم باشلىتىدىغانلىقىنى دېدى.ھازىرغىچە بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغايسىلەر.
يەنە بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيىتىمىزنى سەپەرۋەر قىلىپ تېرىشچانلىقىمىزنى داۋام قىلىمىز . تىرىشچانلىق بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن. جانابىي ئاللاھ بۇ يېتىم مىللىتىمىزنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە ياردەمچىسى بولسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply