تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى: «زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىر چېگرادىن چىقىرىلىپ باقمىدى»

تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ئىككى بالىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپلىق خەۋەرلەر غۇلغۇلا قىلىنماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا ۋە تۈركىيەدىكى «قارار» قاتارلىق بەزى گېزىتلەرنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر غۇلجالىق ئۇيغۇر ئايالنى «تاجىكىستان پۇقراسى» دېگەن قالپاق بىلەن تاجىكىستانغا قايتۇرۇۋەتكەن. بۇ ئايالنىڭ تاجىكىستاندىن دەرھال خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەزكۇر ۋەقە ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ھەدىسى تەرىپىدىن دەلىللىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، زىننەتگۈل تۇرسۇن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى غۇلجادىكى ئانىسىنىڭ بېقىشىغا بېرىلگەن، ئەمما زىننەتگۈلنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. بۇ ۋەقە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە دائىرىلىرى زىننەتگۈل تۇرسۇنغا تۈركىيەدە بىر يىللىق ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىقامىتى بەرگەن، ئەمما ئىقامەت ۋاقتى توشقاندا يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە تاجىكىستان بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بىر ئايالنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ئۇيغۇر دەپ ۋاقىتلىق ئىقامەت بېرىلگەن بىرىنىڭ قانداق بولۇپ «تاجىكىستان پۇقراسى» بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بەزى ئۇچۇرلاردا زىننەتگۈلنىڭ «رەھىمە ئەخمادوۋا» دېگەن ئېسىمدە ساختا تاجىكىستان پاسپورتى ئىشلەتكەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ تاجىكىستانغا قايتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن تاجىكىستاننىڭ پۇقراسى بولمىغان بىرىنى قوبۇل قىلىشى كىشىلەردە سوئال پەيدا قىلماقتا.

«ياۋرو خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 28‏-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان. باياناتتا زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلىقى، لېكىن ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ھەققىدە چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ زىننەتگۈل تۇرسۇن بىلەن رەھىمە ئەخمەدوۋانىڭ بىر ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە چۈشەنچە بېرىشى لازىملىقى، ئەگەر ئۇلار بىر ئادەم بولماي زىننەتگۈل تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى

About admin

Leave a Reply