باياناتلارخەۋەرلەر

ئىقامەتكە ئالاقىدار مۇھىم ئۇقتۇرۇش

ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلار!

تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان ۋە ئىقامەت ئېلىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئىسمىغا كود كىرگۈزۈپ قويۇلغانلىق سەۋەبىدىن ئىقامەت ئالالمىغان. كۆچ ئىدارىسىغا بېرىپ ئىمزا قويىۋاتقان،  تۈركىيەدىن چىقىپ كەتسۇن ياكى ئىقامەت بېرىلمەيدۇ دېگەندەك خەت تاپشۇرۇپ ئالغان پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ يېڭىدىن ئىقامەت ئېلىشى ئۈچۈن ئىسمىنى تىزىمتىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تىزىملاش ۋاقتى: 2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى باشلىنىدۇ. كۆچ ئىدارىسىغا تىزىملىك رەت تەرتىپى بويىچە ھەر كۈنى 10 كىشى ئەۋەتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىملىتىشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تىزىملاش ئورنى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى چاپادىكى ئىشخانىسى.

تىزىملاش ۋاقتى: ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:00 دىن 14: كىچە.

ئادرېسى: Molla Gürani Mahallesi Millet Caddesi Gülşen Apt No:108 D: 4 Çapa Fatih Istanbul

ئەسكەرتىش: ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ ساقلاۋاتقانلار تىزىملىتىشقا كېرەك يوق،

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close