مەسئۇللاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى زىيارەت قىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئەزىز قېرىنداشلار!

 2 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئالىملار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەسئۇللاردىن تەركىپ تاپقان 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشىتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر كۆرۈشىلىپ يەكۈنلەندى: 
1 – خەلقىمىزنىڭ زىننەتگۈل مەسىلىسى توغرىسىدىكى نۇقتىئىينەزىرى، ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىلىرى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، مىنىستىر مەسىلىنىڭ رەسمىي تەپتىش ھەيئىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ نەتىجىگە كۆرە قانۇنىي ئىجرائات يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بۇ توغرىدا تاجىكىستان ئەلچىسىنىڭ بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى، بىر ئۇيغۇرنى تاجىك دەپ ئېلىپ كېتىشتەك ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىپ ئارىلاشمىغانلىقى سورىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2 – ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قەتئىي قايتۇرمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. ئۇيغۇرلار سىرتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خەلقلەرنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قايتۇرماسلىق قارارى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
3 – تەلىپىمىزگە بىنائەن، پۈتۈن تۈركىيە گۆچ ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇقلۇق جەمئىي 47 نەپەر كىشىنى قۇربان ھېيتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھېيتتىن بۇرۇن دەرھال قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.
4 – يېقىندا يۈز بەرگەن بەزى ئەھۋاللار تۈپەيلى، مىنىستىر سويلۇدىن قىلغان تەلىپىمىزگە بىنائەن شەرقىي تۈركىستانلىق جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەرنىڭ مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ساقچى ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ ئاۋارە قىلماسلىقى توغرىسىدا ۋالىيغا بۇيرۇق چۈشۈردى.
5 – خىتاينىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆزىتىشكە بارىدىغان ھەيئەتنىڭ دىققىتىگە دەپ تەييارلانغان 16 ماددىلىق تەۋسىيە ۋە تەلەپلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلىغا ئۆز ئىمزاسى بىلەن ”موھىم تەۋسىيە“ دەپ يوللىدى.
6 – تۈرك ۋەتەنداشلىقىمۇ تەدرىجىي شەكىلدە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى

About admin

Leave a Reply