زىننەتگۇل تۇرسۇن ھەمشىرىمىز توغرىسىدا چۈشەنچە

ھۆرمەتلىك قېېىنداشلېرىمىز. 2 كۈننىڭ ياغى ”زىننەتگۇل“ ئىسىملىك بىر ئايال ھەمشىرەمىزنىڭ تۇتۇقلۇق تۇرىۋاتقان ئىزمىر كۆچمەنلەر مەركىزىدىن تاجىكىستانغا تاپشۇرۇلۇپ، تاجىكىستاننىڭ خىتايغا تاپشۇرۋەتكەنلىك خەۋىرى نىڭ يېيىلىشى بىلەن تەڭ ئومۇم خەلىق ھەممىمىز قاتتىق قايغۇ ، ئەندىشە ئىچىدە جىددى بىئارام بولدۇق.
گۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرى، ياردەمچىلىرى، جۇمھۇر رەئىس قارمىغىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ئاممىۋى تەشكىلارتلار بىلەن جىددى مۇناسىۋەتكە ئۆتەپ سۈيلەپ بۇ مەسىلە ئۈستىدە تۇردۇق. تۈنگۈن(پەيشەمبە) گۆچ ئىدارىسى مەسئۇللىرىغا زىننەتگۇلنىڭ ئىقامەت كوپىسىنى يوللاپ سۈرۈشتە قىلغىنىمىزدا ”بۇ ئايال ئۇيغۇر ئەمەس ، بىز ھىچ بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرمىدۇق تاپشۇرمايمىز ۋە ھىچكىم تاپشۇرالمايدۇ“ دەپ جاۋاپ قىلىپ تاجىكىستانغا “ رەھىمە ئاھمەدوۋا“ ئىسىملىك بىر تاجىك ئايالنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى دېدى. 
بىز يانا بۇ جاۋاپقا قانائەتلەنمەي زىننەتگۇلنىڭ ئاچىسى دەپ بىلىنگەن بىر ھەمشىرەمىزنىڭ بۇ ئىقامەتتكى ئايالنىڭ سىڭلىسى ئەكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانىغا ئاساسەن بۇگۇن يانا سائەت ھالىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتەپ گۆچ ۋە مۇناسىۋەتلەك ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆېەشتۇق، تاجىكىستان غا يوللانغان ئايالنىڭ تاجىك ئەمەس ئۇيغۇر ۋە ئىسمىنىڭ “ زىننەتگۇل ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىجىل تۇرۇپ سۈرۈشتىسىنى قىلىپ تالاش تارتىشلار قىلدۇق. بۇ ۋە باشقا ”تەھدىت كود“لىرى تۈپەيلى ئقامەت ئالامماي ”خىتايغا سېلىنىپ كېتىش ئەندىشىسى“ تۈپەيلى قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان 2000 ئەتراوىدىكى قېرىنداشلېرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى كۆرشەپ جىددى بىر ھەل ئىستىكى ئاساسىدا ئاجىل ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرشەش تەلىپىدە بولدۇق. 
بىرئاز بۇرۇن گۆچ ئىدارىسى گەنەل مۇدىرى بىلەن تىلپۇندا ئۇزۇن كۆرەشتىم. كۆرشەش ئەسناسىدا تەكرار بۇ ھادىسە تۈپەيلى قاتتىق بىئارام بولۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بىزنى قانائەتلەدۈرىدىغدن بىر جاۋاپ كۈتىۋاتقانلىقىمىزنى دېدىم ۋە مىنستىر بىلەن كۆرشەش تەلىۋىمىزنى تەكرارلىدىم. 
گۆچ گەنەل مۇدىرى مەزكۇر ئايالنىڭ سۇرىيە چىگرىسىدا تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇلغاندا ئۆزىنى تاجىك دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، ئىپادە ئېلىنىش جەريانىدا ئىسمىنىڭ ”رەھىمە ئاھمەدوۋا “ دەپ بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بۇ ۋەتەندىشىنى ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى سورالدى ۋە تاجىكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاجىكىستانغا بېرىلدى“ دەپ جاۋاپ قىلدى. 
مۇدىر سۆزىدە؛ بىز بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا بېرىش پولىتىكامىز بولغان بولسا نۇرغۇن ”ئېغىر“ كىشىلەرنى قويۇپ بىر ئاجىز ئايالنى تاپشۇرامدۇق؟ بۇ ئىشتا قەستەنلىك يوق ، بىزنىڭ رەسمى ئارخىپتا تۇرغۇزۇلغان قەيىتكە ئاساسەن تاجىكىستانغا بېرىش بولدى. ”ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ۋە قەتئىي ئۇقتۇرىشى بار“ دەپ سۆز قاتتى. 
يەنە بارلىق ”تەھدىت كود ”ۋە ”ئىمزالىقلار“ غا ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت ئورنىغا ئنسانىي ئىقامەت بېرىلىدىغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەتئىي خىتايغا قايتۇرۇش دەيدىغان بىر سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى دېدى. ئاخىرىدا گۆچ مەركىزىدە تۇتۇلۇپ تۇرۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېېىلىشىنى تۈلەپ قىلدىم، بۇ توغرىدا ئىشلەم باشلىتىدىغانلىقىنى دېدى.ھازىرغۇچە بۇ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغايسىلەر.
يانا بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلىققا چىقىشى ئۈچۈن بارلىق ئىكانىمىزنى سەپەرۋەر قىلىپ تېرىشچانلىقىمىزنى سۈردۈرىمىز. ئاللاھ بۇ يېتىم مىللىتىمىزنىڭ يۆلەنچۈكى ۋە ياردەمچىسى بولسۇن. ھۆمەت بىلەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان.

About admin

Leave a Reply