قۇربان ھېيىتلىق تەبرىكنامە

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئانا يۇرتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە يۈرەكلىرىمىز ھەسرەتتە ئۆتىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا  يەنە بىر قېتىم قۇربان ھېيىت بايرىمى يېتىپ كەلدى. گەرچە، قايغۇ بىلەن خۇشاللىق، ھېيت – بايرام بىلەن مۇسىبەت بىر – بىرىگە زېت بولسىمۇ ھەر ئىككىسىنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن تەقدىر بولسا كېرەك. بىر تەرەپتە يۇرتنى سېغىنىش ھەسرىتى، ۋە بېسىم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ زۇلۇم تارتىشىدىن ئىبارەت قايغۇ ئەلەملىك مۇسىبەتلىرى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن  ھېيت – بايرام يېتىپ كېلىپ كۆڭلىمىزنى خۇشال تۇتۇشقا ئۈندىمەكتە.

 ھەر كېچىدىن كېيىن بىر تاڭ ئاتقاندەك، ھەر قىشتىن كېيىن باھار كەلگەندەك ھەر قىيىنچلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بولىدىغاندەك، ئاسارەتتىن كېيىن ئازادلىق كېلىدۇ. بىز، ئەركىنلىك مەشئىلى يېنىش ئالدىدىكى قاراڭغۇ زۇلىمەتتە ۋەھشىي ئالۋاستىلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچىراۋاتىمىز. ئىڭراۋاتىمىز، بىراق زۇلۇمەت يوقاپ ئەركىنلىك مەشئىلى يانىدىغان تاڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئىرادىمىزنىڭ چوقۇم رىئاللىققا ئايلىدىنىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ ھەرگىز بوشاشماي ئۈمىدلىك ھالدا قەتئى ئىرادە بىلەن ئازادلىق يولىدىكى كۈرەشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. تىرىشچانلىق بىزدىن نەتىجە ئاللاھتىن.  

ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار!:

قۇربان ھېيىت، دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك باراۋەرلىك پۇرسىتى دېمەكتۇر. قۇربان ھېيىت، دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بوپ كېتىپ ئىزدىشەلمىگەن دوستلىرىمىز، چوڭلىرىمىز، تۇققانلىرىمىز ۋە خولۇم – خوشنىلىرىمىزنى يوقلاش ئارقىلىق مېھرىبانلىق ۋە سىلە – رەھىم كۆرسىتىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. قۇربان ھېيىت، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، ئىگە – چاقىسىز قالغانلارغا غەمگۇزارلىق كۆرسىتىش. ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ يۈزىنى كۆلدۈرۈش، كېسەللەردىن ھال – ئەھۋال سوراش ۋاقتىدۇر. قۇربان ھېيتنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋالغان بىر مۆمىن، بۇ خۇشاللىقنى كەڭ ئىپادىلەش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق دەرت – ئەلەملىك يۈرەكلەرگە مەلھەم بولۇش دېمەكتۇر.

قۇربانلىقنى پۇرسەت، ھېيتلىشىشنى مۇكاپات دەپ بىلەيلى. بىر – بىرىمىزنى ئۆيلىرىمىزدە مېھمان قىلىش بىلەن بىرگە مەنىۋىي جەھەتتىكى قەلب داستىخىنىمىزنى ھەم كەڭ ئاچايلى. رەنجىش ۋە ئاداۋەتلەرگە خاتىمە بېرىپ،  ئىشەنچ ۋە سەممىيەت كۆۋرۇكى قۇرايلى. بىز باشتا قەدەم باسايلى، كېلەلمىگەنلەرنى بىز يوقلاپ بارايلى، ئۆچ – ئاداۋەت، غەزەپ – نەپرەتنى ئارقىمىزغا تاشلىۋېتىپ ئۆز– ئارا بىر – بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشايلى. ھايات كېمىسىگە بىرلىكتە ئولتۇرۇپ خۇشاللىق ۋە قايغۇلۇق ئىمتىھان يوللاردا بىرلىكتە يۈرىۋاتقان ئايال ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ياسايلى، ئائىلە- باللىرىمىزنى خۇشال قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشەيلى.

بۇ قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە  مەزلۇم شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمىز ئۈچۈن ياخشىلىق كەلتۈرىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز. بۇ قۇربان ھېيت بىرلىك، باراۋەرلىك، دوستلۇق ۋە  قېرىنداشلىقىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ۋەسىلە بولغاي. جانابىي ئاللاھ بۇ ھېيىتنى، بېسىم ئاستىدىكى مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋەسىلە قىلغاي.  كېلەر قېتىملىق ھېيتنى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈش ئۈمىدى بىلەن قۇربان ھېيىت بايرىمىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز. قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:  ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

شەرقىي  تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply