پائالىيەتلەر

گوللاندىيەدە مائارىپ جەمئىيىتى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېڭى مەركىزىنىڭ 2013- يىلى 01- يانۋار كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


بۇ پائالىيەت: گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقىدا، گوللاندىيە ئىسلام فدراتسيۇنى، گوللاندىيە دىيانەت ئىشلىرى ۋەخپى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئەتراپ شەھەرلەردىكى ھەرقايسى مەسچىتلەرنىڭ ئىمامى ۋە جامائەتلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا  ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمىخان تەكلىماكان بىلەن جەمئىيەت باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان لارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مەخسۇم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە پائالىيەتتە سۆز قىلدى. 
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن كىچىك قارى فەرھان ھاجىم ئوغلىمىز قۇرئان كەرىمدىن تىلاۋەت قىلدى.
ئاندىن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئومۇمى ئىشلار مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، يېڭى مەركەزنىڭ تەسىس قىلىنىش سەۋەپ- مەقسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىم، بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەردىن كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم-تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا: يىراق-يېقىندىن كەلگەن ھەرقايسى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئەرەب قېرىنداشلارنىڭ جەمئىيەت، تەشكىلات، مەسچىت ۋە جامائەتلەر ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ پائالىيەت: 2013- يىلى 01- يانۋار كۈنى، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 13:00 دە باشلىنىپ، 17:00 ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، خۇشاللىق ۋە ھاياجانغا چۆمگەن ئۇيغۇرلار تاكى كەچ سائەت 21:00 غا قەدەر سۆھبەتتە بولۇشۇپ كېيىن ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتتا قايتىشتى.

پائالىيەتتىن بىرقانچە كۆرۈنۈشلەر

 

 

 

 

 

 

پىداكار [ شىۋېتسىيە ]

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close