خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھېيىت ئۆتكۈزدى ۋە قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى

خىتاي بېسىملىرىدىن قېچىپ ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيىتنىڭ 3 – كۈنى يەنى يەنى 13 – ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر سەنئەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىشىپ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ مىڭلىغان كىشى قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئەلىي يەرلىكايا ئەپەندى، فاتىھ رايونىنىڭ ناھىيە ھاكىمى كائان پەكىر ئەپەندى ۋە ئىستابۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئىجتىمائى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

كېيىن ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئەلىي يەرلىكايا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ گۇزەل قۇربان ھېيتنىڭ خۇشاللىقىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دەۋىتىڭلارنى قوبۇل قىلدىم.قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ يەرگە كەلگەن ۋە كېلەلمىگەن ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھەممىمىز ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرى، ھەممىمىز ئوخشاش بىر مىللەت ئوخشاش بىر قەۋم بىز قېرىنداش، ئىستانبۇل سىلەرنىڭمۇ شەھرىڭلار، بۇ دۆلەت سىلەرنىڭمۇ دۆلىتىڭلار، بىز سىلەرنى شەرتسىز ياخشى كۆرىمىز، ئوخشاش مىللەت، ئوخشاش دىنداش ئوخشاش قانداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن سىلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمىز. سىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە بىزنىڭ شەھرىمىزدە خەلقىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بەھىرمەن بولغان پۈتكۈل خىزمەتلەردىن سىلەرمۇ بەھىرمەن بولىسىلەر.مەكتەپلىرىمىزدە سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار بىلەن بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئوخشاش سىنىپتا ئوخشاش پارتتا ئولتۇرۇپ دەرس ئوقۇيدۇ. دوختۇرخانىلىرىمىزنى ، باغچە ۋە مەكتەپلىرىمىنى، ئۇنىۋېرىستىتلىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. خۇلاسە قىلىپ ئېيىتقاندا شەھەرگە ئائىت ھەممە نەرسىلىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. بىزنىڭ بۇ قېرىنداشلىقىمىز باشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىق سىلەر ۋە بىزلەرگە ئوخشاش ھېيت بايرىمى خۇشاللىقىنى ئەركىن – ئازاد ھالدا ئۆتكۈزەلمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بىزلەرگە ئوخشاش ئامان – ئىسەن ۋە راھەت مۇھىتتا بايرام ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز.

ئىستانبۇل ۋالىيىسى ئەلىي يەرلىكايا ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيىتلاشقاندىن كېيىن بۇ ھەقتە تۋېتتىر ھېسابىدىن رەسىملەر پايلاشقان بولۇپ، تۋېتتىردە، «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن ھېيىت داستىخىنىدا ئۇچراشتۇق. بىر ئەجدادنىڭ باللىرى،  بىر دەرەخنىڭ تاللىرى بىز، ھېيىتىڭلار مۇبارەك بولسۇن قېرىنداشلىقىمىز داۋام قىلسۇن» دېگەن ئىپادىلەرنى يازغان.

بىز بۇ ھېيىتلىشىش پائالىيىتى توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ھېيت بايرامنىڭ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ھەم مىللىي ھەم دىنى جەھەتتە نۇرغۇن ئەھمىيىتى بار، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر كۈلپەتلىك كۈنلەرنى كەچۈرىۋاتقان بولسىمۇ بۇ ئاللاھنىڭ بىزلەرگە مۇسۇلمانلارغا بەرگەن مۇكاپاتى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھېيىت بايرامنى كۆڭلىمىز غەش ئەمما شاتلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتىمىز. بۇ ھېيىت قېرىنداشلار ئارا مۇسۇلمانلار ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغان مەنىۋىي قىممەت قاراشقا ئىگە مۇھىم بىر پائالىيەت. مىڭلارچە كىشىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇچرىشىشى، دىدارلىشىىشى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچەيتىدۇ، روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ، جانلاندۇرىدۇ. بىرلىك – باراۋەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ، مۇشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ناھايىتى شاتلىق بىر پائالىيەت بولدى دەپ قارايمەن. 

ئۇيغۇرلارنىڭ جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان مۇھەممەد مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكىدەك يۈرەكلىرىمىز زەرداپ، خەلقىمىز ۋەتىنىمىز ئىچىدە ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا تۇرىۋاتىقان بىر كۈندە ، ئىستانبۇلدا تۈرىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن نەچچە مىڭ كىشىنىڭ بۇ ھېيىت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ ھېيىتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكى خەلققە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، بۇ ئۈمىد خەلقىمىزنىڭ ھۆررىيىتى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشچانلىق قىلىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ئالاھىدە رولى بولىدۇ دەپ قارايمەن».

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close