ئالبانىيىلىك مۇخبىر، ئاكادىمىك، دوكتور ئولسى يازەجى ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان زىيارىتى

ئالبانىيىلىك مۇخبىر، ئاكادىمىك، دوكتور ئولسى يازەجى ئەپەندى شەرقى تۈركىستاندىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتقاندىن كىيىن بىر سائەتلىك تور دوكلاتى ئېلان قىلغان. ئەسلى دوكتور ئولسى يازەجى زىيارەتتىن بۇرۇن غەرپ مېدىيا، مەتبۇئاتلىرىدا بىرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىنى غەرپنىڭ خىتايغا قارشى پىروپاگانداسى دەپ ئويلىغان شۇڭا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن خىتايغا بولغان ياخشى كۆز قاراش، ياخشى نىيەتتە زىيارەتنى ئۆزى تەلەپ قىلغان. ۋەھالەنكى بىر ھەپتىدىن كىيىن كۆز قاراشلىرى تۈپتىن ئۆزگەرگەن. دوكتورنىڭ بىر سائەتلىك تور دوكلاتىدىكى ئاساسى نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: 
بىرىنچى : دوكتور ۋە باشقا دۆلەتلەر(تۈركىيە، پاكىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، باڭلاداش) دىن بارغان مۇخبىرلار شەرقى تۈركىستانغا يىتىپ بېرىشىغا ئۇلارغا ئۈرۈمچىدە سېمىنار، دوكلات بىرىش يىغىنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئابدۇرېقىپ خىتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىسلام ئىنىستىتۇتى زىيارەت قىلىنغان، قوللىرىغا ئاق تاشلىق كىتاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل پروپاگاندا ماتىرىياللىرى تارقىتىلغان. بۇ پائالىيەتلەرگە قەدەر دوكتور ھەممە ئىش نورمالكەن، خەلق ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن ئالدىراشكەن دىگەن قاراشقا كەلگەن. چوڭ بازارنى ئايلىنىش جەريانىدا ئىككى مەسچىتنىڭ تاقاقلىقى ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. خىتايلارنىڭ مۇخبىرلارغا ئورۇنلاشتۇرغان سېمىنارلىرىدىكى ئاساسلىق پروپاگاندا بولسا “ شەرقى تۈركىستاندىكى تېرورلۇقنىڭ مەنبەسى ئىسلام، ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن ئاز سانلىق مىللەت، تارىختىن شەرقى تۈركىستان بولۇپ باقمىغان، تەربىيلەش مەركەزلىرى ئاشقۇنلۇق تېرورلۇق ئەسەبىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىسلام ئەرەپلەرنىڭ دىنى بولۇپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى تېڭىلغان (يەنى خىتاي ئۇيغۇرلارنى ”تېرورىزىم ئىسلامى“دىن قۇتقۇزىۋېتىپتۇمىش) قاتارلىقلار. 
ئىككىنچى : دوكتور ئولسى يازەجى ۋە باشقا مۇخبىرلار ئاقسۇدىكى بىر ئاتالمىش تەربىيلەش مەكتىپىگە زىيارەتكە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جازا لاگىرى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ قامالغان بالىلار (ياشلار) ئۇسۇل ئويناپ قارشى ئالغان. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. خىتايلار قامالغانلارنى ئەسەبى تېرورچىلار دەپ تونۇشتۇرغان. دوكتور خىتايلار بىلەن ئۇرىشىپ، تىركىشىپ نەچچەيلەننى زىيارەت قىلىپ گەپ سورىغان. بالىلارنىڭ قامىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىشلار : ناماز ۋاقتى بولۇپ قېلىپ يولدا ناماز ئوقىغانلىقى، ئۆيىدە ناماز ئوقىغانلىقى، نىكاھ قىلدۇرغانلىقى، ياغلىق ئارتقانلىقى، ئاللاھقا ئىشەنگەنلىكى، خىتايدىن رۇخسەت ئالماي قۇرئان ئوقۇپ سالغانلىقى، خىتاينىڭ ياردىمى(تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى)نى رەت قىلغانلىقى قاتارلىقلار ئىكەن. بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن ھىندۇ دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ھىندىستاندىن بارغان مۇخبىردىن تۇتۇپ ھەممىسى يىغلىۋېتىشكە ئاز قېلىپ ئۆزىنى ئاران تۇتىۋالغان، ھىندىستانلىق مۇخبىرلارمۇ گەرچە دۆلىتىدە مۇسۇلمانلار بىلەن زىددىيەتلەر بولسىمۇ ئەزەلدىن مۇسۇلمانلارنى ئۇ قەدەر كەمسىتىش ۋە زور كۆلەملىك قاماشنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، بۇ بىگۇناھ بىچارە بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالغان بولسامچۇ كاشكى دەپ قاتتىق ئازاپلانغان. ئاقسۇدىكى خىتاي مەكتەپ دەۋالغان بۇ جاينى ئولسى يازەجى ئەپەندى كەچۈرگىلى بولمايدىغان تېرورچىلارنى قامايدىغان تۈرمىگە(Alcatraz) ئوخشايدىكەن، جازا لاگىرى ئىكەن دەيدۇ. ئولسى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە قامالغان بالىلار نەچچە يىللاردىن ھەتتا زىيارەت قىلغان بىرسى 2014-يىلدىن قاماقتا ئىكەن. ئۇلار ئالدىدا ئۆزلىكىدىن بېرىپ خىتايغا خاتالىقىنى ئىقرار قىلىدىكەن، ئاندىن تۆۋە قىلىدىكەن، ئاندىن“ ئۆز رازىلىقى “ بىلەن جازا لاگىرىغا كىلىدىكەن، جازا لاگىرىغا كەلمىسە ئۇدۇل تۈرمىگە سولايدىكەن. ئۇيغۇرلارغا پەقەت ئىككىلا تاللاش بولۇپ بىرى تۆۋە قىلىپ جازا لاگىرىغا كىرىش، بولمىسا تۈرمىدە يېتىش. ئولسى ئەپەندى خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنىنى (مۇستەملىكە زېمىندىكى) ئەڭ ۋەھشى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دىدى ۋە ئۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى كوسوۋو ۋە ئالبانىيە لاگىرلىرىغا ئوخشاتتى. ئولسى ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە خىتايلار جىئورجى ئورۋىلنىڭ 1984 مودىلىنى شەرقى تۈركىستاندا ئۆز ئەينى ئىجرا قىلىۋېتىپتۇ. ئولسى ئەپەندى خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق جىنايەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئەينى ۋاقىتتىكى دىكتاتور مىلوشىۋوچنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئالبانىيەگە ئوخشايدىغانلىقى ،خىتاينىڭ ئۇيغۇر قازاق قىرغىز قاتارلىق پۈتۈن بىگۇناھ شەرقى تۈركىستان يەرلىك خەلقى بىلەن دۈشمەنلىشىپ كىشىلەرنى رادىكاللىشىشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. زىيارەت قىلدۇرغان خىتاي پەرۋايىدا يوق “ بۇنداق مەكتەپلەردىن 68 بار، 500 مىڭدەك ئادەم تەربىيىدە، بىز ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيلەپ قويىۋاتىمىز، بېقىۋاتىمىز، مىننەتدار بولىشى كىرەك“ دىگەندەك مەنىدە گەپ قىلغان. ئولسى ئەپەندى خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان ئارىسىنىڭ ئېچىلغىنىنى ئېيتىدۇ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن ئەڭ ياخشى جازا لاگىرلىرى بۇ قەدەر ۋەھشى بولسا قالغانلىرى قانداقتۇ دەپ سوئال قويىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ شوك بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن لى فامىلىلىك خىتاي چىچاڭشىپ قايتقاندىن كىيىن سەلبى خەۋەر بىرىشمەيسەن ۋەھاكازا دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلىغان، باشقا مۇخبىرلار ماقۇل دىگەن. 
ئۈچىنچى : ئولسى ئەپەندى ئاخىرقى كۈنى كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا مەسچىت زىيارىتى قىلىمىز دەپ چىڭ تۇرىۋالغان. ئولسى ئەپەندى قەشقەردىكى مەسچىتتە پۈتۈنلەي ياشانغانلارنىڭ ناماز ئوقىغىنىنى ئېيتىدۇ. قەشقەدىكى جازا لاگىرى راستىنلا مەكتەپكە ئوخشايدىغان بولۇپ مۇدىرى ئۇيغۇر ئىكەن. بۇ يەردە كىشىلەر ۋەئەلەيكۇم سالام، مەن مۇسۇلمان دەپ جاۋاپ قايتۇرغان. ئاقسۇدىكى ۋەقەدىن كىيىن ۋە تورغا قويۇلغان ۋىدىئولاردىن كىيىن خىتايلار شۇنداق دەڭلار دەپ بۇيرۇق قىلغان بولىشى ئىھتىمال دەيدۇ. 
تۆتىنچى : ئولسى ئەپەندى خىتاينىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى يەنى تۇڭگانلار(خىتاي مۇسۇلمانلار)غا ئەركىنلىك بىرىلگەنلىكى ھەتتا ئۇلارنىڭ دىنى مەكتەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىراق دىننى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ پەقەت ۋە پەقەت خىتاي بولمىغان، كۆپ سانلىق شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، ئۆزبەك، قىرغىز) خەلقىنى ئېغىر باستۇرىۋاتقىنىنى قايتىلاپ ئېيتتى. 
بەشىنچى : بازارلارنى زىيارەت قىلغاندا ئۇيغۇرلاردىن سوئال سوراش ئاساسەن مۇمكىن بولمىغان، سەۋەپ بىر ياقتىن ئۇيغۇرلار قاتتىق قورقۇنچ ساراسىم ئىچىدە چەتئەللىكنى كۆرۈپلا پېتراپ قاچقان. يەنە بىر سەۋەپ خىتايلار بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان. تۈرك مۇخبىر بىلەن پاراڭلىشىشقا جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇرلار يىراقتىن خىتاينى كۆرۈپلا دەررۇ قېچىپ كەتكەن. ئولسى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز زىيانكەشلىكىدىن قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىر ياقتا پۈتۈن ھوقۇق، ئىمتىياز، سودا مەنپەئەتلىرىدىن بەھىرلىنىپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولاۋاتقان مۇستەملىكىچى خىتايلار بولسا يانا بىر ياقتا خىتاينىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان قاتتىق زۇلىمى ئىچىدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىگىلىرى روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان. ئولسى ئەپەندى يەنە تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە زىيارەت جەريانىدا ھېچقانداق مەشغۇلات ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى، ھەممىنى خىتاي ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئولسى ئەپەندى بۇ زىيارەتتىن قاتتىق روھى زەربە يىگەن بولۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ چىدىيالمىدىم، (روھى جەھەتتىن ) تۈگىشەي دىدىم دەيدۇ. ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە دۈشمەن ئەمەسلىكىنى ئەسلى غەرپنىڭ خىتاي ئۈستىدىكى ”يالغان پىروپاگاندا“ سىنى ئېچىۋېتىشكە بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينى تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇنچلۇق جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا چاقىرىق قىلغان.

About admin

Leave a Reply