جىنازا نامىزىغا تەكلىپ

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس دەستەكچىسى، ياخشى يامان كۈنلەردە ھەر زامان يېنىمىزدا بولغان ھۆرمەتلىك ئەخمەت سارىكۇرت  (AHMET SARIKURT )ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يېقىندىن قوللاپ ھەر زامان ھەر يەردە يىغىن- مۇراسىملار، نامايىش پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان سەۋداسى بىر دوستىمىز ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدۇق، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بۈگۈن ئارىمىزدىن ئايرىلدى.

مەرھۇمغا جانابىي ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز، ئائىلىسىگە ۋە يېقىن دوست – يارانلىرىگە سەبىر تاقەت تەۋسىيە قىلىمىز. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

مەرھۇمنىڭ جىنازى نامىزى بۈگۈن يەنى 2019 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى چارشەنبە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇل فاتىھتىكى فاتىھ جامئىدە ئوقۇلىدۇ. بارلىق ھەمشەھەرلەرنى جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

 شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

About admin

Leave a Reply