پائالىيەتلەر

تۇراندىكى بىچارە ۋەتەن شەرقى تۈركىستان نامدا يىغىن ئېچىلدى

 تۇراندىكى بىچارە ۋەتەن شەرقى تۈركىستان نامدا يىغىن ئېچىلدى

 

 2013 – يىلى 2-  يانۋار چارشەنبە كۈنى ئىستانبول مارمارا ئۈنىۋېرسىتىتىدا تۇراندا “ بىر  يىتىم ۋەتەن شەرقى تۈركىستان “ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا نۇرغۇن ئوقۇغىچىلار قاتناشقان بولۇپ ، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىگە ۋاكالىتەن  ، جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر قاتناشتى.

مارمارا ئۈنىۋېرسىتىتى تۈرك مەدەنىيەتى ۋە تەتقىقات كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان تۇراندا “ بىر يتىم ۋەتەن شەرقى تۈركىستان“ ئۇنۋانىدىكى بۇ يىغىندا ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات فاكۈلتىتى ئاساسى تۈرك تارىخى ماجىستىرلار كافېدىرا رەئىسى پروفېسسۇر دوكتۇر مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتىتى تۈرك تەتقىقات ئىنىستۇتى تۈرك تارىخى بۆلۈمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى، مارمار ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇچۇر – ئالاقە فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو تېلىۋېزىيە پىروگرامما ئىشلىگۇچىسى ۋە نازارەتچىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

يېغىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يېغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا كۇلۇب رەئىسى ئالپەرەن گۆرگۈلۈئەر سۆز قىلدى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئاتوم سىناق رايونى قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىڭ ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى زىكىر قىلغان گۆرگۈلۈئەر، ئۆزلىرىنى ئىنسان ھۇقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتكەنلەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلگەندە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئۈچ مايمۇن ئويۇنى ئويناۋاتىقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبنىڭ باشلىقى ئالپەرەن گۆرگۈلۈئەر سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز تۈرك مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىي ۋە مىللىي مەنىۋى قىممەتلىرىمىزگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن ئېچىۋاتىمىز. چۈنكى بىز بىزنى بىز قىلىپ ياشاشقا يول كۆرسەتكەنلەرگە ئەگىشىپ ياشاش يولىنى تاللىدۇق. بىزنى بىز قىلغان ئۆتمۈشىمىز، دىنىي ئېتىقادىمىز ۋە تارىخىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى بىز كۈلتۈر، تارىخ دەپ چۈشىنىمىز. بىز ئۇلۇغ دىنىمىزنى دىيار-دىيارغا تارقاتقان، ۋىيانادىن سەددىچىن سېپىلىگىچە، ئەرەب دىيارىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسلام دىنىنى مۇداپىئە قىلغان بىر ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى. پەخىرلىك ئەجدادلىرىمىز تارىخ سەھنىگە چىققان جۇغراپىيە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئىچىدە بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاتا ماكانىمىز شەرقىي تۈركىستاندۇر.

ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەرنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:
64 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك دەپ جار سېلىۋاتقانلارنىڭ ۋە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەنلەرنىڭ ھېچقاچان تىلىغا كەلمىدى. ئۆزلىرىنى ئاتالمىش ئەركىنلىك پەرۋانىسى دەپ داۋا قىلىۋاتقانلار، قۇياش چىققان تەرەپتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالمىدى ۋە ئۇلارغا كۆز يۇمدى. بۈگۈنكى پروگراممىمىز 64 يىلدىن بۇيان ئاتا ۋەتىنىمىزدە بىچارە ھالەتتە قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە ئازراق بولسىمۇ ئورتاق بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيانى فەتھى قىلغان، فەتھى قىلىپلا چەكلىنىپ قالماستىن ئادالەت بىلەن تىنچلىق بەرپا قىلغان بىر مىللەت مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننى ئويلاپ باقايلى. مۇسۇلمان بولۇش جىنايەت، تۈرك بولۇش تېخىمۇ جىنايەت بولىدىغان بىر يەر شەرقىي تۈركىستان.

ئالپەرەن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: سۆزلىرىمنى ئۇلار ئاڭلىيالمىسىمۇ، بىزنىڭ بارلىقىمىزدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولمىسىمۇ سۆزۈمنى ئۇلارغا سالام يوللاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن. ئەي! دىنىمىز ئۈچۈن ئىڭرىغان قېرىنداشلىرىم سىلەرگە سالام!. ئەي! شۇنچە زۇلۇم ئاستىدا مىللىتىمىز ئۈچۈن ياشىغان قېرىنداشلىرىمىز سىلەرگە سالام بولسۇن!

كېيىن يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:  شەرقى تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇنۇتۇلغان بىر پارچىسى ۋە قانىغان يارىسىدۇر، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈگى، شەرقىي تۈركسىتاندا ھونلار، ئۇيغۇرلار، كۆكتۈرۈكلەر، قاراخانىيلار دۆلەت قۇرغان تارىخى بىر جۇغراپىيە. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركلەر شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشى كېرەك بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىش ئۆتمۈشىمىزگە ، تارىخىمىزغا، تۇپراقلىرىمىزغا ئىگە چىققانلىقتۇر دېگەن مۇساجان ئەر، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنىڭ بىر رايۇندىن يەنە بىر رايۇنغا بىرىشى ئۈچۈنمۇ رۇخسەت ئېلىپ مىڭىشىقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەسكەرلىرى يول ۋە مەھەلىلەرگە تۇساق قويۇپ ئىنسانلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋەزىيەتنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى يوقلۇقىنى ھەركىمنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن غەم – ئەندىشە ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە قول سېلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇرىيەت گرىبىدىكى 16 يۇلتۇزنىڭ 3 دانىسى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

 كىيىن شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق كۈرەشچىلىرىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى ۋە زالىم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 23 يىل نەزەربەنتكە ئېلىنغان قاتتىق قىيىن قىستاققا ئۇچىرىغان  مۇجاھىد ، غازى بارات ھاجىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ھۆججەتلىق فىلىم كۆرسىتىلدى.

 سۆز قىلغۇچىلاردىن پروفېسسۇر مۇئەللا يۈجەل خانىم، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيەدە بىر جامائەت پىكرى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ تارىخى ئۆتمۈشىگە نىسبەتەن بەك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

 كىيىن دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى، شەرقى تۈركىستاننىڭ يېقىن زامانقى سىياسى تارىخى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 160 يىللىق ۋەقەلەرنىڭ  بىر مۇستەقىللىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى ۋە مۇنداق دېدى: شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ غەربىگە ئېىچىلغان بىر ئىشىكى بولغاچقا ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتايلار شەرقى تۈركىستان بىزنىڭ قەدىمى تۇپرىقىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئەمما بىزلەر تارىخچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  شۇنى ئىنىق بىلىمىزكى، خىتايلارنىڭ قەدىمى تۇپراقلىرى خىتاي سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدىكى رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، بۈگۈن قارايدىغان بولساق، خىتاي سەددىچىن سېپىلى شەرقى تۈركىستان جوغراپىيىسىنىڭ چىگرا سىرتىغا قۇرۇلغان.

دوكتۇر ئۆمەرقۇل ئەپەندى، سۆز قىلىش جەريانىدا پرويېكسىيە پلاستىكىسى ئىشلەتكەن بولۇپ، شەرقى تۈركستان ئۇمۇمى كۈرەشلىرىنىڭ تارىخىنى، رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىكىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن تارىخى توختام ۋە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈردى. ھەمدە 2008 – يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا تۈركىيەنىڭ خۇرۋاتىيەنى يەڭگەنلىكىنى تەبىرىكلەپ تۈرك بايرىقى ئاسقان ئۈرۈمچى خەلقى ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ، پەلەستىندىكى زۇلۇمدىن  10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 14 يىل مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋە ئەنگىلىيە ئىتىراپ قىلغان ھەمدە ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسىگە بەيئەت قىلغان ياقوب بەك بەدۆۋلتىنى يىقىتقاندىن كىيىن 1884 – يىلى شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى شىنجاڭغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۆمەر قۇل ئەپەندى، شىنجاڭ دىگەن سۆز يىڭى ئىگىلىۋىلىنغان يەر دىگەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي قەدىمى تۇپراقلىرى ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى، دېدى. ئۇ يەنە شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قىتىملىق جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدە توختالدى ۋە خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان ئەشەددى زۇلۇملىرىغا قارشى بىز قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ يۈزدىن بىرىنىمۇ قىلالمىدۇق، دىدى.

يېغىندا يەنە دوكتۇر ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى دۆلەت بولۇش نوقتىسىدىن ۋە دۆلەت بۇلۇشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندا 40 مىليۇن ئۇيغۇر تۈركلىرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ،  1.800000 كۇۋادىرات كىلو مىتىرلىق بىر زىمىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئايرىم دۆلەت بولۇش نوقتىسىدا ھېچقانداق كەمچىللىقى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان ئىشغالىدىن كىيىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان نۇپۇسىنى ئاز سانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاۋشار ئەپەندى، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كىيىن يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغىچە ئىز دىرەكسىز غائىپ بولغانلىقىنى ۋە ئائىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىرىشەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.  ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى دەۋا قىلىدىغانلارغا شەرقى تۈركىستان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان ئاۋشار ئەپەندى، بۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىز، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىڭلار، باشقىلارغا ئاڭلىتىڭلار دىدى.

يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغان مۇئەللا يۈجەل خانىم ، يېغىن ئەھلىگە ئاخىرىدا شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ئىسكەنجىسى ئاسىتىدا ياشاۋاتقانلار بىرىنجىدىن ئىنساندۇر ، ئىككىنجىدىن ئۇلار تۇركلەردۇر ، ئۈچىنجىدىن ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنىسانى ، مىللىي ۋە ئىمانى تۇيغۇ نوقتىسىدىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر، دىدى.

ئاخىردا كۇلۇپ ھەيئىتى تەرىپىدىن يېغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.  

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close