خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

11 – قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار «قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا» يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە ئىزچىل ئىلگىرىلىشىگە ماسلىشىپ، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان قېرىنداشلىق ۋە مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىمىزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئىستانبۇلدا 18 دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ھەمشەھەرلىرىمىز بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن غەلىبىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق چىقىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئازاتلىق يولىغا قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەش، ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى 7 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا لېكسىيە سۆزلەش، دوكىلات بېرىش ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن داۋام قىلدى. بۇ تۆت كۈنلۈك يىغىنغا تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي ئالىملار، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر بولۇپ، 200 گە يېقىن كىشى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا:

1 – «يېڭى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خىتاينىڭ تەسىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»،

2 – «خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى»،

3 – «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ (يېڭى يىپەك يولى) پىلانىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى»،

4 – «شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىىنسىپلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى»،

5 – «خىتاينىڭ پىسىخولوگىيە ھوجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى»،

6 – «خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»،

7 – «تەشكىللىنىش ئاڭ چۈشەنچىسى ۋە تەشكىلاتچىلىق روھىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى»،

8 – «خىتاي – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل – چارىلىرى»،

9 – «ئۆزگۈرىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنىڭ بەلگىلىنىشى»،

10 – «ئۆزگۈرىۋاتقان خىتاي – ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»،

11 – «ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدىكى تارىخىي ئىستىراتېگىيىلىك پىلانلىرى» قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيەلەر سۆزلەندى، مەخسۇس مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلار:

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ھوشيارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، دەۋا ئېڭى ۋە دەۋا روھىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، يوللار پەرقلىق بولسىمۇ، ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق غايىگە قاراپ، ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىق قىلىندى. بۇ پرىنسىپلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1 – ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان.

2 – شەرقىي تۈركىستان تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېمىنىدۇر.

3 – شەرقىي تۈركسىتان خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندۇر.

4 – ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق سىمۋولىدۇر.

5 – شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇيغۇرلۇق، تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قارىماسلىق كېرەك.

6- شەرقىي تۈركسىتان ئازادلىققا ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرەشنى توختاپ قالماي داۋام قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدۋار بولۇشىنى، ئاللاھنىڭ يارىدەم بېرىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىشىنى، مەيۈسلەنمەسلىكىنى، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق سەۋەپ – چارىلەر ئارقىلىق دەۋاغا ھەسسە قوشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن تەۋسىيە قىلىندى.

يىغىندا يەنە، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان دىنىي ۋە مىللىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە، يارىدەم قىلمىدى دەپ، يامان كۆرمەستىن بەلكى ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ ئەھۋالىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە  ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى پەرقلەندۇرۇپ قاراشقا چاقىرىلدى. ئىسلام دۇنياسى بىلەن ھەر ساھە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، بىرى – بىرىنى قوللاش، تارماق مەسىلىلەردە بىر – بىرىگە يول قويۇش مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە، قېرىنداش تەشكىلاتلار بىر – بىرىنى تولۇقلىغۇچى دەپ قاراش، تەشكىلاتچىلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، دەۋا يولىدا قىلىۋاتقان ھەرقانداق پائالىيەتنى ئىبادەت دەپ بىلىشنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا يەنە تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مىللىي ھەمكارلىقنى بۇزۇشقا يول قويماسلىق ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم پىكىر – تەكلىپلەر:  

1 – دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى باشقىلار سىزىپ بەرگەن يولدا ماڭماستىن، مىللىي ئاڭ، مىللىي چۈشەنچە ئاساسىدا، مىللىي مەنپەئەتنى نىشان قىلىپ، ئورتاق يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىش.

2 – تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇرا يىغىنىنى بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

3– دەۋادا سەمىمىي بولۇش، ئاكتىپچانلىق روھىنى ئۆستۈرۈش.

4 – ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈش ۋە بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىش.

5 – مائارىپ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدە ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاش.

6 – ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، زىيارەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

7 – ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلىرىدىن پايدىلىنىش.

8 – شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشنى ھەق – ھوقۇقىمىز دەپ بىلىش.

9 – شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش.

10 – شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمىز ئازاتلىققا ئېرىشمىگىچە، مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ توختىمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

11 – ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنى تاقاش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئىمزالىق خەت يازغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن دۇنيا شەرقىي تۈركىستان مەسىىلىسىدە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى قوللىغان دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز ھەمدە بىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزگە قارشى خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرگە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە خىتاينىڭ يالغان – ياۋداق، ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىققا، خىتاينىڭ زالىم ھاكىمىيەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىۋاتقان مەزلۇم مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ بىر ھەقىقەتلىكىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىقىمز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىسلام دۇنياسىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىسلامىي ۋە ئىمانىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا  چاقرىق قىلىمىز.

يىغىن جەرىيانىدا يەنە تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يېپىق يىغىندا ، «شەرقىي تۈركسىتان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرى ئۈسىتىدە جىددى مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى». يېپىق يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركسىتان مىللىي بىرلىك شۇراسىغا قېتىلغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئارىسىدا مىللىي مەنپەئەت ئاساسىدا خىزمەت – پائالىيەتلەردە بىرلىك ۋە ماسىلىشىشچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش ماقۇللاندى. يېپىق يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىككە قېتىلغان بارلىق قېرىنداش تەشكىلاتلار ئىچىدە مىللىي بىرلىك روھى تۇرغۇزۇلدى ۋە بۇ مىللىي بىرلىكنى بۇزۇشقا ئورۇنغانلارغا ۋە داۋانىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزمەكچىى بولغان ھەر قانداق شەخس ۋە گورۇھلارغا شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ روھىنى قوغدىغان ئاساستا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرۇش تەكىتلەندى. يېپىق يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە ئالاقىدار جىددى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، يىغىننىڭ تەپسىلاتى يېپىق قالدۇرۇلدى.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close