نامايىشقا چاقرىق !!!

خىتاي زۇلمى ۋە ئىشغالىيىتىگە 70 يىل بولغان بولسىمۇ، زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە قىلچە باش ئەگمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، غەزەپ نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىشقا چاقرىق قىلىمىز.

بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتاي ئىشغالىيىتىنى ھېچ قاچان قوبۇل قىلمىدۇق ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز . بىر كۈنى چوقۇم ئازاد بولىمىز . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىپ مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2019-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى

سائەت: 11:00

خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان پۈتكۈل  شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى بۇ نامايىشقا ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتنىشىشقا چاقرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

About admin

Leave a Reply