باش بەت

خىتاينىڭ جازا لاگىرى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارا سىياسەت دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2019ـ يىلى 9-ئاينىڭ 7- كۈنى «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى»،  «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۆزگۈرۈشلەر» دېگەن تېمىلاردا يىغىن ئېچىلىدى. بۇ يىغىندا ، خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋە خىتاينىڭ ھىيلە -نەيرەڭلىرىگە ئالدانماستىن  جازا لاگىرلارنى «دوزاخنىڭ نەخ ئۆزى » دەپ باھا بەرگەن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى مۇخبىر دوكتۇر ئولىسى يازېجى ئەپەندى ، ئۇيغۇر دىيارى  زىيارىتى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قاماش ئارقىلىق ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، يۈرەك ۋە مېڭىلىرىنى يۈيۈپ تاشلىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «دۇنيادا بۇنداق ۋەھىيىمىلىك بۇنداق بىر دەھشەتلىك بىر دۆلەتنى كۆرمىدىم» دېدى.

يىغىندا يەنە، ناسا ئالەم قاتناش تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق،  ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنى رەئىسى ، ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتىتى رەئىسى ئۆمەر قانات ، ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس خانىم، ئىستانبۇلدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلىدى .

بۇ يىغىننى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىنغا 1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىندا ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيىلار، دوكتۇر – پروفېسسۇرلار بىلەن ئىستانبۇلدىكى كۆپ ساندا دىنى ئۆلىمالارنىڭ ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئەڭ دىققەت تارتقان نوقتا بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ۋە ئامېرىكىدا كۈن تەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيىنىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقى بىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئەھۋال بولسىمۇ ئەمما لېكىن بۇ ئىلگىرلەشلەر خىتاينىڭ رەزىل قولىنى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىن ، ئاچا – سىڭىللىرىمىزنىڭ چېچىدىن قولىنى تارتىشقا يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنىنى كۆرىۋاتىمىز».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسنىڭ پاسسىپ ۋە مەسىئۇلىيەتسىز تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيبلىدى. ۋە «بىزنى پۈتۈن دۇنيا قوللىمىغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەق داۋايىمىزنى تاشلىمايمىز، يېڭىلمەيمىز،  ھەققىمىزنى تارتىپ ئېلىشنىمۇ بىلىمىز،  شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشقا ئېھتىياجى بار»، دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن تەتقىقاتچى دوكتۇر ئولىسى يازىجى ئەپەندى، قەشقەر ۋە ئاقسۇنى زىيارىت قىلىش جەرىيانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن لاگىرغا سۇلانغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:  جازا لاگىرلىرىغا سۇلانغانلار ئاساسلىقى، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغانلار، ھالال يىمەك يىيىشكە ئورۇنغانلار، خىتاينىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ياردەم پولىنى ئالمىغانلار لاگىرغا سۇلىنىدىكەن. لاگىردا 24 سائەت خىتايچە سۆزلىشىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن. دىنىڭلاردىن ۋاز كېچىش كېرەككەن، تىلىڭلارنى ۋە ئۇيغۇرلۇق ۋە قازاقلىق، قىرغىزلىق كىملىكىڭلارنى ئونتۇش كېرەككەن. پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگىلا ئىشنىشىڭلار كېرەككەن. بۇ يەر پەقەت جازا لاگىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئىدىيەنى روھنى كونترۇل قىلىدىغان لاگىر ئىكەن. شۇنىڭلاشقا بۇ يەردە سىلەرنىڭ جىسمىڭلارنى، روھىڭلارنى كونترول قىلىپ، مېڭەڭلەرنى ۋە قەلبىڭلارنى يۈيۈپ تاشلىماقچى بولىۋېتىپتۇ. مەن دۇنيادا بۇنداق ۋەھىيىمىلىك بۇنداق بىر دەھشەتلىك بىر دۆلەتنى كۆرمىدىم» .

دوكتۇر ئولىسى يازىجى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرشىچە، جازا لاگىرىنى زىيارەت قىلىش جەرىيانىدا ھەر زامان ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە ماڭغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر سېكىرىتارىدىن لاگىردا قانچە كىشىنىڭ سولانغانلىقىنى سورىغاندا 500 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتۇر ئولىسى ئەپەندىدىكە جاسارەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشى خىتاينىڭ خاتالىقلىرىنى دۇنياغا كۆپلەپ پاش قىلىدىغانلىقىنى  ۋە  ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە ، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئايدا بىرەر پارچە ماقالە ئۇچراتقان بولسا ھازىر ھەر كۈنى ئونلارچە خەۋەر ۋە ماقالە ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 8 – ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن،  دوكتۇر ئولىسى يازىجى ئەپەندىگە، خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرى توغرىسىدىكى كۆز بۇيامچىلىقىنى پاش قىلىپ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن  تەشەككۈر بىلدۈرۈلدى، تون – چاپان كەيدۈرۈلدى ۋە تەقدىرلەپ پىلاكەت تەقدىم قىلىندى.

بەزى كۈزەتكۈچىلەر، دوكتۇر ئۇلىسىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن  ۋىجدانى بىلەن ھېساپلىشىپ مەنپەئەتتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرغانلىقىنى.جازا لاگىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يويۇش ۋە ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قەبىھ قىلمىشلارنى دۇنياغا پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close