پائالىيەتلەر

4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

 4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

2012 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر – سەنئەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، 4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ۋەكىللەر، تەتقىقاتچىلار، زىيالىلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا، ئامېرىكا، ئاۋۇستىرالىيە، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرىمانىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، گوللاندىيە، نۇرۋىگىيە، فىنلاندىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە قاتارلىق 18 دۆلەتتىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر، تەتقىقاتچىلار، دىنى ئالىملار قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە مۇنداق دېدى: ، 4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىنىڭ بىر ھەپتىلىك كامپ پروگراممىسىدا، بۈگۈنكى دەۋردە چىقىمى ئاز بولغان، قۇرال كۈچىدىن تەسىرى  كۈچلۈك بولغان فېسبوك، تۋېتتىر، يۇتۇبى، بلوگ ۋە گوگىل قاتارلىق ئاممىۋىي تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قانداق قوللىنىش، قانداق پايدىلىنىش ۋە تېخنىكىلىك مەلۇماتلىرى توغرىسىدا مەخسۇس كۇرس بولىدۇ، تەشكىلات ۋە ئىدارە جەمئىيەتنىڭ پىلان لايىھە تۈزۈش، تەلىم – تەربىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىق توغرىسىدا مەخسۇس لېكىسىيە بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خۇسۇسىي يىغىن ۋە كېڭەشلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىپ چېقىش مەقسەت قىلىنغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەت پىلانلار، كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەت ئىستىراتېگېيىسى توغرىسىدا ئورتاق بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان قاتارلىق تۈركىيىنىڭ 20 دىن ئارتۇق مىنىستىرلارنىڭ يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى، تاشقى تۈركلەر قېرىنداشلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بەكرى بوزداغ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەدە قىلغان بولسىمۇ يىغىن ئېچىلغان كۈنى سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار جىددىي يىغىن چاقىرىلغانلىقى سەۋەبىدىن يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېگىراف يوللىغان.

يىغىندا خەلقئارالىق ئادۋۇكاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئادۋۇكات نىجاتى جەيلان، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆسەيىن ئۇرۇچ، ئىستانبۇل – كۈچۈكچەكمەجە ناھيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت بەسىم مۇفتىئوغلى،  زەيتىنبۇرنۇ ناھيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلياز ساكا، خەلقنىڭ ئاۋازى پارتىيىسى فاتىھ شۆبە باشلىقى،  ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رائىف ناس، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى ئەلىبەي يولياخشى، ئافغانىستان تۈركلىرى خەلقئارالىق ئىجتىمائى ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۆسامىتتىن سابرى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ئابدۇجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى- شەپقەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇلى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى  قاتارلىق شەخسلەر يىغىندا تەبرىك سۆزى قىلدى.

يىغىندا يەنە، ئاۋۇستىرالىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، گوللاندىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

يىغىن جەرىيانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنغان ئانا تىل يەسلى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا شېئىر ئوقۇدى، يىغىندا يەنە مۇجاھىد قەشقەرلىمۇ بىز كىم! دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكىلماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

يىغىن جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى بولغان ئىستىقلال رادىئو تور تېلېۋىزىيىسىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئىپادىلىگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشىر قىلىنغان 15 پارچە كىتاپ ھەقسىز تارقىتىلدى.

4 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى بىر ھەپتە داۋا قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ كېيىنكى قسمى تۈركىيىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدىكى سۈننەت كۆلى دېگەن ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close