نامايىشقا چاقرىق

تاجاۋۇزچى كومىنىست خىتاي جاللاتلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان 70 يىلدىن بۇيان بىر كۈنمۇ توختىماي چېكىدىن ئېشىپ خەلقىمىزگە زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ خىتاي ئىشغالىيىتىگە باش ئەگمەي ئېغىر بەدەللەرنى تۈلەپ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر كۈنمۇ توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 70- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ.
زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق پىداكار قېرىنداشلارنى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشقا ئالاھىدە چاقرىق قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
ۋاقتى: 2019-يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى سەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت: 11:00دە .
ئورنى : خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدى.
Tarabya, Çoban Çeşme Sk. No:4, 34457 Sarıyer/İstanbul

ئەسكەرتىش:

2019 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەيشەنبە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىشقا بېرىش ئۈچۈن سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدىن ئاپتۇبۇسلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتۇبۇسلار، زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنا ئىنانچ جامئى ئارقىسىدىكى يولدىن سائەت 10:00 دا قوزغىلىدۇ.
زەيتىنبۇرنۇدىن ئالاقىلاشقۇچى: كېرەم قارىم. 05359342695
سەفاكۆيدىن ماڭىدىغانلار ئۈچۈن ئاپتۇبۇسلار سۇلتان مۇرات چارداكلى بىكەتتىن سائەت 10:00 دا قوزغىلىدۇ. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاپتوۋۇز قوزغىلىدىغان ئورۇنغا بالدۇرراق كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.نامايىش 11:00 دا باشلىنىدۇ.
سەفاكۆيدىن ئالاقىلاشقۇچى: نىمەتۇللا قارىم. 05355996393


About admin

Leave a Reply