پومپىيو بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو نيۇ يوركتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بېسىم دولقۇنىنىڭ تېررورىزم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىش پايدىلىقتۇر. بۇ، خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىنى ۋە كۈلتۈرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

About admin

Leave a Reply