خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئۇيغۇرلار ئاسارەتنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزدى

1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشقا يەنە «تۈركىيە كامۇ سەن كادىرلار ئۇيۇشمىسى»، «خەلقئارا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى جەمئىيىتى»، «قىرىم تۈركلىرى ئۇرال تەتقىقات جەمئىيىتى» قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ نامايىشنى قوللاپ قاتناشتى. نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئاسارىتىنىڭ 70-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىندى. تۈركىيە ۋە ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ تارابىيەدىكى دېڭىز بويىغا توپلاندى ۋە قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە بىر كىلومېتىردەك يولدا شوئار توۋلاپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «70 يىللىق زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلسۇن!»، «تۈركىستان ساڭا جېنىم پىدا»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يۈزلەرچە تۈرك ساقچىلىرى توسۇق قۇرۇپ ئامانلىق تەدبىرلىرى ئالغان بولۇپ نامايىشچىلار توسۇقنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلاشنى داۋام قىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم ۋە قايغۇلۇق بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھۆر ۋە مۇستەقىل ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70-يىلى كۈنىدۇر. بۈگۈن ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئاسارەت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان قاراڭغۇ تارىخنىڭ باشلىنىشىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى بايرام دەپ تەبرىكلەۋاتقان بۇ كۈن بىز ئۈچۈن تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ ماتەمنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىدىغان بىر كۈنىدۇر».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئىنسانىيەتنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بىر باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلارغا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارغا خىتاب قىلىپ: «ئىنسانلىرىمىز، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› نامدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يوق قىلىش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا كۆزلىرىڭلارنى ئېچىڭلار»، دېدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلەرگە قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئەيىبلىدى.

نامايىشچىلار شوئار توۋلاشنى داۋام قىلدى، كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، «كامۇ سەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى رەمزى ئۆزمەن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورچ خانىم قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم كىشىلەرمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنى تامامەن يوق قىلىش ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بۈگۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ قىلمىشلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ مېڭىلىرىنى يۇيۇشقا، ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇشقا، ئەركىن پۇقرالىقتىن مەھبۇس پۇقرالارغا ئايلاندۇرۇشقا ئەڭ ئاخىرىدا بىر مىللەتنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشتا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى، پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى ۋىجدانغا، ئادالەتكە دەۋەت قىلىمىز. ھەقسىزلىققا، زۇلۇمغا ۋە يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

«كامۇ سەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى رەمزى ئۆزمەن ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەم ئىنسانىي، ھەم تۈركلۈك ھەم مۇسۇلمانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ دېگىنىدەك، مېنىڭ دەۋايىم شەرقىي تۈركسىتان، مەن بىر ئىنسان، تۈرك، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى مېنىڭ دەۋايىمدۇر. بىز دۇنيادا ھېچ بىر ۋاقىت ئۆزىمىزگە ئائىت بولمىغان بىر ھەقنى تەلەپ قىلمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەققىمىزنى قولىمىزدىن ئالغانغا ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورنىنى ئالىدۇ. بىز ‹كامۇ سەن› كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر زامان سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىمىز».

ئۇيغۇرلارنى مېدىيالاردا يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك ژۇرنالىست مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننى ئاجىز، ئۈمىدسىز دەپ ئويلاپ قالماڭلار، چۈنكى زۇلمەت چېكىگە يەتكەن يەردىن يورۇقلۇق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قولىمىزدا پۇرسەت ۋە شارائىتلار بار، ئەمما ئالدى بىلەن بىر باشتىن باشلايلى. ئىسىم قويايلى، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر».

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ياشىغان رايوننىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى سىلەر تېخىمۇ ياخشى بىلىسىلەر. ›بىر يول بىر بەلۋاغ‹ناملىق›يېڭى يىپەك يولى پىلانى‹ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونغا-ئۈرۈمچىگە خىتاينىڭ تەلۋىلەرچە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ رايوندا مۇسۇلمانلارنى تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئىسلام دۇنياسىغا بىر ۋەزىپە چۈشىدۇ. يالغۇز مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئەمەس بۇ بىر ئىنسانىيەت مەسىلىسىدۇر شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنياغا مەسئۇلىيەت ئارتىلىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەت خىتايغا، ئەگەر راستىنىلا يېڭى يىپەك يولى ئارقىلىق دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى بىر يەرگە جەم قىلىشنى خالىساڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭ كېرەك، دېيىشى لازىم».

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان خەۋىرى

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close