شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2011- 2012 – يىللىق خىزمەت دوكىلاتى

شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2011- 2012 – يىللىق بەرىكەتلىك خىزمەتلىرى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

شەرقىي تۈركىستان ئاللاھ تەئالانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئىنئام قىلىپ بەرگەن ۋە ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ، تارىختىكى سەلتەنەتلىك خادانلىقلىرى ،تەرەققىي قىلغان مول مەدىنىيىتى ۋە ئىسلامغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىختا نام قالدۇرۇپ كەلگەن گۈزەل دىياردىياردۇر. شۇنداقلا يەر ئۈستى بايلىقلىرى ۋە تۆت پەسىلگە خاس تەبىئى بايلىقلىرى، كەڭرى كەتكەن زېمىنى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى بايلىقلىرى بىلەن ئاچكۆز دۈشمەنلەرنىڭ داۋاملىق خىرىس قىلىپ كېلىۋاتقان، بۇ يەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبەك تاتار، شىۋە قىرغىز، مۇڭغۇل قاتارلىق يېقىنقى يىللاردىكى سىتاتىكار بويىچە بولغاندا 35 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن سۈيۈملۈك دىياردۇر.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەزەلدىن بۇ دىيارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى تۇرۇقلۇق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز ھۇجۇم قىلىشى، تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنىدى. بۇنڭ ئىچىدە سالغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغىنى مانجۇ ۋە خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى ئىككى ئەسىردە يۈرگۈزگەن ئىستىلاسى ۋە تاجاۋۇزلىرى بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 1949 ­– ­يىلىدىن بېرى يۈرگۈزىۋاتقان ئوچۇق ئاشكارا تاجاۋۇزلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان ھالدا داۋام قىلىشىدۇر.

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ئوت ئىچىدە كۆيىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭدىكى ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش، جاھىل قالدۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن دىنىدىن، مىللىتىدىن، تىلىدىن ۋە ۋەتىنىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالماس بولۇپ قالغان مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانلىرىنى ئويغۇتۇپ، ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەن ھۆرلۈك ۋە ھەقىقىي بەختلىرىنى قولغا ئېلىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئىنسان ۋە ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن 2006- يىلى 5- ئاينىڭ 24- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىشىش جەمىيىتى “ بولۇپ قورۇلدى. جەمىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋە غايە نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىخلاسنى ئاساس، غەيرەتنى تايانچ، نەتىجىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ پىداكارانە خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان كۆزگە كۆرۈنەرلىك خىزمەت نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. ۋە بۇ نەتىجىلەر يىلدىن يىلغا بەرىكەتلىنىپ ماڭدى. 2011- يىلدىن 2012- يىلنىڭ يېرىمىغىچە بولغان خىزمەتلەرىمىز يۇقىرىقى بەرىكەتلىك خىزمەتنىڭ داۋامى بولۇپ بۇ بىر يېرىم يىل جەريانىدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلەندى ۋە ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى1

.سىياسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىمىز

سىياسى خىزمەتلەردە بۇندىن بۇرۇنقى سىياسى خىزمەتلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەرنىڭ ئىجتىمائى ئۈنۈم ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىش يولىدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.

1.   زىيارەتلەر:

2.    2010  – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى كورت ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدە 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئىستىراتىگىيە دەرسلىرى:

 

3.   2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئىستىراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيە دەرسىگە، لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەھمەت گۈنەي ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، مەھمەت گۈنەي ئەپەندى قانداق قىلغاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى.

4.   2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئىستىراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيە دەرسىگە، لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى يەھيا جىفرى ئەپەندى، ”قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە ھاياتتا دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ“ دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەردى

5.   خاتىرلەش پائالىيەتلىرى

6.    2011– يىلى 3-ئاينىڭ 5 – كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى بارات ھاجىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

7.   ھەر ئايدا بىر قېتىم شەنبە كۈنى چوڭ دەرس

 

 

 

 

 

   3 ۋەتەنخەلقئۈچۈنخىزمەتقىلىشئارزۇسىبولغانۋەتەنئىچىۋەسىرتىدىكىياشلاربىلەنشەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق ئىسلام دۇنياسى ئىجىتمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ شۇنداقلا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندى ۋە ئاممىۋىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇپ ئۇ تەشكىلاتلار بىلەن خىزمەتلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

8.   2011– يىلى 3-ئاينىڭ 5 – كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى بارات ھاجىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

9.   شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى شەنبە كۈنلىرى ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ  قېتىمقى ئايلىق سۆھبەت يىغىنى 2010 _ يىلى 12 _ ئاينىڭ 4 _ كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 17:00 تىن 20:00 غىچە جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

10.                  ئىستانبۇلنىڭ   زەيتىنبۇرنۇ   شەھەر   باشقۇرۇش   ئىدارىسى   بىلەن   ئامىستىردام ئوربانكوزموپولىتانس ۋەخپىنىڭ بىرلكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- 6 ‏-كۈنلىرى زەيتىنبۇرنۇنىڭ سودا مەركىزى بولغان ئولىۋىيۇم سودا سارىيىدا، قول ‏- ھۆنەرسەنئەت، مىللىي ئۆرۈپ ‏-  ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە پائالىيىتىئۇيۇشتۇرۇلدى.  بۇ پائالىيەتكە قول ‏- ھۆنەر سەنئەت خەلق بازىرى دەپ نام بېرىلدى.

11.                  بۇ كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر خانىم قاتارلىق ئۇيغۇر ئاياللار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر ئايالچە بادام ۋە چىمەن دوپپىللىرى، كانۋايكۆينەكلىرى، ئاياللارنىڭ ئەتلەس كۆينەكلىرى، شارپا، قولدا ئىشلەنگەن رەشىدىيە، ياستۇق قېپى دېگەنگە ئوخشاش مىللىي مەدەنىيەتكە ئائىت ھەر خىل

12.                   

13.                   بۇيۇملارنى كۆرگەزمىگە قويدى. كۆرگەزمە مەيدانىغا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن تۈركىيە بايرىقى ئوخشاش يەرگە ئېسىلغان بولۇپ،  بۇ بايراق زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتنى تارتتى.

14.                  2012– يىلى12ئاينىڭ 10 – كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خۇسۇسەن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىنسانپەرۋەر پائالىيەتچىلەر كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يىغىن مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ، نامايىش قىلىپ كەلمەكتە.   دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

15.                  2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئى ھا ھا مەركىزىدە ئىستانبۇلدىكى پۈتكۈل ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ ماۋىي مارمارا كېمىسىنى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە تەشۋىقات ئورگانلىرى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ۋە مۇساجان قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت قاتناشتى.

16.                  2010- يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى شىمالىي ياۋرۇپا ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 30 – نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۋېتسىيەنىڭ پايىتەختى ستوكھولۇمدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا مىسىر، كۇۋەيت، ئەنگىلىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە ياۋرۇپادا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ ساندا ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋاكالەتەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم، جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  ئاۋۇستىرالىيىدىن ئابدۇسالام ئابدۇغېنى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى.

17.                  2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جەمئىيىتىمىزنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم بىلەن دوكتۇر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ياۋرۇپانى زىيارەت قىلىش جەرىيانىدا شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.

 

18.                  2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئىستىراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ قېتىملىق دەرس پروگراممىسىغا ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى  مەھمەت گۈنەي ئەپەندى قانداق قىلغاندا دىنىي ئېتىقادنى ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا لېكىسىيە بەردى.

 

19.                  2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ياۋرۇپانى زىيارەت قىلغان جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياۋرۇپا زىيارىتى جەرىيانىدا شۋېتسىيە ۋە نورۋىگىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  گوللاندىيىگە يېتىپ باردى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى.

20.                  شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەسئۇللاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت 2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 2011- يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە ياۋروپانىڭ شۋېتسىيە، نۇرۋىگىيە، گوللاندىيە، شۋىتسارىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى 15 زىيارەت قىلىپ ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ئاممۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

21.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە 2010 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلەردىن دوكىلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

22.                  شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا 2011- يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى  ۋە  ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلار مەسئۇلى ئايشەنۇر بىلگى خانىمنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

 

23.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ8 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە 2010 – يىللىق خىزمەت – پائالىيەتلەردىن دوكىلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، 15 كۈنلۈك ياۋرۇپ زىيارىتىدە، شۋېتسىيە، نۇرۋىگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە ۋە گېرىمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش جەرىياندا ھىس قىلغان زىيارەت تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2010 – يىللىق خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى.

24.                 
 2011
يىلى 1- ئاينىڭ 7 – كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئېرول قايا ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئايخان ئوگان ئەپەندى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

25.                  2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزدە كەلگۈسىمىزنى قانداق بەلگىلەيمىز دېگەن تېمىدا ئىستىراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ ئىستىراتېگىيە دەرسىتە سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئىستىراتېگېيە مۇتەخەسىسى يەھيا جىفىرى ئەپەندى كەلگۈسىمىزنى قانداق بەلگىلەيمىز دېگەن تېمىدا لىكىسىيە بەردى.

26.                  2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تۈركىيە  TV5تېلېۋىزىيىسىدە، تۈركىيە پۇقراسى  ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ تاجىكىستاندا تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈلدى. بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتنىشىپ، تاجىكىستاندا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۈچ ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىگە خىتاپ قىلىپ ئۈچ ئۇيغۇرنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

27.                  2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپى، تۈركىيە گۆنۈللۈ تەشەككۈللەر ۋەخپى، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىنىىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، تۈركىيىگە خىتاپ قىلىپ 3 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىيە پۇقراسىنى دەرھال قۇتقۇزۈشقا چاقىرىق قىلدى.

28.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تاجىكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1- ئاينىڭ 8 – كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن ئابدۇلخەمىت داۋۇتئوغلۇ، ئەخمەت رەشىت ۋە كەمال ئۆمەرئوغلۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

29.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ ۋە ئاقساراي رايونلىرىدا تەسىس قىلىنغان ئانا تىل يەسلى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىشلىق تەتىل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم تەربىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىيە تارقاتتى.

30.                  2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىستانبۇل – ئەسەنلەر رايونىدىكى ئەدنان بۈيۈكدېڭىز زامانىۋىي ئېلىكتورۇنلۇق كۇتۇبىخانىسىنى زىيارەت قىلدى.

31.                   2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە 5 – فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ قىرغىنچىلىقتا خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىيانە شەھىد قىلىنغان ۋە تۈرمىگە قامالغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

32.                   5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەتقىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلداتۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

33.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۇپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 3 – نۆۋەتلىك يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلاش ئۈچۈن 2 – ئاينىڭ 17 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە مۇزاكىرە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. مۇزاكىرە يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش نازىر ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى قاتناشتى.

34.                   2011 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى تۈرك دۇنياسى يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى 2011 ‏- يىللىق تارىخ تەتقىقات قىلىش پروگراممىسى بويىچەئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كازلىچەشمە مەدەنىيەتمەركىزىنىڭ ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا ”شەرقىي تۈركىستان تارىخى،ۋە يەرلىكباشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش باسقۇچى“ دېگەن تېمىدا تەتقىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياز ساكا، شەرقىيتۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئىلغار ئالىپكتېىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋەھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتناشتى.

35.                   2011 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئىستىراتېگىيە دەرسى ئۆتۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيە دەرسىگە، لېكسىيە بېرىش ئۈچۈن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى يەھيا جىفرى ئەپەندى، ”قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە ھاياتتا دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ“ دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەردى.

36.                  2011‏- يىلى 3‏-ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىيتۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، مەرھۇمۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى بارات ھاجىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرلەشمۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپساندا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمدا جەمئىيەت باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجانرىياسەتچلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىقجەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، باش كاتىپ دوكتۇرئالىمجان ئاتاۋۇللاھ سۆز قىلىپ مەرھۇم بارات ھاجىمنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاتتى.

37.                   2011‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىشەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەنئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم بارات ھاجىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزقىلغان ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خىتاينىڭزۇلۇملىرى دېگەن تېمىدا توختىلىپ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئېغىر بېسىم ۋەزۇلۇملارنى ئاڭلاتتى ۋە ئۆزىنىڭ 12 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ۋە تۈرمىدە تارتقانئازاپ – ئوقۇبەت ۋە قىيىن – قىستاقلارنى، تۈرمىدە كۆزى بىلەن كۆرگەنناھەقچىلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بەردى.

38.                  2011- يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 50 كە يېقىن ئوقۇغۇچى ئىستانبۇلدىكى تارىخى ئورۇن دولما باغچى سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

39.                   2011- يىلى 3 – ئاينىڭ 30 كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە يىغىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت – پائالىيەتلەرگە ئالاقىدار مۇھىم تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرلەر ئېلىپ باردى.

40.                  2011– يىلى 4 – ئاينىڭ  تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18:00 دە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە ﺑﺎﺭﯨﻦ جىھادى ئىنقىلابتا شەھىد بولغان مۇجاھىدلارنى خاتىرلەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

41.                  2011– يىلى 4 – ئاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى دەرسكە يەمەندىن كەلگەن ئىسلام دەۋەتچى، مۇھەممەد رامىزان ئىسىملىك ئالىم كىشى تەكلىپ بىلەن كېلىپ لىكىسىيە بەردى. بۇ قېتىمقى ئىستىراتېگىيە دەرسىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

42.                  2011– يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت فوندىنىڭ يىغىن زالىدا  ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

43.                  2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30  – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشىتى. يىغىندا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئۆمەر دېنچىر ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

44.                  2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 14  – كۈنى تۈركىيىنىڭ MPL تېلېۋىزىيىسنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدىكى پروگراممىلىرىدىن تۈرك ئىسلام بىرلىكى پروگراممىدا تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پروگراممىغاشەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ قاتنىشىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسنى ئاڭلاتتى.

45.                  2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 14  – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ناملىق كىتاب، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە قاراشلىق، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

46.                  2011– يىلى 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيىنىڭ پايىتەختى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە  مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

47.                  شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى  ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مەركىزىدىكى مەيداندا  شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسى ئېچىلدى.

48.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 6 ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى  2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4– كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

49.                  2011 – يىلى 5 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان. «يەسلى سىنىپى دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق كىتاب سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

50.                  2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىنىڭ ئېچلىشى مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كۈلتېر – سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

51.                   3 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2011 ـ يىلى 19 ـ ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى، بولو شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت رايونى بولغان «سۈننەت كۆلى»دە، 7 كۈن داۋام قىلدى ۋە 26– ئىيۇن كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

52.                  2011 ـ يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارىدى.

53.                  2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 2– كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 7 – ئايىلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

54.                  2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 6– كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى مۇستافا دەستىجى ئەپەندىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن تەشەككۈر ئېيىتتى.

55.                  2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 4– كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ تەربىيىلەش مەقسىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىلدى.

56.                  2011– يىلى 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 80 دىن ئارتۇق ئاياللار ۋە ئۆسمۈر بالىلار چاناققەلئە شەھىدلەر قەبرىستانلىقىنى ۋە تارىختا يۈز بەرگەن چاناققەلئە ئۇرۇش مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلدى

57.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى 18– ئىيۇل كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلەپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

58.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى 8 – ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

59.                  2012 – يىلى 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇل ۋوۋ مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پروگراممىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتناشتى.

60.                  2011- يىلى 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەردىن 100 ئائىلىگە پۇل تارقىتىلدى.  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىقتىسادى تۇرمۇش ئەھۋالى قىيىن، ماددى ئىمكانىيىتى تۆۋەن مۇھتاج ئائىلىلەردىن 100 ئائىلىنى تىزىملاپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ۋە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم فوندى بىلەن ئالاقە قىلىپ 100 ئائىلىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى قولغا كەلتۈردى ۋە  ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 250 تۈرك لىراسى يەنى 150 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە پۇل تارقاتتى.

61.                  2011 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى يىپەك يولى رېستۇرانىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىستىراتېگېيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى 

62.                  2011– يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىغا جايلاشقان ئاقدېڭىز توي زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى

63.                  2011– يىلى 09 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىشغالچى خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار تۆھمەت بىلەن 4 – ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

64.                  2011-يىلى 09 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ، جەمىيىتىمىز مەسئۇللىرى، ئىنسانى مۇداپىئە ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتى ئىمكان دەرنى زىيارەت قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 16 – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا روس مەخپى جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 3 چېچەنىستانلىق مۇجاھىدقا تەزىيە بىلدۈردى.

65.                  2011 – يىلى- 09- ئاينىڭ 23- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيىنىڭ ئۈلكە تېلېۋىزىيە قانلىنىڭ  بىۋاسىتە تارقىتىش پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

66.                  2011 – يىلى- 09- ئاينىڭ 25- كۈنى جەمئىيىتىمىز ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ گۈزەل باغچە ۋە دالا ساياھىتىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورنى بولغان ئەمىرگاننى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ساياھەتكە، ئاياللار ۋە ھەر خىل ياشتىكى ئوقۇغۇچى قىز ۋە پەرزەنتلەردىن بولۇپ 40 قا يېقىن كىشى قاتناشتى.

67.                  2011 – يىلى- 09- ئاينىڭ 30- كۈنى تۈركىيىنىڭ TV Net  تېلېۋىزىيە قانىلدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پروگراممىغا جەمئىيىتىمىزنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىب دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىىسىدا توختالدى.

68.                  2011- يىلى 10- ئاينىڭ 1 – كۈنى جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنىڭ 63 يىللىقى توغرىسىدا سۆز قىلىندى.

69.                  10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان سۇففا ۋەخپىنىڭ رامىزان بەي قاتارلىق مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان  5 كىشىلىك بىر ھەيئەت  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

70.                  جەمئىيىتىمىز، قەرەللىك ھالدا چەتئەلدىن داڭلىق پروفېسسورلارنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستىراتېگىيە ۋە دىنى سۆھبەت پروگراممىلىرىغا ئاساسەن، 2011 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ قېتىملىق يىغىنغا  مىسىرلىق داڭلىق دەۋەتچى شەيىخ مۇھەممەد رامىزان تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ”مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش“ ھەققىدە ئىنتايىن قىممەتلىك سۆز قىلىپ بەردى

71.                  2011- يىلى 11 – ئاينىڭ 07 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇربان ھېيتلىق ھېيتلىشىش ۋە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

72.                  2011 – يىلى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدىكى ئاكگۈن مېھمانخانىسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باش مۇرشىدى دوكتۇر مۇھەممەد بەدىئ تۈركىيىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.  بۇ  قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە گۆنۈللۈ تەشەككۈللەر ۋەقپى، ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپى، دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى، بابى ئالەم جەمئىيتىى، ھېكمەت جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.

73.                  2011– يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى  ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 – يىلىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۆزۈلدى. شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى

74.                  2011– يىلى11 ئاينىڭ 12- كۈنى تۈركىيىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى ۋە  1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقى خاتىرىلەندى. يىغىنغا جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىدىن  ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزغان قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشتى.

75.                  11‏- ئاينىڭ 19-20‏- كۈنلىرى ئىسپانىيەنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 1300 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايوندىكى ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا، خەلقئارالىق ئىسپانىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا 50 دۆلەتتىن ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدا 4 كىشلىك بىر ھەيئەت قاتناشتى. يىغىننىڭ 2‏- كۈنى يەنى 20‏- نويابىردىكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

 

76.                  2011 – يىلى 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، جەمئىيىتىمىزنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن تۈركىيىنىڭ ۋان ۋىلايىتىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە يىغىلغان نەق پۇل ۋە ماددىي ئەشيالار ۋاندىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن يەتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى ياردەمدە يىغىلغان ئومۇمى نەرسىلەر نەق پۇل 5274 تۈرك لىراسى.431 دانە پوپايكا.31 دانە قىشلىق بالىلار چاپىنى.15 دانە ئەدىيال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

77.                  2011 – يىلى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تۈركىيىدىكى مەشھۇر رادىئو ئىستانسىلىرىدىن بىرى بولغان سەير ئەف ئەم  SEYR FM   102.2 رادىئوسى ”يەر يۈزى كۈنتەرتىپى“ ناملىق پروگراممىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركستان ۋە ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار تارتىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما تارقاتتى.بۇ پروگراممىغا جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

78.                  2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 4 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە،  ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

79.                  شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ”ئىستراتېگىيە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى“ دېگەن تېمىدا مۇھىم لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

80.                  2011 – يىلى  12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تۈركىيە ئىستانبۇل توپكاپىدىكى ئېرىسىن مېھمانخانىسىنىڭ يېغىن زالىدا ”قىزىل تۇرنا ئاياللار جەمئىيىتى“نىڭ 3 – قېتىملىق ئالاھىدە يىغىلىش مۇراسىمىدا قېرىنداشلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ ”ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز“ دېگەن شۇئار ئاستىدا، يىغىلىش زالىغا كىرىدىغان كەڭرى كارىدوردا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۈچۈن ئايرىلغان يەردە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمى كۆرگەزمە ئېچىلدى

81.                  2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ياۋرۇپا زىيارىتىنى شۋېتسىيەدىن باشلىدى ۋە شۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبەتلىشىش بىلەن بىرگە شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت كاپلان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.

82.                  جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن 26 – كۈنىگىچە شۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى « رابىت ئىسلام » نىڭ يىغىنىغا قاتناشتى.

83.                  2012 – يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى يەكشەنبە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىدىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتناشتى ۋە يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان، گېرمانىيە قاتارلىق جايلاردىكى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن سىراجىددىن ئەزىزى، ئابدۇلئەھەد ھاجىم ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ھاجىم قاتارلىق ئىلىم  ئەھلىلىرىمۇ قاتناشتى.

84.                  2012 – يىلى 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ،  12- ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاخرىغىچە ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئېلىپ بارغان 11 كۈنلۈك زىيارىتى توغرىسىدا توختولۇپ، زىيارەتتىكى ئاساسى مەقسىتى، ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە ياۋرۇپانىڭ قانداق بىر ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ”جەمئىيەتننىڭ خىزمەت دوكىلاتى“ ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتتى.

85.                  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى 

86.                  2012-يىلى 1 – ئاينىڭ 29 – جەمئىيەت مەركىزىدە 3 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئومۇمىيۈزلۈك سايلام ئۆتكۈزۈلدى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى قايتىدىن سايلاپ چىقىلدى.

87.                  2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستىراتېگىيە توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ لېكىسىيە بېرىش يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ «ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا لېكىسىيە بەردى.

88.                  شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2012 – يىل 5 – فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 09:00 دا، بۇندىن 15 يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا شەھرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ”غۇلجا قىرغىنچىلىقى“ نىڭ 15 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىدلەرنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

89.                  2012– يىلى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بىلىم سەنئەت ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى فارۇق دېڭىز ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا 6 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈتۈپخانىسىدا سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى

90.                  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋاتقان زالىم خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 2012 – يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تۇرغان ئەنقەرەدىكى خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىغا قارشى ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايشىتىن كېيىن، ۋەكىللەر تۈركىيە پارلامىنتىنى زىيارەت قىلدى ۋە پارلامىنت ئىچىدە تۈركىيە مۇخالىپ پارتىيلىرىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسىنىڭ ھەپتىلىك پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

91.                  شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت يىغىنى 2012 – يىل 03 – ئاينىڭ 04 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىغىندا 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قاغىلىقتا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىندى.

92.                  2012 – يىلى 3– ئاينىڭ 17 – كۈنى كەچ سائەت 10:00 دىن 12 گىچە داۋام قىلغان تۈركىيە TV5  تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا،  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بۇ پروگراممىدا ۋەتەننىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۆتكەنكى يىللاردا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقبالى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆز قىلىندى، پروگرامما بىۋاستە تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ۋە دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

93.                  2012 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە مەخسۇس ئاياللار ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىنغا  ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال قاتناشتى. 

94.                  2012- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدىكى يەسلى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھالال يېمەك – ئىچمەكلەرنى تەكشۈرۈپ سالاھىيەتنامە تارقىتىش جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ بالىلارغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش گۇرۇپپىسى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغانىدى. فۇسۇن خانىم ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى بىلەن كەلگەن گۇرۇپپا يەسلى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالدى بىلەن  ئىككى سىنىپقا ئايرىپ ئۇلارغا ئالما، ئۈزۈم، بانان، ئانار قاتارلىق مېۋىلەر ۋە قوي، كالا، توخۇ، مايمۇن، ئېيىق، پىل، چوشقا، بېلىق قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى بېسىلغان رەسىم بوياش قەغەزلىرى ۋە بۇلارنىڭ كىچىك سۈنئىي نۇسخىلىرى شۇنداقلا سۈت، مېۋە سۈيى، گازلىق ئىچىملىكلەردىن كوكا كولا، فانتالار بىلەن بالىلارغا قايسىلىرىنىڭ ھالال ۋە پايدىلىق، قايسىلىرىنىڭ ھارام ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بالىلار چۈشىنەلەيدىغان چۈچۈك تىللار بىلەن چۈشەندۈردى.

95.                  2012 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ توپكاپى ئاقگۈن مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا تۈركىيەدە خىزمەت كۆرسەتكەن مۇھىم شەخسلەر، ئالىملار، پارلامېنت ئەزالىرى، ۋالىي، ھاكىملار، شەھەر باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى سۇرئىچى گۇرۇپى ناملىق جەمئىيەتنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش سېكرىتارى مۇستافا ئىسەن ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. 

96.                  2012 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە زەيتىنبۇرنۇ دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان،  ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا «تۈركىستان مۇنبىرى» قۇرۇش پىكىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلجېلىل تۇران، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر قاتناشتى.

97.                  2012 – يىلى 3 –ئاينىڭ 31 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ  ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا لېكىسىيە بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ”مىراسىمىز“ جەمئىيىتى مەسئۇلى دوكتۇر مەھمەت گۈلساتار تەكلىپ قىلىندى ۋە ۋاقىتنى پىلانلاش دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

98.                  4 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى كەچتە يەنە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى شۆبىسىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا شۆبنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، بىرلىك -باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە جامائەتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا توختالدى

99.                   2012 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۆبىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جەلال ئەرباي، ئىنسان مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن يۈسۈپ ئوجالان، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ سابىق رەئىسى پروفېسسۇر نىجاتى جەيلان قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى

100.            2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە تەتقىقاتچى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ ئەنقەرەگە بېرىپ، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بەكرى بوزداغ بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مىنىستىر بەكرى بوزداغقا بىر تۈركۈم مۇھىم تەلەپلەرنى سۇندى.

101.            2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ۋە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەت ئابدۇراخمان زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى مۇستافا دۇندار بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، مۇساجان ۋە ئابدۇلئەھەت ھاجى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىىتىنىڭ خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ھاكىم مۇستافا دوندارغا دوكىلات بەردى. بۇ ئۇچرۇشىششتا يەنە جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە مەسئۇلى ئابدۇقادىر ۋە يۈنۈسجانلار ھاكىم مۇستافا دۇندارغا تونۇشتۇرۇلدى. 

 

102.            2012 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 13‏- كۈنى تۈركىيە ساكارىيە ئۇنىۋېرىسىتى دىنى ئىشلار فاكولتېتى قىزلار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ – ئادەتلىرى،  تارىخى، سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ساكارىيە ئۇنىۋېرىستى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قانتاشتى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە تەتقىقاتچى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

103.            2012 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 14 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىستىراتېگىيىسى توغرىسىدا لېكىسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمغا يىغىندا ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، «نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىستىراتگىيىلىك پىلان تۈزۈش» توغرىسىدا لېكىسىيە بەردى.

104.            2012 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارا ئەركىن ئۆزبېكىستان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تېمىسى، ئۆزبېكىستان دىكتاتۇر ھاكىمىيەتتىن قانداق قۇتىلىدۇ دېگەن مەزمۇندا بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشتى

105.            2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدا جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرۇشىىشتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ خىزمەت – پائالىيىتى توغرىىسدا مەلۇمات بەردى. بۇ ئۇچرىشىشتا ھەيئەت يەنە شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن بىلەن بىر قىسىم مۇھىم خىزمەت – پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

106.            2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدا جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن تەركتىپ تاپقان 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت يەنە زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا بىلەن ئۇچراشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار خىزمەت – پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە

شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن مۇساجان ئەر تەييارلىدى

2012- ماي

ئىستانبۇل

 

 

 

About admin